قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېگرانى قوغداۋاتقان ئەر- ئايالنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتى

2018-11-05 10:42:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
جۇڭگو- موڭغۇلىيە چېگرىسىغا جايلاشقان چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ چاغانغول يېزا ساربۇلاق كەنتىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئىزچىل دىگۈدەك ناچار. چارۋىچى قۇسىمان نۇسىپجان ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى 42 يىلدىن بۇيان، چېگرانىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئەمگەكچان ۋە ئاددىي- ساددا بولۇپلا قالماي، خەلق ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇپ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى ئىپادىلىدى.
ساربۇلاق كەنتىنىڭ شەرقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار يازدا بۇلاق سۈيى ئىشلىتىدۇ. قىشتا پەقەت ئېرىگەن قار سۇيىگە تايىنىپ ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىدۇ. كەنتتە دائىم قېلىن قار يېغىپ يوللار ئاسانلا توسۇلۇپ قالغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشى، سىرتقا چىقىشى ئىنتايىن قولايسىز. 1976- يىلى 23 ياشلىق قۇسىمان نۇسىپجان دادىسىنىڭ قولىدىكى قامچىنى ئېلىپ، جۇڭگو- موڭغۇلىيە چېگرىسىنى قوغداشقا باشلىدى. قۇسىمان نۇسىپجان چېگرانى چارلاشقا چىققاندا، ئايالى بۇلبۇلخان ساخېنبېك ئۆزى يالغۇز ئىككى كىچىك بالىسىغا قارىغاچ ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيدە بالىلارغا قارىغاچ ھەر دائىم ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىمەن. ھەر كۈنى ئۇ سىرتقا چىققاندا مەن ئۇنىڭغا دېققەت قىلىشنى تاپىلاپ، ئۇنىڭغا نان ۋە ئەتكەن چايلارنى تەييارلاپ بىرىمەن.  
بىر يىلى قىشتا، قۇسىمان نۇسىپجان ئاتلىق چارلاشقا چىققاندا، تۇيۇقسىز شىۋىرغان چىقىپ، ئىككى پۇتى توڭلاپ قېلىپ سېزىمىنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئېتى يولنى تونۇيدىغان بولغاچقا ئىككى پۇتى توڭلاپ قېتىپ قالغان قۇسىمان نۇسىپجاننى ساق- سالامەت ئۆيىگە ئېلىپ كىلىدۇ. يولدىشىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بۇلبۇلخان ساخېنبېك دەرھال بىر قوينى ئۆلتۈرۈپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئۈششۈپ قېلىشنى داۋالاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلى بويىچە قوينىڭ قورسىقى ۋە قوي تېرىسىنى يولدىشىنىڭ توڭلاپ ئىششىپ كەتكەن يوتىسىغا نەچچە قات قىلىپ ئوراپ، ئېرىنىڭ ئىككى پۇتىنى داۋالاپ ساقايتقان. بۇ قېتىمقى ھايات- ماماتلىق سىنىقىمۇ ئەر- خوتۇن ئىككەيلەننىڭ چېگرانى قوغداشتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادىنى تەۋرىتەلمىدى. قۇسىمان نۇسىپجان ئىككى پۇتى پۈتۈنلەي ساقايغاندىن كېيىن يەنە چېگرىنى قوغداشقا ئاتلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرانى چارلاۋاتقاندا ھەر ۋاقىت خىيىم- خەتەرگە يولۇقۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. جۈملىدىن ئۈششۈپ قېلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، بۆرىگە ئۇچراشتەك ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ھېرىپ- چارچاپ كەتسەممۇ بۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدىم. چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم.            
ھازىر ياشىنىپ قالغان قۇسىمان نۇسىپجان بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلدى. ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن قامچىسىنى چوڭ ئوغلى قۇرقېنبېك نۇسىپجانغا تاپشۇرۇپ بەردى. قۇرقېنبېك نۇسىپجان مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا دادام بىلەن چېگرانى بىرلىكتە چارلاپ كەلدىم. ھازىر مەنمۇ بىر چېگرا قوغدىغۇچى بولدۇم، مەن بۇ خىزمىتىمنى قىزغىن سۆيىمەن. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن چېگرانى ياخشى قوغداپ، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى