قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىڭشەن تېغى مەڭگۈ قېرىمايدۇ

2018-11-05 00:11:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دېرىزە سىرتىدا كۆككە تاقاشقان سۆگەت بار ئىدى. ھويلا تاغ جىلغىسىدا بولۇپ، تاغ ئورمان بىلەن قاپلانغان ئىدى. بىز كاڭدا باداشقان قۇرۇپ، خۇددى كېمىدە ئولتۇرغانغا ئوخشاش ئولتۇراتتۇق. تۆت ئەتراپ يېشىل دولقۇنغا ئوخشايتتى. شامال چىقسا دەرەخ شاخلىرى شامالدا شىلدىرلاپ، قۇياش نۇرى يوپۇرماقلار ئارىسىدىن چاقناپ تۇراتتى.
  مەن بۇ تاغ جىلغىسىنىڭ چوڭ مۇھىتىنى بىلەتتىم. بۇ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى سەنشى رايونى، سىبىرىيە بورىنى دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان، قۇرغاقچىلىق، قىرو ئۈششۈكى، قۇم- بوران قاتارلىق ھاياتلىق بىلەن قارشىلىشىدىغان بارلىق ناچار تەبىئى شارائىت مۇجەسسەملەنگەن بىر ماكان. ئىلگىرى بۇ يەردە قۇم بوران چىقسا، سېپىلنىمۇ كۆمۈۋېتەتتى. ناھىيە تەزكىرىسىدە: «بوران چىققاندا، ئات- ئۇلاغلار ماڭالماي قالىدۇ، ياكى ئىككى- ئۈچ گەز ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئېتىۋېتىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك جايدا، ئۇدۇلۇمدىكى بۇ قولىدا بىر تال تاماكا خالتىسى كۆتۈرۈۋالغان ئورۇق قېرى بوۋاي مۇشۇ بوستانلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
  مەن بۇ ھويلىنىڭ كىچىك مۇھىتىنى بىلىمەن. بىر قاتار ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە بىر بوۋايلا قالدى. بوۋاي ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئوت قالاپ، تاماق تەييارلايتتى، ئوزۇق- تۈلۈك، گۈرجەكنى ئېلىپ جىلغىغا چىقىپ كېتەتتى؛ كەچتە قايتىپ كېلىپ، تاماق يەپ، تاماكا چېكىپ ئۇخلايتتى. 65 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ يەتتە بوۋاينى تەشكىللەپ بۇ ئېرىقنى تۈزەشكە كىرىشكەن، ھازىر بەش ئادەم ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ مېھرىبان ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كۆچەت تىكىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ كاڭدا جىمجىت يېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ 81 ياشقا كىردى، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ بىردىنبىر قىزى شەھەردىن قايتا- قايتا كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، ئۇ كېتىشكە ئۇنىمىدى. ئۇنىڭچە كۆچەت تىكىش ئۇنىڭ تەقدىرى، ئۇنىڭ تاللىشى ئىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە چىڭشەن تېغى ئۇنىڭ ئاخىرقى ماكانى بولۇپ قالاتتى.
  ئۇ غاڭزىسىنى قېقىپ تۇرۇپ ئالدىرىماي سۆزلەيتتى، كەنت كادىرلىرى يېنىدا ھۆرمەت بىلەن تۇرۇپ بەزى سۆزلەرنى تولۇقلايتتى. 15 يىل ئۆتتى، 15 يىلدا ئۇ سەككىز جىلغىنى كۆكەرتتى، يەتتە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلۋېغى ئەھيا قىلدى، 3 مىڭ 700 مو يەردە ئورمان بەرپا قىلدى. بۇ نىمە دېگەن قالتىس مۆجىزە. بۇلتۇر قىشتا، ئۇ ئورمانچىلىق كىرىمى ئارقىلىق ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن تېلېۋىزور ئېلىپ بەردى، ئۇنىڭ يەنە ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرى بار ئىدى. ئۇ تاكى ئورنىدىن تۇرالمىغىچە كۆچەت تىكمەكچى ئىدى.
  ئۆيدە پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاي بىزگە ھەمراھ بولۇپ جىلغىغا بېرىپ دەرەخلەرنى كۆردۇق. تېرەك، سۆگەتلەر خۇددى بىلەكتەك، تاغ ئويمانلىقىنىڭ قاپتىلىغا تىكىلگەنىدى. ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى كۆرگىلى بولمايتتى، تاغدىن چۈشكەن لاي دەرەخنىڭ تۆۋەنكى يېرىمىنى كۆمۈۋەتكەن بولسىمۇ، دەرەخ ئۇنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇمىغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرىۋاتاتتى. بۇ تاغ ئەسلىدىكى يانتۇلۇقنى يوقىتىپ، قات- قات دەرەخلەر بىلەن پەلەمپەي ھاسىل قىلغان ئىدى. بوۋاي: «دەرەخ يىلتىزى ئاستىدىكى لاي ـ لاتقىنىڭ قېلىنلىقى ئىككى مېتىر كېلىدۇ، ھەممىسى مۇنبەت تۇپراق» دىدى. شۇنداق، بۇ سېرىق توپىنى ساقلاپ قالغاندىلا، بىز ئاندىن بۇ يېشىل دەرەخلەرگە ئېرىشەلەيمىز. بۇ يېشىل دەرەخ بولغاندىلا، بىز ئاندىن بۇ تۇپراقنى ساقلاپ قالالايمىز.
  دەرەخنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىز كەنت ئېغىزىدا خوشلاشتۇق، بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ، ھويلىسغا ئاستاغىنە قەدەم تاشلىدى. مېنىڭ بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى، بەلكىم بوۋاي مۇشۇ كىرىپ كەتكەنچە قايتا چىقالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ تاغ- دالىلاردىكى دېھقان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز قىممىتىنى مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى باشقا بىر نەرسىگە ئايلاندۇردى. بۇ ھەقىقەتەن تاغ- دەريالار بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، قۇياش- ئاي بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلۈش ئىدى. بۇ ئاددىي بوۋاي ماڭا شۇنى ھېس قىلدۇردى ـــ چىڭشەن مەڭگۈ قېرىپ كەتمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى