قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆتكۈزدى

2018-11-05 09:57:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <بىرىكمە مۇشت>نى ياخشى ئېتىپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا پارتىيە دەرسى يېتەكچىلىك دوكلاتى بەردى.

  يېتەكچىلىك دوكلاتىدا، لى پېڭشىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق قىلىپ ئۆگەندى؛ 9- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش، بېيىش، كېڭىيىش جانلىق مۇساپىسىنى ئەسلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي قەتئىيلىكى، تەپەككۇر ئىجادچانلىقى ۋە خىزمەت ئىجرا قىلىش كۈچىنى شەرھلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتكۈل ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك، ئابىدە خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 9- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇش، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولۇش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى دانا، ئۇلۇغ بولۇپ، تامامەن توغرا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ قوللانغان يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرى مەركەزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەن بولۇپ، قەتئىي كۈچلۈك، مول ئۈنۈملۈك بولۇپ، چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى چىڭ تۇرۇش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى