قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈرەش قىلغان ھايات ئەڭ گۈزەل بولىدۇ

2018-11-04 23:59:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  90- يىللاردا تۇغۇلغان قىز نيۇ يەنچىڭ 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جەمئىيەتكە يېڭى قەدەم قويغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تور سودىگىرىگە ئايلاندى. 
  يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «11- نويابىر» توردا سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. بۇ نيۇ يەنچىڭنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۇ كۈنلەردە، ئۇ ھەر كۈنى تېلېفون بىرىپ، مال بىلەن تەمىنلەش تالونىنى بېسىپ چىقىرىپ تېخىمۇ كۆپ قۇرۇق، يېڭى مېۋىلەرنى سېتىشقا تىرىشتى.
  بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن نيۇ يەنچىڭ ئاقسۇ«غەربىي يۇرت نيۇنيۇ» ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى، مىڭ يۈەنلىك ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى بىلەن ئاقسۇغا كېلىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ مېۋە- چىۋە ۋە يەل- يىمىشلىرىنى ساتقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقتىمىزدا قولىمىزدا مىڭ يۈەنلا مەبلىغىمىز بولۇپ، خىزمەت ئورنىمىزمۇ يوق ئىدى.
  نيۇ يەنچىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۆلەش سىياسىتىگە تايىنىپ، ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى باغچىسىغا كىرىپ، ئىشخانا ئورنىنىڭ ئۈچ يىللىق ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. دۇكان ئورنى، قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى، مەبلەغ قەرزىنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئۇ ئاقسۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى باغچىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاقسۇ «غەربىي يۇرت نيۇنيۇ» ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېسىمدە قېلىشىچە تۇنجى يىلى مەشغۇلات قىلغاندا، ئالما توشۇش جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلگەنىدى. بىرىنچىدىن، ۋاقىت چېكى مەسىلىسى كۆرۈلدى. قىشتىكى ئالدىراش مەزگىلدە ۋاقىت چېكى يەتتە كۈنگە يەتتى. بۇ-- خېرىدارلارغا يامان تەسىر بەردى. يەنە بىرى، ئالمىنى قانداق ئوراشنى بىلەلمىگەن ئىدىم. 
  نيۇ يەنچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باغۋەنلەردىن ئۆگەندى. ئەتىيازلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشتىن كۈزدە ئۈزۈش، قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاشقىچە ھەممە ھالقىلارغا قاتنىشىپ، ھەر بىر ھالقىنى ئىگىلىدى. ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئاستا- ئاستا ياخشىلاندى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى 6 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل 6- ئايدا، نيۇ يەنچىڭ ئۆزى پۇل چىقىرىپ جېجياڭ داشۆسىگە بېرىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئىچكىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ«بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ» دېگەنىدى. ئەمدى مەن تىرىشىش ئارقىلىق كوللېكتىپقا، شىركەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساتىمەن. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يېمەكلىك ئارقىلىق شىنجاڭنى بىلىش، ئاقسۇنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەيمەن.   تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى