قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېيجوۋ ئارىلىدىكى مانگرو ئورمىنى

2018-11-05 00:10:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ گۇجۇڭ


  يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى تۈگەپ، نەم ئىسسىق ھاۋا ئاخىرلىشىپ، سالقىن ھاۋا مېيجۇنى تولىمۇ راھەت قىلىپ قويغان ئىدى. ئەمما، بۇ يىل بۇ يەردە ئەمدىلا ھاۋا سالقىندىشىغا ئەگىشىپ، بىر مەھەل بوران- چاپقۇن يېتىپ كېلىپ، ئارالدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى گاڭگىرىتىپ قويدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قارا بوران كۆك رەڭ بىلەن كۈل رەڭگە ئارىلىشىپ كەتكەن كۆز بىلەن غۇۋا كۆرگىلى بولىدىغان ئورمان بەلۋېغى ۋە كەنتلەرنى توختىماي تەۋرىتىپ تۇراتتى، «شار- شار» قىلغان ئاۋاز بىپايان دېڭىز ۋە ئاسماننى، بۇلۇتلارنى پات- پات چېكىپ، كىشىلەرنى چۆچۈتۈپ تۇراتتى. ھېلىمۇ ياخشى، بوران- چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاسماندا كۆپكۆك بىر بۇلۇڭ ھاسىل بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قۇياش نۇرى خۇددى شارقىراتمىغا ئوخشاش ھەر تەرەپكە چېچىلدى. شۇ تاپتا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئارالدىكى شىتىڭئاۋ توسمىسىنىڭ ئاستىدا، كەڭ دېڭىز ساھىلىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان مانگرو ئورمانلىقى دېڭىز يۈزىدىكى دولقۇندىن قىلچە قورقماي، بەدىنىنى يېنىك چايقاپ، يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىۋاتاتتى.
 
  مەن دەل شۇ كۈنى يامغۇردىن كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم. ھەمراھ بولغان لاۋ شۈ ماڭا: «قاراڭ! بۇ دەل مېيجوۋ ئارىلىدىكى مانگرو ئورمانلىقى» دىدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئالدىغا سۈرۈلدۇم، كۆزلىرىم كۆرگەن كەڭ دائىرە ئىچىدە، بىر چوڭ ئورمانلىقنىڭ ساھىلنى قاپلىغانلىقىنى كۆردۈم. ئىنچىكە يۇمران شاخلار سۇغا تويۇنغان ئىدى. تەپسىلى دىققەت قىلساق، ئۇلار لاي- لاتقا ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇراتتى؛ ئېگىزلىكى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، توپ- توپ سوزۇلۇپ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەن ئىدى. يوپۇرماقلىرىنى ئاجرىتىپ قارىغاندا قىستا- قىستاڭ بولۇپ كەتكەن چاچما يىلتىزلار دەرھال نامايان بولاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۆلىنىپ ياكى قىيسىيىپ تۇرغان بولسىمۇ، ناھايىتى قائىدىلىك ھالدا ياپيېشىل ئىپتىدائىي توپ شەكلىدە تىزىلغان ئىدى. بەزى يوپۇرماق بەرگىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر نەچچە تال تۆكۈلۈپ كەتكەن گۈل بار ئىدى، ئېچىلمىغانلىرى، يۇمران غۇنچە بولۇپ قالغان بولۇپ، ئىنچىكە بىخلىرى يېشىل رەڭدە ئىدى. ئۇ خۇددى باچكا كىچىككىنە بېشىنى چىقىرىپ، بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
  ئەجابا، مانگرو ئورمانلىقىدىكى نېرۋا ئۇچلىرى يەنىلا شۇنچە ھوشيار بولۇپ، يەنە ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىۋاتامدىغاندۇ؟ ئىككى كۈندىن بۇيانقى قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، توسما ئىچىدىكى ياغاچ چاكاندا ۋە ئارچا ئازراق ھارغىن كۆرۈنەتتى. ئەمما، بۇ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز- ئوكيان تۇتاشقان جايدىكى تېيىز دېڭىز ساھىل سۈيىدە ئۆسۈپ، يىلتىزى خۇددى توردەك لاي- لاتقا ئىچىگە سوزۇلغان مانگرو ئورمانلىقى يەنىلا مەزمۇت ھالدا، قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ خۇددى دېڭىز بويىدىكى قاتار- قاتار قورقماس ئاۋانگارت قوشۇنغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
  مانگرو ئورمانلىقى دەل دېڭىز قىرغىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى!
  مەن ماتېرىيالدىن شۇنى بىلدىمكى، مانگرو ئورمانلىقى دۇنيادىكى ئاز ساندىكى بىر قانچە تۈرلەر ئەڭ كۆپ خىللاشقان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ، جانلىقلار بايلىقى ئىنتايىن مول ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلار، قۇشلار، يەنە تۈر ئۆزگەرتىدىغان يۈسۈنلار بار ئىكەن. كىشىلەر، مانگرو ئورمانلىقى مەۋجۇت بولغان دېڭىز تەۋەسىدە ئەزەلدىن قىزىل تاشقىن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بايقىغان. ئەسلىدە مانگرو ئورمانلىقى كۆپ مىقداردا ئازوت ۋە فوسفورنى قوبۇل قىلىپ، سۇنى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى «تەبىئىي سۇ تازىلاش زاۋۇتى» دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.
  ئىلگىرى ئادەتتىكى كىشىلەر مانگرو ئورمانلىقىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ناھايىتى ئاز دىققەت قىلاتتى. فۇجيەننى مىسالغا ئالساق: 1958- يىلى فۇجيەننىڭ جەنۇبىغا كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى ھۇجۇم قىلغان، جايلار زور زىيانغا ئۇچرىغان، ئەمما لۇڭخەي ناھىيەسىنىڭ جياۋۋېي يېزىسى دېڭىز ساھىلىدا قويۇق مانگرو ئورمىنى ئۆسكەچكە، بۇ جايدىكى توسمىلار تىنچ- ئامان، ئېتىزلار ناھايىتى ئاز زىيانغا ئۇچرىغان. 1986- يىلى گۇاڭشىنىڭ دېڭىز ياقىسىدا پەۋقۇلاددە زور بوران، تاشقىن بولغان. خېپۇ ناھىيىسىدە جەمىي 400 كىلومېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز توسمىسىنىڭ 300 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنى دېڭىز دولقۇنى بۇزۇپ تاشلىغان. لىكىن، توسما سىرتىدا مانگرو ئورمانلىقى بولغان دېڭىز توسمىسى بۆلىكى ئۆرۈلۈپ كەتمىگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مانگرو ئورمىنى دېڭىز قىرغىقى ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىدىكى بىر تەبىئىي مۇداپىئە سېپى.
  بىراق، شىتىڭاۋدىكى مانگرو ئورمانلىقى مەن كۆرگەن باشقا دېڭىز بويىدىكى مانگرو ئورمانلىقىغا ئوخشىمايتتى. باشقا جايلاردىكى مانگرو ئورمىنىنىڭ بەزىلىرى ئادەم بويىدىن ئېگىز ئىدى، لېكىن بۇ يەردىكى مانگرو ئورمىنى ئومۇميۈزلۈك پاكار بولۇپ، يوپۇرماقلىرى قېلىن، پېلەكلىرى قويۇق ئۆسكەن، دەرەخ غوللىرىنىڭ ئارىسىدىن خۇددى شىرنە ئېقىپ چىققاندەك ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ قۇياش نۇرىدا يىلتىز، يوپۇرماقلار تەرەپ- تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ، بۈك- باراقسان ئۆسۈپ، خۇددى غايەت زور ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايتتى.
  كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە ئۇزۇنغىچە قاراپ، ئىختىيارسىز خىياللىرىم قاناتلاندى. بىلىمەن، بۇ ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر نەرسە كىشىگە تەسىر قىلغاندا گەرچە كۆزىڭىزنى يوممىسىڭىزمۇ بەزى ئەسلىمىلەر خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.
 
  مېيجوۋ ئارىلى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن سېھرىي كۈچكە تولغان، بۇ يەردە «مېييۈ دولقۇن ئاۋازى»، «جيۇباۋلەن ئالتۇن ساھىلى» قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرىلىك جايلار بار بولۇپ، سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان. مەن بۇ ئارالغا كۆپ قېتىم قەدەم باستىم، گەرچە ھەر قېتىم بىر خىل خۇشاللىق ۋە يېقىملىق تۇيغۇغا ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن باشتىن- ئاخىر مېنى خىجىللىق ھېس قىلدۇرغىنى، بۇ جەرياندا، بۇ مانگرو ئورمانلىقى بىلەن بىرەر قېتىممۇ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقىم ئىدى.
  تارىختا، فۇجيەن دېڭىز تەۋەسىدە، ئىلگىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزىل دەرەخ ئورمان بەلبېغى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ دەرەخ غولىنى سۇ بېسىپ كەتكەندە، پەقەت ياپيېشىل دەرەخ تاجىسى دولقۇنغا ئەگىشىپ داۋالغۇپ، ھەيۋەتلىك «دېڭىزدىكى ئورمان» غا ئايلىناتتى. قەدىمكى كىشىلەر ئۇنىڭغا يېڭى خاتىرىلەرنى يازغان، ئۇلار مانگرو دەرىخى ئاستىدىكى يىلتىز غولىنىڭ پىچاق ئۇچىنىڭ قان رەڭگىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قىزىل بوياق ماتېرىيالى ياسىغان. ئۇزاقتىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىق ۋە قوغداش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىزنى قورشاپ ئېتىز بەرپا قىلىش نەتىجىسىدە، مانگرو ئورمانلىقىنىڭ كۆلىمى بىر مەھەل ئازلاپ كەتكەن.
  بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جاسارەتلىك- ياراملىق مېيجوۋلىقلار ئوتتەك ھېسسىياتى، مۇستەھكەم ئىشەنچى بىلەن بۇ ئارالدا جاپالىق ئىشلەپ، دېڭىز- ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقارماقتا. ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ئاجايىپ تۈسكە كىرگۈزۈپ، ئارال خەلقى ۋە ساياھەتچىلەرنى توختىماي ھەيران قالدۇردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ تېخىمۇ كۆپ ساھىللار قوغدىلىپلا قالماي، كۆز ئالدىمىزدىكى شىتىڭ- ئاۋخۇڭ ئورمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، كېڭەيتىلدى، ئۇلار گۈل، ئوت- چۆپ، قۇرت- قوڭغۇز، بېلىق، قۇشلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مېيجوۋ ئارىلىنىڭ ھاياتلىق لېرىكىسى ۋە ئۆزگىچە تەبىئەت خاسلىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
 «مانگرو ئورمانلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشگە ئەگىشىپ، مېيجوۋ ئارىلى مانگرو ئورمانلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭى ساياھەت نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ». بۇ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى. ھازىر بۇ يەردە مانگرو ئورمانلىقى باغچىسى قۇرۇلدى. ئۇ كەڭ دېڭىزغا يانداش چوڭ يول بويىدا بولۇپ، ئارالدىكى ئېكولوگىيە باغچىسى بىلەن بىر گەۋدە، ئۇ دېڭىز سۈيى داۋالغۇپ تۇرىدىغان دېڭىز قولتۇقىغا يۈزلىنىپ، قۇشلار ئوينايدىغان، ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدىغان غايىۋى ماكان بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ باھار سەيلىسى قىلىدىغان، قۇشلارنى تاماشا قىلىدىغان، دېڭىزنى تاماشا قىلىدىغان، تەبىئىي مەنزىرىنى ھېس قىلىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى.
  شۈبھىسىزكى، مانگرو ئورمانلىقى مېيجوۋ ئارىلىنىڭ قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان بايلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەر ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرە رايونى. لاۋ شۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىتىڭئاۋدا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريا بولمىغاچقا، تاتلىق سۇنىڭ قوشۇلىشى كەمچىل بولۇپ، تۇزلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، مانگرو ئورمانلىقىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر ئاستا ئىكەن. شۇڭا، كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن سۈنىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان تېرىقچىلىق سىنىقى بىر مەھەل ئوڭۇشلۇق بولمىغان. بۇ يىللاردا ئارالنىڭ ئېكولوگىيە قۇرغۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، كۈزلۈك پىدىگەن دەرىخىنىڭ تۆرەلمىلىك مايسىسىنى تاللاپ چىقىپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە قىستۇرۇپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مانگرو ئورمانلىقى ساھىلدىكى يېڭى ئەسكەرلەر، دېڭىز قىرغىقىدىكى يېڭى ئارزۇ بولۇپ قالغان.
  بۇلارنى چۈشەنگەندىن كېيىن، مېنىڭ قەلبىمدە بىر خىل قايىل بولۇش ھېسسىياتى پەيدا بولدى. بۇ چاغدا، مانگرو ئورمىنى ياغاچ ئاسما يولنى ئۆلچەپ سىزىدىغان ئىككى يەرلىك خىزمەتچى كېلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «كۈزلۈك پېدىگەن دەرىخىدىن ئىبارەت بۇ مانگرو ئورمانلىقى بولغاچقا، بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئارالدىكى بېلىقچىلارنىڭ بېلىق تۇتۇش تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى.» ئۇلارنىڭ دىيىشىچە كۈزلۈك پىدىگەن دەرىخى يەنە «دېڭىز- ئوكيان ئۆپكىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىنى قوغداش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدىكەن، شۇنداقلا نۇرغۇن تېيىز دېڭىز جانلىقلىرىنى ئەڭ ياخشى ماكانغا ئىگە قىلغان ئىكەن. نۆۋەتتە شىتىڭئاۋ مانگرو ئورمانلىقى سوزۇلغان ساھىلىدا نۇرغۇن قىسقۇچپاقا، سەكرەتمە بېلىق قاتارلىق جانلىقلار بار بولۇپ، ئاققوتان، چايكا ۋە ھەرخىل پەسىل قۇشلىرىنى ئوزۇق ئىزدەشكە، كۆپىيىشكە جەلپ قىلغان. مانگرو ئورمانلىقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا، كەلگۈسىدىكى ساھىل باقمىچىلىقىمۇ بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئارالدىكى ئاممىمۇ مانگرو ئورمانلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان.
  گۈزەل، ھەيۋەتلىك، سىرلىق، ئاددى- ساددا... مېيجوۋ ئارىلىنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، كۆپ خىل قىياپەتنى نامايان قىلالايدۇ. ئەمما مېنىڭچە، ھازىر مانگرو ئورمانلىقى بۇ يەرگە يەنە گۈزەل تۈس قوشتى. شۇنداق، شىتىڭئوۋدا مانگرو ئورمانلىقىغا قاراپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسىلا، ھەر بىر ياپيېشىل يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىغىلى، ئۇلارنىڭ مول ۋە نازۇك چىراي ئىپادىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت نەزەر سېلىپ قاراپ تۇرغاندا، ئاسمان بىلەن زىمىن بىرلىشىپ كەتكەن ھىسسىيات قەلبىڭىزگە چوڭقۇر ئورناپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ زېمىن بىلەن قان بىلەن گۆشتەك باغلانغان ھېسسىيات بولۇپ، مېيجوۋ ئارىلى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى