قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆرۈشۈش

2018-11-03 23:25:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1932- يىلى كۈزدە، مەن شاڭخەيدىكى ئەنگلىيە ئاپتوموبىل شىركىتىدە بېلەت ساتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم.
  بىر كۈنى چۈشتە، سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئىسمېنا ئالمىشىشقا يەنە يېرىم سائەت قالغان ئىدى. كۆڭلۈمدە: «نېيشەن كىتابخانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىردەم يامغۇردىن دالدىلىنىپ، ئارام ئالاي» دەپ ئويلىدىم.
  كىتاپخانىدا بىرمۇ خېرىدار يوق بولۇپ، پەقەت كەينىدىكى پۇكەينىڭ يېنىدا ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋاتاتتى. مەن ئىچىگە قاراپ قويدۇم، ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا، ئۆينىڭ ئىچى قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى، شۇڭا پەقەت جەنۇبتا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئورۇق، ئەللىكنىڭ قارىسىنى ئالغان جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالىدىم.
  مەن كىتاب جازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كىتاب كۆرۈشكە باشلىدىم.
  ئىشىك سىرتىدا سىم- سىم يامغۇر كۈز شامىلىدا يۆنىلىشسىز قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرەتتى. دۇكاننىڭ ئىچى سوغۇقتىن گەمىگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، سوغۇق ھاۋا ئىشتان پۇشقىغىدىن ئۈستىگە ئۆرلەيتتى. توساتتىن، مەن جازا ئۈستىدە توغرىسىغا بىر قاتار تىزىلغان خەنزۇچە «ھالاكەت» دەپ يېزىلغان كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. «ھالاكەت»؟ بىر ژۇرنالدا ياخشى كىتاب دەپ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. كىتاب ئارقىسىغا «لۇشۈن تەرجىمىسى» دېگەن ئۈچ خەت بېسىلغان بولۇپ، مەن خۇددى كاپالەتكە ئىگە بولغاندەك، كىتاب جازىسىدىن دەرھال بىرنى تارتىپ ئالدىم.
  مەن ئاۋۋال خاتىمىسىنى كۆردۈم، لېكىن بىرىنچى بەتنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكى بەتلەرنى ئاچقىلى بولمىدى چۈنكى كىتابنىڭ قىرى كېسىلمىگەن ئىدى. پاكار ھەم قاۋۇل ئوتتۇرا ياشلىق ياپونىيەلىك-- نېيشەن خوجايىن يېنىمغا كەلدى.
  «ئەپەندىم، بۇ كىتاب قانچە پۇل؟» دەپ سورىدىم. جۇڭگوغا ھېسداشلىق قىلىدىغان نېيشەن خوجايىنغا، مەن ھەمىشە «ئەپەندىم» دەپ ھۆرمەت بىلدۈرەتتىم.
  ئۇ قىزغىنلىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، كىتابنىڭ ئاخىرقى بېتىنى ۋاراقلاپ: «بىر يۈەن 4 پۇڭ» دېدى.
  مەن خىجىل بولۇپ كۈلۈپ قويدۇم ۋە كۆڭلىكىمنىڭ يانچۇقىنى سىلىدىم، يانچۇقۇمدا بىر كويدىن كۆپرەك پۇل قالغان بولۇپ، ئۇ مەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئىشسىز قالغان ئىشچى دوستۇم ئىككىمىزنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك تاماق پۇلى ئىدى. قاراملىق قىلغىنىمدىن ئازراق پۇشايمان قىلىپ، قىزىرىپ تۇرۇپ: «قىممەتكەن» دىدىم.
  ئۇ مېنىڭ تەڭلىكتە قالغىنىمغا دىققەت قىلماي، توم، قىسقا بارماقلىرى بىلەن يېشىل رەڭلىك قېلىن رەخت قەغەزنىڭ مۇقاۋىسىنى سىلاپ تۇرۇپ: «قانداقسىغا قىممەت بولىدۇ؟ قاراڭ ما قەغەزگە......» دېدى.
  كىتاپنىڭ قەغىزى قېلىن، خەتلىرى ئېنىق بولۇپ قېلىن كىتاب ئىدى. قولىدا تۇتسا، بىر خىل رەھەت تۇيغۇ بېرەتتى.
  «بىرنى ئېلىڭ، بۇ كىتاب بەك ياخشى» دېدى ئۇ.
  مەن ئارىسالدى بولۇپ: «تاماق يېمىسە بولمايدۇ، لېكىن كىتاب بەك ياخشى ئىكەن، بىرنى سېتىۋېلىپ كارىۋات بېشىمغا قويۇپ قويۇپ، ئىسمېنا ئالمىشىپ قايتىپ كەلگەندە، نەچچە ئون بەتنى ئوقۇسام، ھادىغىم چىقاتتى، شۇنداق بولسا نېمىدېگەن ياخشى ھە!» دەپ ئويلىدىم. كىتابنى قويۇپ قويۇشقا كۆزۈم قىيمىدى، ئالمايمەنمۇ دىمىدىم.
  نېيشەن خوجايىن بۇ چاغدا بىرەر ئالامەتنى بايقىغان بولسا كېرەك، كۈلۈپ تۇرۇپ ئىچىگە قاراپ بىر ئېغىز ياپونچە گەپ قىلغان ئىدى، نېيشەنگە گەپ قىلغان ھېلىقى بوۋاي تاماكا چىشلەپ چىقىپ كەلدى.
  ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئورۇقلىقىدىن ئادەمنى ئەندىشىگە سالاتتى، خۇددى ئېغىر كېسەلدىن يېڭى ساقايغان ئادەمگە ئوخشاش. ئەمما، ناھايىتى تىتىك بولۇپ، ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى. چېچى ياسالمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، چاچلىرى تال تال ۋە تىك تۇراتتى. ساقال- بۇرۇتلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان بولۇپ، خۇددى قېنىق سىياھدا يېزىلغان خەنزۇچە «يى» دېگەن خەتكە ئوخشايتتى.
  «بۇ كىتابنى سېتىۋالامسىز؟» دەپ سوراپ ماڭا قاراپ قويدى. ئۇنىڭ ھەققانىي ۋە مېھرىبان كۆزلىرى ماڭا دادامنى ئەسلەتتى.
  مەن تۆۋەن ئاۋازدا: «شۇنداق» دېدىم.
  ئۇ جازا ئۈستىدىن بىر كىتابنى ئالدى، بەت شەكلى، قەغەز سۈپىتى «ھالەكەت» دېگەن كىتاپقا ئوپمۇ- ئوخشاش ئىدى، پەقەت ئۇنىڭدىن قېلىنراق، مۇقاۋىغا «تۆمۈر ئېقىم» دېگەن ئىككى خەت بېسىلغان ئىدى.
  ئۇ بامبۇك نوتىسىدەك ئىنچىكە قولى بىلەن كىتابنى ماڭا سۇنۇپ بەردى، يەڭلىرى بېغىشقا چىڭ ئورالغان ئىدى. ئۇ: «بۇ كىتابنى ئېلىڭ، بۇ كىتاب ئۇنىڭدىن ياخشى» دېدى.
  ئۇ كىم؟ مەندەك ئادەتتە سەل قارالغان ئىشچىغا شۇنداق سەمىمىي نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ؟ مەن ئىشىكتىن كىرگەندىلا ئازراق گۇمان قىلىپ قالغان ئىدىم. ھازىر تېخىمۇ ئىككىلىنىپ قالدىم. كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىساممۇ، چوقۇم بىرئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.
  «ئەپەندىم، مەن ئالالمايمەن، پۇلۇم يەتمەيدۇ ......» دېدىم، گېپىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئۆزۈممۇ ئاڭلىيالمىدىم، قانداق قىلسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيتتىم.
  ئۇ: «بىر يۈەن پۇلىڭىز بارمۇ؟ بىر يۈەن!» دېدى.
  مەن بىردىنلا غەيرەتكە كېلىپ: «بار» دىدىم.
  ئۇ: «مەن سىزگە ئىككىنى بىر يۈئەنگە سېتىپ بېرەي» دېدى.
  «نىمە؟» مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا قارىدىم: «يۈزى ئاق سېرىق، ئورۇقلىقىدىن ئادەمنى ئەنسىرتىدۇ؛ چاچلىرى ئۇزۇن ھەم تۈز؛ تاۋار ئەستەلىك ئۇزۇن چاپان؛ خەنزۇچە «يى» خېتىگە ئوخشاش بۇرۇتى. سول قولىدا سېرىق مۇشتەك تۇتۇۋالغان، تاماكا سالغان تەرىپى قارداپ كەتكەن.... بۇ چاغدا مەن تۇيۇقسىز قايسى ژۇرنالدىكى بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېسىمگە ئالدىم.
  «ھە! سىز، سىز» مەن دۇدۇقلاپ، خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كېتەي دەپ قالدىم. چوقۇم شۇ! خاتا ئەمەس، چوقۇم شۇنداق! ئۇ ئىسىم مېنىڭ قەلبىمدە قالايمىقان سەكرەپ كەتتى، مەن ئەتراپقا قارىدىم، لېكىن سەكرەپ كەتمىدىم.
  ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئېتىراپ قىلغان مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى، خۇددى مېنىڭ كۆڭلۈمدە دېمەكچى بولغىنىمنىڭ ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك. بۇ قېتىم خاتا ئەمەس، دەل شۇ! زۇلمەتتىن ئالۋاستىدىن نەپرەتلەنگەندەك نەپرەتلىنىدىغان، ھاياتىنى مىللىتىمىزگە تاپشۇرغان، قېرىغانسىرى تېخىمۇ قەيسەر بولغان جەڭچى. مەن يەنە ئۇنىڭ يۈزىگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارىدىم-- ئىنتايىن ئورۇق! بىزنىڭ بۇ جەڭچىنىڭ سالامەتلىكىنى ئارام ئالمايدىغان جاپالىق خىزمەت تۈگەشتۈرگەن. ئۇ مېنى مۇكاپاتلىغان قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپ، «تۆمۈر ئېقىم» دېگەن كىتاپنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ: «بۇ كىتابقا ئەسلىدە پۇل ئالمىساقمۇ بولاتتى، بىراق ساۋ ئەپەندىنىڭ كىتابى بولغاچقا، ھازىر سىزدىن ئاران بىر يۈەنلا پۇل ئالايلى؛ مېنىڭ ئۇ كىتابىمنى سىزگە سوۋغا قىلدىم» دېدى.   مەن تەسلىكتە كۆڭلىكىمنىڭ يانچۇقىدىن بەدەن تېمپېراتۇراسى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ قولىغا تۇتقازدىم، ئۇنىڭ قولى نېمىدېگەن ئورۇق. مېنىڭ بۇرنۇم بىردىنلا ئېچىشىپ كەتتى، يىغلىۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتىم. مەن ھۆرمەت بىلەن تازىم قىلىپ، كىتابنى كاناپ خالتىغا سېلىپ، كىتابخانىدىن چىقىپ كەتتىم. بۇ ئىشقا ھازىرغىچە تۆت يىل بولدى. بۇ تۆت يىل ئىچىدە، مەن نۇرغۇن جاپالارنى تارتتىم، باشقىلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىدىم، چىشىمنى چىڭ چىشلىدىم، غىڭشىپمۇ قويمىدىم. مەن دائىم بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرەتتىم. مەن ئۆزۈمگە: «لۇشۈن ئەپەندى بىز بىلەن بىللە!» دەيتتىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى