قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەلب ۋە كۈچ- قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق يۇرت- ماكان قۇرۇش

2018-11-05 10:12:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى. تىنچ، ئىناق گۈزەل شىنجاڭمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئارىسىدا ياخشى ئالقىشقا ئېرىشتى.
 يېقىندا، ئۈرۈمچى سودا شەھەرچىسىدە كىيىم- كېچەك سودىسى قىلىۋاتقان لى خانىم بىر خېرىدارنىڭ دۇكاندا جېدەل چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېزلا شۇ قەۋەتتىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش كۇنۇپكىسىنى باستى. بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، سودا شەھەرچىسى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە بازار ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى دۇكانغا يېتىپ كېلىپ، جىدەلنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. لى خانىم مۇنداق دېدى: جېدەل چىقارغۇچى دۇكاندا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاچقا، خېرىدارلارمۇ چىقىپ كەتتى. 110 غا تېلېفون قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل بولدى.
لى خانىمنىڭ سودا شەھەرچىسىدە كىيىم- كېچەك سودىسى قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا بۇ مەزگىلدە بازار تەرتىپى ۋە ئامانلىق مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ھازىر ئامانلىق بەك ياخشى. ئىلگىرى بۇ بازاردا يان تېلېفۇن، كىيىملىرىمىزنى يىتتۈرۈپ قويغان ئىدۇق. بىراق، ھازىر قىممەت باھالىق نەرسىلىرىمىزنى نەگە قويۇپ قويساق ئەنسىرەپ كەتمەيمىز، خاتىرجەم تىجارىتىمىزنى قىلىۋېرىمىز، كوچىغا خاتىرجەم چىقىدىغان بولدۇق.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم سودا چەمبىرىكىنىڭ بىرى بولغان بۇ سودا شەھەرچىسىنىڭ سودا چەمبىرىكىدە جەمئىي 10 بازار بولۇپ، كۈنىگە كىرىپ- چىقىدىغان خېرىدارلار 30 مىڭغا يېتىدۇ. سودا شەھەرچىسى خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتى كۈندىلىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، باش بولۇپ مەھەللە ساقچىلىرى، مەھەللىلەردىكى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەخسۇس كادىرلىرى، بازار ئامانلىقىنى ساقلاش خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەۋەلىكىدىكى ئامانلىق خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇپ، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، تەۋەلىك رايونىدا كۆرۈنمەس رايون، يوچۇق، بوشلۇق قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سودا شەھەرچىسى SY002 خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ باشلىقى دۇڭ چۈن مۇنداق دېدى: ھازىر بازاردا بىرلەشمە ھەرىكەت ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ساقچىلارنىڭ كوچىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن سودا شەھەرچىسى سودا چەمبىرىكىدە دېلو يۈز بېرىش ئومۇمىي نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن %40 تۆۋەنلىدى.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتكۈل شەھەر تەۋەسىدە ئامانلىق ساقلاش بويىچە چارلاش- كونترول قىلىش، ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن مىڭدىن ئارتۇق خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قۇردى. بۇ خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىلىرىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى. بۇ يىل 8- ئايدا ئۆزگەرتىلگەن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى 14 خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىگە خاتىرجەم، ئىناق سەيلى- ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
يېقىندا خۇنەندىن كەلگەن ساياھەتچى فەن خانىم شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا تاماشا قىلىپ، قايتىش ئۈچۈن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كەلگەندە، فوتو ئاپپاراتىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. فەن خانىم دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار TS103 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جېنخەي  فەن خانىم تەمىنلىگەن ئالاقىدار ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بىر ئاشخانىدىن فەن خانىمنىڭ ئاپپاراتىنى تاپتى ھەمدە ئەتىسى فەن خانىمغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەردى. فەن خانىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ئاز قالغاچقا، كەينىمگە يېنىپ، فوتو ئاپپاراتىمنى ئىزدەشكە ئامال بولمىدى. جاڭ ساقچى يىپ ئۇچى بويىچە فوتو ئاپپاراتىمنى تېپىپ، پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەردى. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. شىنجاڭدىكى ساقچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ۋەزىپىگە ئاتلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېزكەن، شىنجاڭ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا، جىددىي قۇتقۇزۇش دورا ساندۇقى، كۈنلۈك، يان تېلېفونغا توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق خەلققە قولاي مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى تولۇق سەپلەنگەن ئىدى. جاڭ جېنخەي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىنى 50 نەچچە تۈرلۈك خەلققە قولاي مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. خ‍‍ەلققە ق‍‍ولاي س‍‍اقچى پ‍‍ونكىتىمۇ ش‍‍ىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشتىكى داڭلىق كارتىغا ئايلىنىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى خۇشال، خاتىرجەم، ئازادە سەيلى- ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ. بىز تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىز بىلەن ك‍‍ۆپچىلىككە ت‍‍ىنچ، گ‍‍ۈزەل مۇھىت يارىتىپ، ھ‍‍ەممە ك‍‍ىشى ش‍‍ىنجاڭنى ق‍‍ىزغىن س‍‍ۆيىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمىز.
نۆۋەتتە ئۈرۈمچى سودا شەھەرچىسى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلاردىكىگە ئوخشاش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىناق، خاتىرجەم مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى لى خانىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى كۆرگەندىن كېيىن ۋەتىنىمىز زىمىنىنىڭ بىپايان ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلدىم. شىنجاڭنىڭ ئامانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇم. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمغا شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ ئامانلىق خىزمىتى ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىۋېتىپتۇ، شىنجاڭلىقلارنى ئالقىشلايمەن.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى