قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچېز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2018-11-03 18:28:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ جولۈن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 1- كۈنى خەلق سارىيىدا سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچېز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ سانچېزنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو سالۋادور بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، سىياسىي جاسارەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن توغرا تارىخىي خاراكتېرلىك تاللاش چىقاردى، جۇڭگو خەلقى سىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىڭىزنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان تاللىشى بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن، چىڭ تۇرىدىغىنى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق راۋاجلىنىش پىرىنسىپى. جۇڭگو- سالۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان قىسقىغىنا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك يۈزلىنىش نامايان قىلىندى. ئۇ، جۇڭگو- سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ تارىخ ئېقىمىغا ماسلاشقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. جۇڭگو تەرەپ سالۋادور تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى، ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- سالۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بىلەنلا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا يۆنىلىشنى بېكىتىش، ئاساس سېلىش، رامكا ئورنىتىشتەك مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو- سالۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو- سالۋادور مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، جۇڭگو تەرەپ سالۋادوردىكى ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىك، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو- سالۋادور مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سالۋادور تەرەپنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، تەدبىر قوللىنىپ سالۋادور مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا توشۇلۇش يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانىلار سۇبيېكت بولغان، بازار بەلگىلەيدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان پىرىنسىپ بويىچە سالۋادور تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سالۋادورغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشىنى، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشىنى، سەمىمىي تىجارەت قىلىشىنى، شۇ جاينىڭ جەمئىيىتىگە كۆپرەك سىڭىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، خەلققە يېقىن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۇقرالارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مائارىپ، داۋالاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە سالۋادورنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سالۋادور تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى بىلەن تەمىنلەپ، سالۋادور تەرەپ بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيەلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سالۋادورنى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشقا بارىدىغان مەنزىل دۆلىتى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە قوشۇلىدۇ. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى، كارىب رايونى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك.

  سانچېز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سالۋادور جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، سالۋادور خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، بۇ تۈپ جەھەتتىن خەلققە بەخت يارىتىدۇ. سالۋادور بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. سالۋادور- جۇڭگو ئىككى دۆلەت نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشاش مەيدانغا ئىگە. سالۋادور- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇم، سالۋادور تەرەپنىڭ سالۋادور- جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سالۋادور جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيدۇ. سالۋادورمۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزدىكى ھەمراھىمىز. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى سالۋادور تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشىنى ئىنتايىن ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. سالۋادور تەرەپ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد- سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ساياھەت، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش، مائارىپ، پۇل مۇئامىلە، پەن- تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، سالۋادورنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. سالۋادور تەرەپ يېقىندا سالۋادور قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاقتىدا ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. سالۋادور جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا سانچېز ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، ۋاڭ دۇڭمىڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، شاۋ خۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى