قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالما ئۆستۈرۈشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، قاقاسلىققا بەخت دەرىخىنى تىككەن چېن بوسى

2018-11-03 17:59:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن چېن بوسى ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرى باجىياخۇ كەنتىدىكى دېھقان. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئالما ئۆستۈرۈشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، قاقاسلىققا بەخت دەرىخىنى تىكتى.
ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىرى، قىشنىڭ باشلىرىدا، چېن بوسى ئۆز بېغىدا كەنتتىكىلەرگە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۆگىتەتتى. كەنت ئاھالىسى خەن لەيتاۋ چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە چېن بوسى تەشكىللىگەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، قىرقىش ئىشلەمچىلەر ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چېن بوسىغا ئەگىشىپ باشقىلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى چاتاپ بەرسەك، كۈنىگە 200 يۈەن پۇل تاپالايمىز.
  1989- يىلى چېن بوسى باجىياخۇ كەنتىدىكى 15 مو قاقاسلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، 300 تۈپ مېۋىلىك كۆچەت تىكتى. ئەمما، تېخنىكا بىلمىگەچكە، 15 مو يەردىكى مېۋىلىك دەرەخ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. چېن بوسى مۇنداق دېدى: مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تۇتمىدى. ئايالىم ماڭا بۇ ئىشنى قىلماسلىقنى ئېيتتى، لېكىن مەن يەنىلا ئۆز پىلانىمدا چىڭ تۇردۇم.
  چېن بوسى باشقىلاردىن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى يېتىشتۈرۈشكە دائىر كىتابلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى. ئاخىرى مېۋىلىك دەرەخنىڭ تۇتماسلىقىدىكى سەۋەپنى تاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلتۈرۈلگەن كۆچەتلەر سۇ كەمچىل بولغاچقا تۇتماي قالغانىكەن. كىتاب كۆرۈش، باشقىلارغا تېلېفون بېرىپ سوراش ئارقىلىق، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلتۈرۈلگەن كۆچەتلەرنى ئاۋال سۇغا 24 سائەت چىلاپ قويۇپ ئاندىن تىكسە، تۇتۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم.
  مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن چېن بوسىنىڭ بېغى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئۇ ئۆستۈرگەن ئالمىنىڭ تەمى ياخشى بولغاچقا، ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «لاۋچېن ئالمىسى» دەپ ئاتالدى. 1995- يىلى چېن بوسى كۈيتۈندىكى بىر مېۋىلىك باغدىن بىر نەچچە يېڭى سورتنىڭ نوتىسىنى ئېلىپ، بۇ بىر نەچچە تال نوتىنىنى ئۆزىنىڭ بېغىدىكى مېۋىلىك دەرەخكە ئۇلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ نوتىنى تاشئالما ۋە باشقا سورتتىكى ئالمىلارغا ئۇلىدىم. «لاۋچېن ئالمىسى»نىڭ نامى شۇنىڭدىن باشلاپ يىراق- يېقىنغا تارقالدى.
  بۇ بىر نەچچە تال نوتا-- چېن بوسىنىڭ ئالما سورتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. چېن بوسى 8 يىل قايتا- قايتا تەجرىبە قىلىپ، يېڭى سورت-- شىرنىلىك شاپتۇل ئالمىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ خىل ئالمىنىڭ سۇ تەركىبى يۇقۇرى، تەمى تاتلىق بولغاچقا، ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر بۇ ئالمىنى تالىشىپ سېتىۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، 70 ياشتىن ئاشقان چېن بوسى ھېلىھەم تىرىشىپ كۆرەش قىلماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى، غەلىبە مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە «لاۋچېن ئالمىسى» نى پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرىمەن. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى