قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تام رەسىملىرىنى كۆپەيتىپ بېسىشنى تەقلىد قىلىپ سىزىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولامدۇ؟

2018-11-05 00:16:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ما سۇۋېي


يېقىندا بېيجىڭ، سەنشى، چۇڭچىڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن تام رەسىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمە ئېچىلدى. كۆرگەزمە ئەمەلىي بۇيۇم، تەقلىدىي نۇسخا ياساش، رېئال تېخنىكىنى كۈچەيتىش، ئۆڭكۈرلەرنى تەقلىد قىلىپ ياساش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۆتكەشكە ئەپسىز بولغان تام رەسىملىرىنى ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى ئەنئەنىۋى تام رەسىملىرىنى تەقلىدىي سىزىشقا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن: 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» تام رەسىملىرى مۇنبىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتى قىزىل مىڭ ئۆيدىكى يېڭى بىر غارنىڭ چوڭ تىپتىكى رەقەملىك تەقلىد قىلىنغان سۈرىتى «كۆكتە پەرۋاز قىلىش» نى كۆرگەزمە قىلدى. ئۇنىڭ رەڭ ئىپادىلەش كۈچى ئەنئەنىۋى قولدا تەقلىد قىلىنغان ئەسەرلەردىن قېلىشمايتتى، سىزىق شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ توغرا ئىدى. كىشىلەر ئىختىيارسىز: «رەقەملىك كۆپەيتىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەندە، قەدىمكى تام رەسىملىرىنى يەنە تەقلىدىي سىزىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟» دەپ سوئال قويدى.
  ئىلگىرى قەدىمكى تام رەسىملىرى دائىم تەتقىقات قوغداش مەقسىتىدە تەقلىت قىلىپ سىزىلاتتى. مەسىلەن: سەنشى يوڭلېگوڭ سارىيى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈپ قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، مەركىزىي گۈزەل- سەنئەت شۆيەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، بارلىق تام رەسىملىرىنى تەقلىدىي سىزىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكى كۆچۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. بۇنداق تەقلىدىي سىزىش تام رەسىملىرىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بۇ جەرياندا تام رەسىملىرىنىڭ تىل قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ياش تام رەسىملىرى تەتقىقاتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەللەرگە ئېقىپ كەتكەن قەدىمكى تام رەسىملىرىنى تەقلىت قىلىپ سىزىش مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. يەنە بىر تۈركۈم رەسسام، ئالىملار سەنئەت ئۈچۈن تەقلىت قىلىپ سىزىدۇ. ئۇلار قەدىمكى تام رەسىملىرى سەنئىتىگە بولغان ھۆرمەتنى چىقىش قىلىپ، تەقلىدىي رەسىم سىزىش جەريانىدا تام رەسىملىرىنىڭ ئىجادىيەت ۋاستىلىرى، رەسىملىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى رەتلەشنى تەكىتلىدى. مەسىلەن: دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتى تام رەسىملىرى سەنئىتى خەزىنىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەقلىدىي سىزىشتا دەسلەپكى نۇسخىسى، سىزىقى، رەڭگى، كۆرۈنۈشى پۈتۈنلەي تەڭشەلگەن تەقلىدىي سىزىش ئۇسۇلى سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. يەنە مەسىلەن: دۈەن ۋېنجيې ئەپەندى تەقلىدىي سىزغان «تۇتۇق بېگى خانىمنىڭ بۇتقا تاۋاپ قىلىش رەسىمى» دا ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاڭ سۇلالىسى كىشىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەسلىدىكى تام رەسىملىرىنى قايتىدىن يورۇتتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «رەتلەپ تەقلىدىي رەسىم سىزىش»، «ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تەقلىدىي رەسىم سىزىش» قاتارلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك تەقلىدىي ئەمەلىيەت، «ئوبيېكتىپ تەقلىدىي رەسىم سىزىش» ئاساسىدا، ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تام رەسىملىرىنى چۈشىنىش تەسىراتى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەنەنىۋى تام رەسىملىرىنىڭ قىممىتىنى ساقلاشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا بەلگىلىك دەرىجىدە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  ئەمما، بۇ ئەمەلىي نەتىجىلەرنىڭ قوللىنىشى، تارقىتىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئەنئەنىۋى تەقلىدىي ئەسەرلەر بىر قەدەر يۇقىرى ئىلمىي خاراكتېرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن سانى ئاز بولۇش، تەقلىدىي رەسىم سىزىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، كۆپىنچە تەتقىق قىلىش، قوغداش، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، كۆرگەزمە قىلىش، تەتقىقات نەتىجىسى شەكلىدە ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ئاممىغا يۈزلەنمەيدۇ. بۇ چاغدا رەقەملىك تېخنىكىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىشىشى ئاممىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول، شۇنداقلا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جانلاندۇرۇش» نىڭ مۇقەررەر تەلىپى. رەقەملىك نۇسخىلاش، VR تېخنىكىسى، 3D كارتون فىلىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش، توردا كۆرگەزمە قىلىش، ھەمتۈرتكە ئويۇنى قاتارلىق يۇقىرى پەن -تېخنىكىلار ئەنئەنىۋى تام رەسىمىدىن ئىبارەت بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى IP نى جانلاندۇرۇشنى چەكسىز مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى ھەم تام رەسىملىرىنى قوغداشنى يېڭى تەپەككۈر بىلەن تەمىنلىدى. فرانسىيە لاسكو ئۆڭكۈرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگىنىگە 15 يىل بولغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېغىر يۈكىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، تام رەسىملىرىنى قوغداش ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تاقاشنى تاللىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا ئۆڭكۈرنى تەقلىدىي ياساپ بەرگەن ھەمدە سەييارە كۆرگەزمە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسانىيەت سەنئەت مەدەنىيىتىنى تارقاتقان. بۇ نۆۋەتتىكى ساياھەتچىلەر كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى تام رەسىملىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن ئوخشاشلا ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ساياھەتچىلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن، نۇرغۇن ئالىملار بۇ خىل ئېكسكۇرسىيە ئەھۋالىنىڭ تام رەسىملىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئەنسىرىگەندىن كۆرە، بالدۇرراق تېخنىكا، سەنئەت ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغان ياخشى. سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپەيتكەندە جامائەتكە ئايرىپ، تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھۇزۇرلىنىش شەرتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماي، سەنئەتنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تېخىمۇ ئېنىق نامايان قىلغىلى بولىدۇ.
  «نۇسخىلاپ ياساش» بىلەن «تەقلىدىي رەسىم سىزىش» گەرچە شەكىل جەھەتتە تارىخنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئۇقۇم ئەمەس. ئالدىنقىسىنىڭ مېخانىكىلىق ئۈنۈمى يۇقىرى، كېيىنكىسى ھۈنەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. تەقلىد قىلىپ سىزىش ھازىرقى زامان سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ قەدىمكى زامان تام رەسىملىرىگە بولغان تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، سىزىقلارنىڭ رەڭگىگە ئاجايىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىجادىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن كۆپەيتىش تېخنىكىسى نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا تېخىمۇ كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپلىقى كىيىم- كېچەك، قۇرۇلۇش، تارىخ قاتارلىق پەنلەر تەتقىقاتچىلىرىنى تېخىمۇ توغرا ماتېرىيالغا ئىگە قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تام رەسىملىرى كەسپىي دەرسىدە، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك سۈرەت ماتېرىياللىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك تەقلىدىي سىزىش بىر خىل سەنئەت ئىجادىيەت مەشىق ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قولدا تەقلىد قىلىش بىلەن ماشىنىدا تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىشنىڭ قارىمۇ ـ قارشى مۇناسىۋىتى يوق. كۆپەيتىلگەن كۆك نۇسخا قەدىمكىلەر سىزغان تام رەسىملىرىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بولسا ھازىرقى كىشىلەرنىڭ قەدىمكى زامان سەنئىتىنى تەقلىد قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، كۆپەيتىش بىلەن تەقلىدىي سىزىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا قىممىتى بولىدۇ.
  تام رەسىمى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئادەم سەنئىتى. مەيلى قايسى خىل ۋاستە قوللىنىلسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا قەدىمكىلەرنىڭ سەنئەت دۇنياسىغا يېقىنلىشىدۇ، شۇنداقلا ھازىرقى زامان سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى روھىغا تولۇق ۋارىسلىق قىلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىرقى ئەنئەنىۋى تام رەسىملىرىنى تەقلىدىي سىزىش خىزمىتى، يەنىلا تەقلىدىي سىزىش ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق، ئوقۇتۇش سىستېمىسى پىشىپ يېتىلمەسلىك قاتارلىق رېئال مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشتا كۆڭۈل ئېچىش، ئاددىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق خاھىشلارمۇ مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەقەملىك دەۋردىكى تام رەسىملىرىنى قوغداش تەتقىقاتى تاق يۆنىلىشلىك يول ئەمەس، بەلكى كۆپ رېلىسلىق يول بىلەن ئېلىپ بىرىلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىممەت باھالاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «مەزمۇننى ئاساس قىلىش» قا كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي پىرىنسىپى ئاستىدا، تېخنىكا بىلەن سەنئەتنىڭ گىرەلىشىپ بىرىكىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تام رەسىملىرىنىڭ تەقلىدىي رەسىملىرى بىلەن رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مىڭ يىللىق تام رەسىملىرىنى قايتا نامايەن قىلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى