قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك بىلەن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ قەيسەرلىكى

2018-11-03 23:24:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈ كېشۈن


  قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكدىن ئىبارەت تەبىئىي شەيىلەر گەۋدىلەندۈرگەن قەيسەرلىك، جۇڭگو مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى-- ئالدى بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەققانىيەت يولىدا ئاكتىپ ئىلگىرىلەشتەك كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسىگە ئەمەل قىلىشىدىن كەلگەن. بۇ قەدىمقىلار ئېيتقان «تەبىئەتنىڭ ھەرىكىتى كۈچلۈك، ئالىيجانابلار شۇنىڭغا مۇناسىپ، تەبىئەتكە ئوخشاش ئۆز- ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تىرىشىشى، قەيسەر بولۇشى، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك» دېگەنلىك. قەدىمكىلەر «ئۇلۇغۋار روھ» نى يېتىلدۈرۈشنى، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر خىل جاپا- مۇشەققەتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن روھىنىڭ مەنبەسى.
  قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك جۇڭگولۇقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەبىئىي شەيئى، شۇنداقلا جۇڭگولۇقلار قەدىرلەيدىغان ئىنسانىي روھنىڭ سىمۋولى. بۇ خىل كىشىلىك قەدىر- قىممەت سىمۋوللاشتۇرۇلغان شەيئى ھەم جۇڭگو مەدەنىيەت روھىنىڭ نامايەندىسى ھەم جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى.
  جۇڭگودا قەدىمدىن تارتىپلا تەبىئەتنى ئادىمىيلاشتۇرۇش ئەنئەنىسى بار. بۇ ئەنئەنە قەدىمكى كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈش تەجرىبىسىدىن كەلگەن بولۇشى، يەنە كېلىپ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان پەلسەپىسى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان پەلسەپىسىدە «تەبىئەت بىلەن ئادەمنى بىرلەشتۈرۈش، شەيئىلەر مەن بىلەن ئوخشاش» دېگەنگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. شۇڭا، تەبىئىي شەيئىلەر ئاسانلا ئادىمىيلاشتۇرۇلىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئىرادىسى، شەيئىنى ئادەمگە ئوخشىتىش بولۇپ، تەبىئىي شەيئىنى مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك قەدىر- قىممەتنىڭ سىمۋولى قىلىشمۇ بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بولۇپ قالغان. بۇ خىل ئادىمىيلاشتۇرۇلغان تەبىئىي شەيئى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك، كەترەن، جۈخاردىن ئىبارەت بۇ بەش خىل ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك «قىشتىمۇ سولاشمايدىغان ئۈچ دوست»، قارىئۆرۈك، كەترەن، بامبۇك، جۇخار «تۆت ئېسىلزادە» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاددىي ساۋات. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ لىرىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھېسسىيات تەلىپى ۋە ئىدىيە مەنىسى كۆپ ھاللاردا مۇشۇ شەيئى تەسۋىرى ئارقىلىق ياكى بۇ تەسۋىر ھاسىل قىلغان مەقسەت ئارقىلىق يارىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇمۇ جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامان ئەدىبلىرى تەمكىن خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھاياتىنى چېنىقتۇرىدىغان مۇھىم پايدىلىنىش ئوبېكتىۋى بولغان. شۇڭا، قەدىمكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تەبىئىي شەيىئلەر بىلەن قوشنا بولۇشنى ياخشى كۆرگەن، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، سۇ شى خۇاڭجۇغا سۈرگۈن قىلىنغاندا، بىر يەرلىك ئەمەلدار ئۇنى يوقلاپ بېرىپ، ئۆزى يالغۇز بۇ يەردە زېرىكىشلىك ھېس قىلغان ـ قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، سۇ شى ئىشىك سىرتىنى كۆرسىتىپ: بۇ يەردە «مەيىن شامال، بۇلاقلارنىڭ بۇلدۇقلىشىدىن ھاسىل بولغان يېقىملىق مۇزىكا بار، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان قارىغاي، بامبۇك ۋە قارغا پۈركەنگەن مېيخۇا گۈلى زىمىستان قىشنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى». شۇڭا، قانداقمۇ زېرىكىشلىك بولسۇن؟ دېگەن ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە بىر جۈملە سۆزى «گۆش بولمىسا مەيلىكى، بامبۇك بولمىسا بولمايدۇ» دېگەن سۆزىمۇ ناھايىتى داڭلىق. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، قارىئۆرۈككە مەپتۇن بولغان لىن بۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆيلەنمەي، قارىئۆرۈك تىكىپ، تۇرنا بېقىپ ئۆتكەن ئىكەن.
  بۇ تەبىئىي شەيىلەر ئىچىدە، قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكنىڭ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ كۆپ گۈزەل پەزىلەت ۋە ئەخلاق- پەزىلەت ئاتا قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەلۇم تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنىڭ بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرگەن قەدىمكىلەرنىڭ ئۆزىدىن بولغان، شۇنداقلا يەنە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك قەدىر- قىممەت تەلىپى مەۋجۇت بولغانلىقىدا. جۇڭگودىكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ جاھاندارچىلىق قىلىش قارىشى، كىشىلىك قەدىر- قىممەت قۇرۇلمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەم ھايات يولىغا قەدەم قويۇشتا  ئېھتىياجلىق بولغان ئاكتىپ ئىلگىرىلەش، ھەققانىي، سادىق، قەيسەر پەزىلەت ۋە ئىرادىنى تەكىتلىگەن ھەم دۇنياغا كەلگەندىلا ئىگە بولغان نۇقسانسىز، ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدىغان، نام- ئاتاققا قىزىقمايدىغان، تىنچ، ئەركىن ھېسسىيات ۋە ئىرادىگە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ خىل مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك قەدىر- قىممەت تەلىپى دەل قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس كەلگەچكە، قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك تەبىئىيلا قەدىمكىلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان. ماركس: «ئوبيېكت قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى، ئوبيېكتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ماھىيەتلىك كۈچىنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق»، «ھەر بىر ماھىيەتلىك كۈچنىڭ ئۆزگىچىلىكى دەل شۇ ماھىيەتلىك كۈچنىڭ ئۆزىگە خاس ماھىيىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوبىكىتلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزگىچە شەكلى» دىگەن. قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك قاتارلىق تەبىئىي شەيىلەر جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ماھىيەتلىك كۈچىگە ماس كېلىدىغان خاراكتېرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىي روھىنىڭ ئوبېيكت شەيئىسىگە ئايلانغان. مۇشۇنداق بىر ئوبېيكتلاشتۇرۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ تەبىئىي شەيىلەر مەنىۋى مەدەنىيەت سىستېمىسىغا كىرىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بەزى مۇھىم ئىپادىلەش ئالامەتلىرى ۋە تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. بۇ خىل ئوبېيكتلاشتۇرۇلغان تەبىئىي شەيئىلەر يەنە ئۇنىڭ ئوبېيكتلاشتۇرۇلۇشتەك ئۆزگىچە ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، كۆپ ھاللاردا ئېستېتىك سەنئەت ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ يەنە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكنى ياخشى كۆرۈشى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ھوزۇرلىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىچكى خىسلىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ھۇزۇرلىنىدۇ. بۇ خىل پەزىلەتكە قارىتا گەرچە قەدىمكىلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تاۋلاش ۋە يىغىنچاقلاش قىلغان بولسىمۇ، مەسىلەن: قارىغاي شاخلىرى تۆمۈرگە ئوخشايدۇ، قىشتىمۇ سولاشمايدۇ، بامبۇكنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك سىرتى تۈز، قۇرۇپ قالسىمۇ ئىگىلمەيدۇ، قارىئۆرۈك سوغۇقتىن قورقمايدۇ، تاشقى مۇھىت قانچە جاپالىق بولسا شۇنچە روھلۇق كۆرۈنىدۇ قاتارلىقلار بولسا ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن بۇيان جۇڭگولۇقلار ھۆرمەتلەپ ۋە تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بىر خىل قەيسەر روھ. بۇ خىل چىن سۇلالىسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى تارىخى دەۋردىكى كۇڭ زى ئېقىمىدىكىلەرنىڭ «ئۇلۇغۋار روھى» دىن كېلىپ چىققان قەيسەر روھ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە داڭلىق شەخسلەرگە باھا بىرىش، ھۆسنخەت ۋە رەسىملەرنى باھالاشقا، كېيىن يەنە ئىلمىي ماقالە يېزىشقا ئىشلىتىلىپ، مۇھىم ئەدەبىيات نەزەرىيەسى كاتېگورىيىسىگە ئايلىنىپ، تارىخدىكى شېئىرلارنى يېڭىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ خىل «شەخسلەرگە باھا بىرىش» نى چىقىش قىلىپ، «ئىنسانىي گۈزەللىكنىڭ باھاسى» دىن باشلانغان، شۇنداقلا يەنە پۈتكۈل سەنئەت ساھەسىگە تارقالغان ئېستېتىكا، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك نامىغا ئوخشاش، شۇڭا قەيسەر روھ ھەم ئېستېتىكا كاتېگورىيىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەدەنىيەت ئىلمى كاتېگورىيىسىگە تەۋە. گۈزەللىك ساھەسىدە ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئۆلچەم، مەدەنىيەت ساھەسىدە بولسا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرىنىڭ نامايەندىسى. دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكنى ياخشى كۆرۈشى بىر خىل ئېستېتىك زوق، شۇنداقلا بىر خىل مىللىي پىسخىكا ۋە مىللىي روھنى نامايان قىلىدۇ.
  قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكتىن ئىبارەت تەبىئىي شەيىلەر گەۋدىلەندۈرگەن قەيسەرلىك، جۇڭگو مەدەنىيەت ئەنەنىسىدە شۇنداق مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى ئالدى بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەققانىيەت يولىدا ئاكتىپ ئىلگىرىلەشتەك كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسىگە ئەمەل قىلىشىدىن كەلگەن. بۇ قەدىمقىلار ئېيتقان «تەبىئەتنىڭ ھەرىكىتى كۈچلۈك، ئالىيجانابلار شۇنىڭغا مۇناسىپ، ئىش قىلغاندا، تەبىئەتكە ئوخشاش ئۆز- ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تىرىشىشى، قەيسەر بولۇشى، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك» دېگەنلىك. قەدىمكىلەر «ئۇلۇغۋار روھ» نى يېتىلدۈرۈشنى، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر خىل جاپا- مۇشەققەتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن روھىنىڭ مەنبەسى. لېكىن، بۇنداق ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى رېئاللىقتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، رېئاللىق بىلەن توقۇنۇشۇپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قېلىپ، باش ئېگىشنى خالىمىغاندا، بىر خىل مۇستەقىللىق، تەبىئەتتىن ھالقىپ كەتكەن ياكى تاغ- دەريالارغا، دولقۇنغا ئوخشاش پوزىتسىيە بىلەن رېئاللىققا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە يەنە قەدىمكى كىشىلەر تەرىپىدىن بىر خىل ۋىجدان ياكى سالاپەت دەپ قارالغان، لېكىن ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسا بىر خىل پاسسىپ كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، قەيسەر روھ يەنە خاراكتېر جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.
  قەدىمكى زاماندىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ھازىرقى زامان جۇڭگولۇقلار ئېيتقان قەيسەر روھ بىر تەرەپتىن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە زامانىۋى روھنىڭ تەسىرىگە ئىگە. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا، قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈك بىر خىل تەبىئىي شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئادىتىدە ئانچە ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەنىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇپ كەلدى. بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان پەرق. ھازىرقى كىشىلەر قارىغاي، بامبۇك، قارىئۆرۈكدىن ھوزۇرلانغاندا، ئۇلارنى مەدھىيىلىگەندە ئەلۋەتتە قەيسەر روھقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يېڭى چۈشەنچە ۋە شەرھىلەش بېرىلگەن. بۇ كۆپىنچە ئىنقىلابچىلار ۋە ئىنقىلابىي روھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. مەسىلەن: چېن يى يازغان «قارىغايلارنى قار باسقان بولسىمۇ، قارىغايلار يەنىلا ناھايىتى تۈز ئىدى» دېگەن شېئىردەك.
  جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى غايەت زور تارىخىي خەزىنە، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنۈش سىستېمىسى قويۇق ۋە چەكسىز «سىمۋول خاراكتېرلىك ئورمان». بىز بۇ غايەت زور خەزىنىنى ئېچىپ، بۇ قويۇق ۋە چەكسىز «سىمۋول خاراكتېرلىك ئورمان» غا تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەنىۋى ئوزۇق كىرگۈزسەك، بىزنىڭ ئالدىمىزدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، بىپايان مەدەنىيەت مەنزىرىسىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى