قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستى قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتكە ئائىت بىر يۈرۈش يانداشما سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى

2018-11-05 10:50:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتكە ئائىت بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سانجى ئوبلاستى قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، «تيانشاننى ساياھەت قىلىش-- سانجىدىكى قىشلىق ساياھەت» ماركىسىنى يارىتىپ، يېڭى بىر يىللىق قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.
كەچ كۈزدىكى تۇنجى قار ياغقاندىن كېيىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن دۆلەت 4 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى-- جانبۇلاق مەنزىرە رايونى قار تاماششا قىلىدىغان ۋە چاڭغا تېيىلىدىغان نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. خۇبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى لۇ زې مۇنداق دېدى: ئادەتتە قارلىق تاغلارنى ناھايىتى ئاز كۆرىمەن. شىنجاڭدەڭ بۇنداق گۈزەل جايغا كېلىپ، كۈزنىڭ ئالتۇندەك سېرىق مەنزىرىسى بىلەن قىشنىڭ قار مەنزىرىسىنى تەڭلا كۆرەلىدىم، شىنجاڭغا كەلگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولدۇم.  
ھازىر، سانجى شەھىرىنىڭ مىئەرگۇ يېزىسىدىكى «نۇرجا» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكىلەر فۇنىكۇليور، چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش بىلەن بىللە خادىملارنى تەربىيەلەپ، يېڭى قار پەسلىنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.  سانجى شەھىرى«غەربىي يۇرت» دالا ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، چاڭغا تىيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى چاڭ لى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردە بىر تەرەپتىن چاڭغا تېيىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل قىزىل، سېرىق، يېشىل ۋە كۆك رەڭلەرنى ئاساس قىلغان نۇرجا چوڭ جىلغىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىزدا يەنە قار موتسىكلىتى مىنىش، چانا تېيىلىش، شار ئويناش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىزنى يەنە رەڭلىك تۈسكە كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىمىز.
قار- مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى سودا پۇرسىتىنى بايقىغان مىئەرگۇ يېزىسىنىڭ مىئەرگۇ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇردان قادىقان بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان رەڭلىك پولات ئۆي، كىگىز ئۆي سېلىش شۇنداقلا سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:سەھرا ئارامگاھىمدا سۈرلەنگەن ئات گۆشى، نارىن، قۇرۇت قاتارلىقلار بار. يازدا 5- ئايلاردا مىئەرگۇ كەنتىگە قايتىمەن، قىشتا ئادەتتە يازدىكىدەك ئالدىراش بولۇپ كەتمەيمەن. ھازىر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قىلىدىغان كىرىمىم بار بولدى. ساياھەتچىلەر كۆپەيگەنسېرى قىلىدىغان كىرىمىمۇ كۆپەيدى.
  بۇ يىل سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «تيانشاننى ساياھەت قىلىش-- سانجىدىكى قىشلىق ساياھەت» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ دەم ئېلىش، مەدەنىيەت تەسىراتى ۋە يېزا- كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى- سانجىنى بىر كۈنلۈك، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالاقە تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئاپتوماتىك ساياھەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ «يان تېلېفون ئارقىلىق سانجىنى ساياھەت قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇردى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زىبىن مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستىمىز بۇ يىل جۇغراپىيەلىك رايون ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «چاڭغا تېيىلىش بىلەن ئارشاڭ» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت ئەندىزىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، سانجى ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە يۈزدىن ئارتۇق قىش ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتىنى پىلانلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆپلەپ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بىز يەنە ساياھەتچىلەرگە 100 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتەك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتنى ياخشىلاش ھەمدە باھا جەھەتتىن خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى