قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەسىلە ئېڭى بىلەن خەتتاتلىققا نەزەر سېلىش

2018-11-05 18:45:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى گاڭتيەن

خەتتاتلىق ئىجادىيىتى بىلەن كۆرگەزمە قىلىش، تەنقىد قىلىش، ئىلمىي ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانداق بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېرەك؟ جۇڭگو خەتتاتلار جەمىيىتى يېقىندا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ۋۇخەيدە ئۆتكۈزگەن «ھازىرقى ھالەت ۋە غايە ـــ نۆۋەتتىكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە كۆرگەزمىسى» ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە پايدىلىق سىناقلارنى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى كىتاپ مۇنبىرى يىللىق كاتتا مەرىكىسى، ئىچكى- تاشقى جەھەتتە كەڭ تەسىر كۆرسەتتى ھەمدە خەتتاتلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتى ئۈستىدە نۇرغۇن ئويلىنىشىنى قوزغىدى.
يېقىنقى 40 يىل خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى ئاساسلىقى ئالماشتۇرۇشنى شەكىل قىلغان خەتتاتلىق ئىجادىيىتى مەزگىلى. ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق كىچىك كۈتۈپخانىلاردىن چىقىپ، جەمىيەتتىكى چوڭ كۆرگەزمە زالىغا كىردى؛ ئەدىبلەر توپىدىن چىقىپ، ئىجتىمائىي جامائەت تۇرمۇشىغا قەدەم قويدى؛ كۇڭ زى ئېقىمىدىكى مۇرەسسە- ماداراچىلىق ئىدىيەسىنى يادرو قىلغان ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسىدىن ھالقىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك سەنئەت ئىجادىيىتى ئىدىيەسى بارلىققا كەلدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ 40 يىللىق خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى سەھنىسى خەتتاتلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا خەتتاتلىق ئىجادىيىتىدىكى ئىزدىنىشنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان خەتتاتلار بارلىققا كېلىپ، تۈركۈم- تۈركۈملەپ نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنىڭ شەكلى ھازىرقى زامان خەتتاتلىقىنىڭ ئىجادىيەت شەكلىدىن ئىلىم- پەن ئىدىيەسى ۋە خەتتاتلىق قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى، خەتتاتنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق ھالىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. خەتتاتلىقنىڭ 40 يىلغا يېقىن تەرەققىياتىغا دائىر ئوبزور، مۇلاھىزە، تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئاساسىي ھۆكۈمنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
 40 يىلغا يېقىن خەتتاتلىقنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كەسپى ساھەدىكىلەر ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى. كۆرگەزمىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن ھازىرقى زامان خەتتاتلىق ئىجادىيىتى شەكىلنىڭ كۆرۈش سېزىمىغا بولغان تەسىرىگە بېرىلىپ، شەكىل ئۆزگىرىشىگە ئارتۇقچە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. ئەسەرنىڭ كۆرۈشچانلىقى ئوقۇشچانلىقنىڭ ئورنىنى ئالدى، لايىھىلەش خاراكتېرى تەبىئىي يازما تەسۋىرنى بېسىپ كەتتى، تاشقى شەكىل ئىچكى مەدەنىيەت خاراكتېرىنى توسۇپ قويدى. كىشىلەر ئۇنى «كۆرگەزمە گەۋدىسى» دەپ ئاتاشتى. كۆرگەزمە مېخانىزمى بىلەن بازار ئىگىلىكىنىڭ قوش تەسىر كۈچى ئىجادىيەتچىنى «تەبىئىي تاللىنىش، مۇۋاپىق ئادەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» تىن ئىبارەت قائىدىگە كىرگۈزۈپ، قىسمەن ئىجادىيەت توپىدا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشتەك روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېنىكلىك قىلىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى. ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق ئەدىبلەرنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلەش رولىنى يوقاتتى دەپ قارايدۇ. ئىجادىيەتچىلەر تېخنىكا، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش، شەكلى ئاجايىپ بولۇشنى قوغلاشماقتا، ئەمما بىلىم زاپىسى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىجادىيەت ئىدىيىسى سۇس بولۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيەلىنىشى ئاجىز بولۇش، ئەدىبلەرنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ ھازىرقى زامان خەتتاتلىقىنىڭ ساغلام ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ قويدى.
جۇڭگو خەتتاتلار جەمىيىتى ھازىرقى زامان خەتتاتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئويىغا ئاساسەن ئىلمىي، ئىدىيىۋىلىكى ئاساسىدىكى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ۋە ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتتە بىر تەرەپتىن مۇنەۋۋەر ياش، ئوتتۇرا ياش خەتتاتلار يىغىلىپ، ھازىرقى زامان خەتتاتلىق ئىجادىيىتىنىڭ سەۋىيىسى ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى نەچچە ئون يىللىق خەتتاتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىز قوغلاپ، 100 دىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت ئىزلىرىنى بېسىپ، نۆۋەتتىكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتىدىكى پايدا- زىيان ئۈستىدە چوڭقۇر مەدەنىيەت خاراكتېرلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى. مۇشۇنداق كەسپىي پائالىيەت ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، ھەر بىر ئاپتورغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كۆرگەزمە كۆزنىكى ئارقىلىق ئاپتور بىلەن كۆرگۈچىنى ماكرو جەھەتتە، تارىخىي تەرەققىيات ۋە دەۋر مەيدانىدا تۇرغۇزۇپ، مەسىلە ئېڭى ۋە تەپەككۇر قىلىش، ھازىرقى زامان خەتتاتلىق ئىجادىيىتى ۋە خەتتاتلىق تەرەققىيات ھالىتىنى تەتقىق قىلىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىلىم ساھەسىنىڭ «ھازىرقى ئەھۋال ۋە غايە» گە بولغان دىققەت- ئېتىبارى ۋە تەپەككۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
 ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە نۆۋەتتىكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئاساسىي ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان خەتتاتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 40 يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلغان بىر قېتىملىق كۆزدىن كەچۈرۈش بولدى. چۈنكى، ئاپتورنىڭ ھەممىسى «كونا چىراي» لار بولۇپ، پۈتكۈل كۆرگەزمە ئەسەرلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسلۇبىدا يېڭى ئۆزگىرىش كۆپ ئەمەس. لېكىن، بۇ يازغۇچىلار «سەنئەت بىلەن ئەدەبىياتنى تەڭ ھازىرلىغان» ئىجادىيەت ئىدىيەسى بويىچە، سەنئەت بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئۆزئارا ئارىلىشىشى، ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ كۆرۈشچانلىقى ۋە ئوقۇشچانلىقى جەھەتتە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە يېڭى مەزمۇنغا ئىگە، ئىجادىيەت ئىدىيەسى جەھەتتە تىرەككە ئىگە بىر قېتىملىق ئىجادىيەت بىلەن ئىلىم بىرلەشتۈرۈلگەن كەسپىي پائالىيەت بولۇپ، كۆرگەزمە لايىھەلەشتە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە تۈر بولدى.
 بۇ مۇنەۋۋەر ئاپتورلار بىر قەدەر كۈچلۈك ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. مەسىلەن: كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلار يەرلىك ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق يازغۇچىلار بولۇپ، ياشاش شارائىتى ۋە كەسپىي ئىجادىيەت شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، ماختاش سادالىرى كۆپرەك بولسىمۇ، ئەمما سەمىمىي، چوڭقۇر تەنقىد سادالىرى كەمچىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى تەبىئىي ئىنېرتسىيە بويىچە تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋر شارائىتىدا ھازىرقى زامان خەتتاتلىقىغا بولغان ماكرولۇق ۋە ئاقىلانە تونۇش كەمچىل بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش داۋامىدا ئىدىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، ئىجادىيەت جەريانىدا «كۈچلۈكلۈك» نى يوقاتقان. نۆۋەتتە، خەتتاتلىق قوشۇنىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەسەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەدەنىيەتنىڭ قېلىنلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، خەتتاتلىق ساھەسىدە يېزىققا چوقۇنۇش كەيپىياتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
 دەۋرنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى خەتتاتلىقنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى. خەتتاتلىق ساھەسىدە ئەدەبىياتقا، ئەخلاققا چوقۇنۇش ئىدىيەسى ئاساسەن شەكىللەندى. ھازىرقى خەتتاتلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، خەتتاتلار مەدەنىيەت خاراكتېرلىك سوغۇق تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. دەۋرنىڭ خەتتاتلىق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تېمىسى، ئاددىي ھالدا ئىجادىيەت شەكلى ۋە تېخنىكا ئۇسۇلى، ھەتتا ئىستېتىك خاھىش جەھەتتە كىلاسسىكقا قايتىش بولماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان خەتتاتلىقنىڭ سەنئەت شەكلى، ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت روھىنىڭ خەتتاتلىققا بولغان ئىچكى تىرىكىنى كۈچەيتىش لازىم، خەتتاتلىققا بولغان ئىجادىيەت ئىدىيەسىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تىركىشىشى ئىچىدە ماس كېلىش ۋە بىرلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجادىيەت شەكلى بىلەن تېخنىكا ئۇسۇلىنىڭ دەل ۋاقتىدا، يېڭى ئۆزگىرىشىدە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ روھىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
كۆرگەزمىدىن جۇڭگو خەتتاتلار جەمىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن كەسپى پائالىيەتلەردىن بىز كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ خەتتاتلىقنىڭ ئىچكى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. لېكىن، «قانداق يېزىش» ئادەمنى ئەسەردە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ موللىقىنى؛ ئاپتورنىڭ مىجەز- خۇلقى، ئىنسانىي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ ئىجادىيەتچىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، كۆكسى- قارنى، مىجەز- خۇلقى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ.
ھازىرقى زامان خەتتاتلىقى گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان 40 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، كىتاب ساھەسى خاتىرجەم بولۇپ، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن ئىلىم ئىدىيەسىنىڭ بىر- بىرىنى قوللىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىيەتتىكى خاسلىق ئىپادىسى بىلەن ئوبيېكتىپ تەنقىدنىڭ بىر- بىرىنى قوللىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەتتاتلىقنىڭ تەرەققىيات تارىخى مەيدانىدا تۇرۇۇپ، ئەنئەنە، ھازىرقى ھالات ۋە غايىنىڭ بىرلىشىشىنى ئېگىلەش كېرەك. 
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىش، بىلىش بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن، كۆرگەزمە پىلانى ئەمەلىيەت بىلەن ئىلىم- پەن ئورتاق تونۇش ئىدىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق پەيتتە كۆرگەزمە قىلىنغان. لېكىن، ئاپتورنىڭ ھازىرقى زامان خەتتاتلىقى ئۈستىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرىنى قوزغاپ، ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش، يېڭى ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. كۆرگەزمىنىڭ ئۆزى بىر خىل يېتەكلەش، بىر خىل كۆز قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن ئىبارەت. ھازىرقى زامان خەتتاتلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، ساغلام، جانلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن خەتتاتلىق ساھەسىلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا موھتاج.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى