قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەبەيدۇللا ئاۋۇت بىلەن تاڭ پېيچياڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر

2018-11-05 10:47:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى تۇگبېشى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەبەيدۇللا ئاۋۇت بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايونى جۇشى بازىرى شياۋتەن كەنتىدىكى تاڭ پېيچياڭنىڭ ئارىلىقى گەرچە نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق ھىكايە بار؟  
يېقىندا ئەبەيدۇللا ئاۋۇت يان تېلېفونى ئارقىلىق چۇڭچىڭدىكى تۇققىنى تاڭ پېيچياڭ بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى. تاڭ پېيچياڭ تۇگېبېشى كەنتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدى.
 1997- يىلى تاڭ پېيچياڭ يۇرتى چۇڭچىڭدىن تۇگېبېشى كەنتىگە كەلدى. تاڭ پېيچياڭ تىل جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇ چاغدا كەنتتە بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەبەيدۇللا ئاۋۇت تاڭ پېيچياڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى. بۇنىڭ بىلەن تاڭ پېيچياڭ بۇ يەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمىگە تېزلا كۆنۈپ كەتتى. ئەبەيدۇللا ئاۋۇت مۇنداق دېدى: تاڭ پېيچياڭ كەنتىمىزدىكى چاغلىرىدا دېھقانلارغا ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش ئۇسۇلىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە كېپىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ نېسىگە ئۇرۇق، ئوغۇت سېتىۋالىشىغا ياردەم بەردى.
 ئەبەيدۇللا ئاۋۇت تاڭ پېيچياڭنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى تەسىرلەندى. ئەبەيدۇللا ئاۋۇت ھەر قېتىم ئۆيدە پولۇ ئەتكەن، شورپا قىلغاندا تاڭ پېيچياڭنى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. تاڭ پېيچياڭ مۇنداق دېدى: يەر تېرىغاندا ماشىنام بولمىغاچقا، ئەبەيدۇللا ئاۋۇت ماڭا ئۆزىنىڭ ئات ھارۋىسى ۋە تراكتورلىرىنىمۇ بېرىپ تۇردى. مەن دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يەيتتىم، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا يېقىن ئۆتتۇق.    
2010- يىلى كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، تاڭ پېيچياڭ ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىن چۇڭچىڭغا قايتىشقا مەجبۇر بولغاندا، ئەبەيدۇللا ئاۋۇت كۆزى قىيمىغان ھالدا تاڭ پېيچياڭنى ۋاگزالغا ئاپىرىپ قويغانىدى. سەككىز يىلدىن بۇيان، ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن گەرچە ئىككى جايدا بولسىمۇ، ئەمما ۋاقتى بولسىلا ئۆزئارا ھال سورىشىپ تۇردى. 2016- يىلى 8- ئايدا، تاڭ پېيچياڭ ئاخىرى ۋاقىت چىقىرىپ، ئىككىنچى يۇرتىغا قايتىپ، قېرىندىشى ئەبەيدۇللا ئاۋۇتنى يوقلىدى. تاڭ پېيچياڭ مۇنداق دېدى: شۇنچە يىلدىن بۇيان ياخشى دوستۇم ئەبەيدۇللا ئاۋۇتنى كۆرمىگەچكە، ئۇنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم. بىز بىللە ھاراق ئىچىپ، تاماق يېدۇق، بۇ يەردىكى كۈنلىرىم بەكلا ئەھمىيەتلىك ئۆتتى. مەن ماڭىدىغان چاغدا، ئۇ يەنە 20 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تاۋۇزدىن ئۈچنى ئۈزۈپ، ماڭا يوللۇق تۇتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى. 
يېقىندا تاڭ پېيچياڭنىڭ 80 نەچچە ياشلىق ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئەبەيدۇللا ئاۋۇتنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى. ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىئو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تۇگبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن شۈ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئەبەيدۇللانىڭ كۆڭلى بەكلا غەش بولدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ چۇڭچىڭدىكى ئىنىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئىنىسىغا قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەي قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاكا- ئۇكىلىق مۇھەببىتىدىن ئىنتايىن تەسرلەندى. 

  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى