قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېنىڭ ئائىلەمنىڭ‹مۇقىم پىروگراممىسى

2018-11-05 18:43:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لياڭ جياڭبو

«يان تېلفۇننى يەنە ئازراق ئاستىغا توغۇرلاڭلار، يەنە سولغا، ھە بولدى، نەچچە كۈندىن بېرى تېرىڭىزنىڭ رەڭگى يامان ئەمەس، بۇ چاچ پاسونىمۇ بەك ياخشى ئىكەن». مەن يېڭىدىن سېتىۋالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بىلەن ئاتا- ئانام بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىۋاتاتتىم، گەرچە ئۇلارنى كۆرەلمىسەممۇ، لېكىن كۆرۈنمە چاستوتا ئۇلارغا مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى. مەن كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئەما بولۇپ قالدىم، ئۆيدىن ئايرىلىپ نەنجىڭ ئەمالار مەكتىپىگە ئوقۇشقا باردىم، كېيىن بېيجىڭدا خىزمەت قىلدىم، مىنىڭ ئاتا- ئانامدىن ئايرىلغىنىمغا توپتوغرا 20 يىل بولدى. ئاتا- ئانام بىلەن كۆپ كۆرۈشكەن چاغلاردا، ھەر شەنبە كۈنى كەچتە سۆزلىشىش تەدرىجىي بىزنىڭ «مۇقىم پىروگراممىمىز» غا ئايلاندى، سۆزلىشىش ئۈسكۈنىلىرىمۇ ئەڭ دەسلەپتە باشلانغان ئاممىۋى تېلېفوندىن كېيىن ئۆيدىكى مۇقىم تېلېفون، كىچىك زېرەك، يان تېلېفونغىچە ھەر بىر ئالاقىلىشىش قورالى مېنىڭ ئەسلىمىلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
  ـــ سىز ئىلگىرى ئالماشتۇرىۋەتكەن كونا يان تېلېفونلىرىڭىزنى بىز ئىشلىتىۋاتىمىز، سىز يەنە يېڭىنى ئاپسىزغۇ؟
  ـــ بۇ ئوخشىمايدۇ، بەك ياخشى، ھەممە يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم.
  ــــ سىز كۆرەلمىسىڭىز، قانداق ئىشلەتتىڭىز؟
  ـــ ئالدىرىماڭلار، مەن سىلەرگە ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرەي. ھە، توغرا، مېنىڭ تېلېفون مودېلىم ياخشىدۇ؟
  ــــ ھەممسىى ياخشى، باشقىلار بىزنى خەۋەرلىشىش تەرەققىيات تارىخى كۆرگەزمىسى ئاچقىلى ئاز قالدىڭلار دەيدۇ.
  ــــ دىمىسىمۇ شۇنداققۇ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان بىز نۇرغۇن تېلېفون، يان تېلېفون ئىشلەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ھىكايە بار.
  ئېسىمدە قېلىشىچە، 1998- يىلى، مەن 13 ياشتا بولۇپ، نەنجىڭدىكى ئەمالار مەكتىپىدە ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ چاغدا مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ۋە ئوقۇتۇش بىناسى زالىدا ئايرىم- ئايرىم كارتا سېلىنىدىغان ئاممىۋى تېلېفون بار ئىدى. ئۆيدە تېلېفون بولمىغاچقا، ئاتا- ئانام بىلەن ھەر شەنبە كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە، ئۇلار ئاممىۋى تېلېفوندا ماڭا تېلېفون قىلىشنى دېيىشىپ قويغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، ھەر شەنبە كۈنى كەچتە مەن بالدۇرلا تېلېفوننىڭ يېنىغا بېرىپ ساقلايتتىم. ئاۋۋال ياتاق بىناسىغا باراتتىم، ئەگەر سائەت يەتتىدە باشقىلار تېلېفوننى ئىشلىتىۋاتقان بولسا، مەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ زالىغا باراتتىم، چۈنكى، بىز ياتاقنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىسا، 7 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇتۇش بىناسىغا تېلېفون قىلىشنى پۈتۈشكەن ئىدۇق. ئەمالار مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاتا- ئانىسى بىلەن سۆزلىشىشنى ئويلايدىغان بولغاچقا، پەقەت ئىككى ئاممىۋى تېلېفونلا «بازىرى ئىتتىك مال» بولۇپ قالاتتى، مەن دائىم ياتاق بىناسى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسى ئارلىقىدا نەچچە قېتىم قاترايتىم.
 2001- يىلى قىشلىق تەتىلنىڭ بىر كۈنى، دادام ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتتى، ئىشىكتىن كىرىپلا بىر نەرسىنى يېزىق ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ قويدى. مەن بېرىپ سىلاپ باقتىم، ۋۇي، تېلېفون ئىكەن. دادامنىڭ دېيىشىچە، ئەتە تېلېگراف ئىدارىسىدىكىلەر كېلىپ سىم ئۇلايدىكەن، «بۇنىڭدىن كېيىن سىز مەكتەپتە بولسىڭىز، خالىغان ۋاقىتتا ئۆيگە تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ» دىدى. مەن بەك خۇش بولدۇم، تېلېفوننى تۇتۇپ، ئۇنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ مەكتەپنىڭ ئاممىۋى تېلېفونىدىن كۆپ ئوماق ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋاقىت بەلگىلەپ مەكتەپتە تېلېفون ساقلىمايدىغان بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن مەكتەپتە خالىغان ۋاقىتتا ئاممىۋى تېلېفون بىلەن ئاتا-ئانامغا تېلېفون قىلسام بولىدۇ، پەقەت بەزىدە ئۆچىرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.
 2003- يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە، ئاتا- ئانام ماڭا بىر «كىچىك زېرەك» ئېلىپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تېلېفون قىلىش بىلەن خوشلاشتىم. بىراق، ئەينى چاغدىكى خەۋەرلىشىش سىگنالى ھەقىقەتەن ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاش ئۈچۈن، مەن ياتاق كارىدورى، ھەتتا مەكتەپ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، سىگنالى ئەڭ ياخشى بولغان سۆزلىشىش ئورنىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولاتتىم.
ـــ ھەي، ئاڭلىيالىدىڭىزمۇ؟ ...... مەن ئاڭلىدىم.... نېمە؟ يەنە ئاڭلىيالمىدىم.....
 2006- يىلى، مەن ئەمالار يان تېلېفونى ئىشلەتتىم، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن ئاتا- ئانام بىلەن سۆزلىشەلىپلا قالماي، يەنە يان تېلېفونغا ئورنىتىلغان ئاۋازلىق يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇلار ماڭا ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇردىن خەۋەردار بولاتتىم ھەمدە ئۇلارغا قىسقا ئۇچۇر قايتۇراتتىم، ئوڭۇشلۇق ھالدا قىسقا ئۇچۇر قايتۇرغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم خۇشال بولۇپ، كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال باشقا بالىلارغا ئوخشاش يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم، ئاتا- ئانام تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولدى. شۇ كۈنلەردە، مەن پات- پات يانچۇقۇمدىكى يان تېلىفوننى سىلاپ قوياتتىم ياكى ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، يېڭى ئۇچۇر بارمۇ- يوق دەپ تەكشۈرەتتىم.
كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بار بولدى، يان تېلېفوننىڭ كۇنۇپكا تاختىسى رەقەملىك كۇنۇپكا تاختىسىدىن پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسىغىچە، ئاندىن ھازىرقى ساپ سېزىمچان ئېكرانغا ئۆزگەردى، خەۋەرلىشىش ئۇسۇلىمۇ تېلېفون، قىسقا ئۇچۇردىن تارتىپ ھازىرقى ئاۋازلىق ئۈندىدار ۋە سىن كۆرۈنۈشىگىچە بولدى. ھەر ھەپتىدە مەن ۋە ئاتا- ئانامنىڭ «مۇقىم پىروگراممىسى» دا، سۆزلىشەلەيمەن، ئۇلار يەنە كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق مېنىڭ يېقىنقى ھالىتىمنى كۆرەلەيدۇ. مەن بەزىدە كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ئۇلارنى كىيىمنىڭ پاسونى، رەڭگىگە مەسلىھەت بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.
 ھازىر يان تېلېفون سۆزلىشىش قورالى بولۇپلا قالماي، ئۇ ماڭا باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز مال سېتىۋېلىش، تاماق يېيىش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، سەپەرگە چىقىشىمغا ياردەم بېرىدىغان ياردەمچىم بولۇپ قالدى. ئاتا-ئانام مېنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرمۇشۇمدىن بارغانسېرى خاتىرجەم بولدى. ھازىر بىز خالىغان ۋاقىتتا پىكىر ئالماشتۇرساق بولاتتى، لېكىن ئالاھىدە ئىش بولمىسا، ئاتا- ئانام بىلەن مەن يەنىلا بىزنىڭ 20 يىللىق «مۇقىم پىروگراممىمىز» غا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، دائىم شەنبە كۈنى كەچتە پاراڭلىشاتتۇق. گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، بىز كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق بىر- بىرىمىزنىڭ سېغىنىشى ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلاتتۇق.
  ـــ ۋاقىت نىمە دېگەن تېز ئۆتكەن ــ ھە! بىر دەمدىلا بىر سائەت سۆزلىشىپتۇق. ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىز سىزنىڭ بۇ تېلېفوننى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزغا قىزىقىپ قالدۇق ــ دىدى دادام. 
 ــــ بوپتۇ ئەمىسە. بۇرۇنقى تېلېفوننى قولۇمدا سىلاپ تۇتۇپ ھەر بىر كۇنۇپكىنى ئېسىمدە تۇتىۋالاتتىم، ئىشلىتىش ئىقتىدارىم چەكلىك ئىدى، ئاساسەن تېلېفون ئۇرۇشقىلا ئىشلىتەلەيتتىم. ھازىر سېزىمچان ئېكرانلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندا ئاۋازلىق ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسى بار، ئېكراندا مەزمۇننى ئاۋازلىق ئاڭلاتقىلى بولىدۇ. قىزىقساڭلار ھازىر تېلېفونىڭلارنى ئىشلىتىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. قاراڭلار، مەن زاكاز قىلغان تاماقنى ئېلىپ كەپتۇ. بولدى، مۇشۇنچىلىك پاراڭلىشايلى، مەن سىلەرگە توردىن سېتىۋالغان سۇ تازىلاش ماشىنىسىمۇ ئەتە كېلىدۇ، تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ماڭا خەۋىرىنى بىرىۋىتىڭلار. خوش ئەمسە.
  ئاتا- ئانام بىلەن كۆرۈنمە چاستوتىدا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، بىردىنلا دادامنىڭ «ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن- ھە» دىگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم. شۇنداق، ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن ھە! ياتاق ۋە ئوقۇتۇش بىناسىدىكى ئىككى ئاممىۋى تېلېفون ئارىسىدا، ئاتا- ئانىسىنىڭ تېلېفونىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەما بالىنىڭ سىماسى يەنە مېنىڭ كاللامدا پەيدا بولدى .... مەن يان تېلېفونۇمنى چىقىرىپ، تاماق يېگەن سۈرىتىمنى تارتىپ، يىراقتىكى ئاتا ـ ئانامغا يوللاپ بېرەي!
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى