قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تاموژنىسى خەلقئارا سودىدا «بىرلا كۆزنەك» تە كەسىپ بىجىرىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2018-11-05 10:33:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى خەلقئارا سودىدا «بىرلا كۆزنەك» تە كەسىپ بىجىرىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەلۇم قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سودىنى قولايلاشتۇردى.
تۈنۆگۈن ئەتىگەندىلا، جۇڭگو تاشقى تىرانسپورت ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى شىركىتى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جۇ شياۋجۈەن ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى تۆمۈريول خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت زالىنىڭ تاموژنا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ، ئىمپورت قىلىنغان يەتتە ئاپتوموبىل قىچا يېغى زاكىزىنى نەق مەيداندا قوبۇل قىلىش كەسپىنى بېجىردى. جۇ شياۋجۈەن مۇنداق دېدى: تاموژنا چىقارغان ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مەلۇم قىلىش، خەلقئارا سودا كەسپىنى «بىرلا كۆزنەك» تىلا بىجىرىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، قولايلىق بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىز ئىلگىرى كەسىپ بېجىرگەندە تامۇژمىغا مەلۇم قىلىش بىلەن تەكشۈرۈشكە يوللاشنىڭ مەشغۇلاتى ئايرىم ئىدى. ھازىر بىر كۆزنەكتە بىرلا ئادەم بىر سىستېمىدىلا بۇ خىزمەتنى تاماملايدىكەن، يولنى ئاز ماڭىدىكەنمىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئىش بېجىرەلەيدىكەنمىز.
جۇ شياۋجۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ شىركەتتە ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرى ۋاكالەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 13 يىل بوپتۇ. ئۇ مال ۋاكالەتچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە شاھىد بوپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بىز كەسىپ بېجىرگەندە ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆچرەت تۇراتتى. كىم بالدۇر كەلسە شۇ ئالدىغا تىزىلاتتى. كېيىن نومۇر چاقىرىش سىستېمىسى ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئارىلىقتىكى بەلگىلىك ۋاقىتنى ئۆزىمىز ئىگىلىيەلەيدىغان بولدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدىكى تاموژنا، تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ كەسىپ بېجىرمەيدىغان بولدۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپىيوتېردىلا مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدۇق.
جۇ شياۋجۈەن تىلغا ئالغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈشكە يوللاشنى بىرلەشتۈرۈش دېگىنىمىز: بۇ يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئەسلىدىكى چېگرادىن كىرىپ- چىقىشنى تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىش ئىدارىسى تاموژنا نامىدا سىرتقا قارىتا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقى، چېگرا ئېغىزىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە بىر كۆزنەكنىلا سىرتقا ئېچىۋېتىپ، بىر قېتىمدىلا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، تۈرلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغانلىقى، ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز «بىرلا كۆزنەكتە كەسىپ بىجىرىش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلاتىدا نۇقسان بولماسلىق، مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى تېزلىتىپ، «بىر قېتىم كىرگۈزۈش، كۆپ نۇقتىدىن يوللاش» نى ئىشقا ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش باشقارمىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاھىرجان ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9- ئاينى مىسالغا ئالساق، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىمپورت ماللىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتى 22.2 سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىغا سېلىشتۇرغاندا 75.5 پىرسەنت؛ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى 0.7 سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىغا قارىغاندا 72.5 پىرسەنت قىسقارتىلدى.
ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقارا سودىدا «بىرلا كۆزنەك» ئارقىلىق مەلۇم قىلىنغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتتى. تاھىرجان ياسىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئەسلىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرىنى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى ئاساسىدا، تاشيول تىرانسپورت، ھاۋا تىرانسپورت قوراللىرىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئىقتىدارنى قوشۇپ، كارخانىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ ھەم تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا- تىجارەت مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا يۆلەك بولىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى