قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەرزەنتلەر كىم بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ؟ ئەر- خوتۇن ئۆز ئارا كېلىشكەندىن باشقا، پەرزەنتلەرنىڭمۇ قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولامدۇ

2018-11-05 18:48:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بۇ يىل 8- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قىزنىڭ دادىسى ئۈستىدىن سۇنغان دەۋاسىنى قوبۇل قىلدى. دەۋاگەر 15 ياشلىق قىزچاق شياۋ يې بولۇپ، ئۇ دادىسىدىن بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
  شياۋ يې 2003- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 2008- يىلى بەش ياشقا كىرگەندە، ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. شۇ چاغدا، دادىسى جۇڭ X بىلەن ئاپىسى يې X: «قىزىنىڭ دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، قىزىنى جۇڭ X مۇستەقىل باقىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئانىسى بېقىش ھەققى بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، ئانىسىنىڭ قىزىنى يوقلاش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى، قىشلىق- يازلىق تەتىل مەزگىلىدە قىزىنى ئېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدىغانلىقى» توغۇرىسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلغان.
  شۇنداق قىلىپ، شياۋ يې دادىسى جۇڭ X بىلەن چاڭشەندە، ئانىسى جياشىڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەن. جۇڭ X يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاچقا، شياۋ يې مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. مومىسى ئادەتتە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، شياۋ يې يالغۇز قالغان بالىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ھەر يىلى ئەڭ خۇشال بولىدىغان ۋاقتى دەل يازلىق تەتىلدە ئانىسى يې X نىڭ ئۇنى جياشىڭغا ئېلىپ كېتىپ بىر مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى بولۇپ قالغان.
  2012- يىلى يازلىق تەتىلدە، يې X ئادەت بويىچە شياۋ يېنى جياشىڭغا ئېلىپ كېتىپ، بىللە تۇرغان. تەتىل ئاخىرلىشاي دېگەندە، جوڭ X قىزىنى ئالغىلى كەلگەن. ئەمما، توققۇز ياشلىق شياۋ يېنىڭ دادىسى بىلەن پەقەت قايتىپ كەتكۈسى كەلمىگەن. ئۇ چوقۇم ئانام بىلەن بىللە تۇرىمەن دەپ تۇرىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، شياۋ يې ئىزچىل ئانىسى يې X بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، شۇ  يەردە مەكتەپتە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بېقىش ھەققىنى ئاساسەن يې X ئۈستىگە ئالغان.
  يې X نىڭ خىزمىتى يوق بولۇپ، بالا چوڭ بولغانسىرى، چىقىمىمۇ كۆپەيگەن. يې X كۆپ قېتىم جوڭ X بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېقىش ھەققىدىن ئازراق ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
  لېكىن، جوڭ X ئۇنداق ئويلىمىغان. ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قورساق كۆپىكى بولغان. ئۇ «ئاجرىشىش كېلىشىمى بويىچە قىزىم ماڭا تەئەللۇق بولۇشى كېرەك ئىدى. ھازىر ماڭا تەۋە بولمىغان ئىكەن، مەنمۇ بېقىش ھەققى بەرمەيمەن» دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئالتە يىل ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭ X پەقەت 3 مىڭ 300 يۈەنلا بەرگەن.
  بۇ يىل 7- ئايدا، يې X قىزى شىياۋ يې نامىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، جۇڭ X تىن ئالتە يىلدىن بۇيانقى بارلىق بېقىش ھەققى ئۈچۈن جەمئىي 68 مىڭ 700 يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە جۇڭ X تىن بۇنىڭدىن كېيىنكى بېقىش ھەققىنىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، قىزى دادىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بۇ دەۋا كېلىپ چىققان.
  چاڭشەن سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قانۇن بويىچە قاراپ: «ئاجرىشىش كېلىشىمىدە پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسى پەقەت ئاتا- ئانىلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم، پەرزەنتلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر، پەرزەنتلەر ئەمەلىيەتتە كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بىر تەرەپ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرمىسە، كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بېقىش ماددىلىرى قايتا تەتبىقلانمايدۇ. ئاتا- ئانىلار يەنىلا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزلىرىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ قارىدى.
  يېقىندا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ: «جاۋابكار جوڭ X بېقىش خىراجىتىنىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شياۋ يېنىڭ ئالتە يىللىق بېقىش خىراجىتى ئۈچۈن جەمئىي 33 مىڭ 700 يۈەن تۆلەيدۇ؛ 2018- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 500 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ. شياۋ يې تاكى 18 ياشقا كىرگۈچە مائارىپ خىراجىتى، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئۇنىڭدىن سىرت، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق، جوڭ X بىلەن يې X بېقىش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. شياۋ يې ئانىسى يې X بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، يې X ئۇنى باقىدىغان بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى