قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ يىڭجوۋ شۆبە ئىدارىسى چېڭجى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ۋاڭ شۆشياڭ

2018-11-05 18:49:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ۋاڭ شۆشياڭ 2010- يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغان. ھازىر، فۇياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يىڭجوۋ شۆبە ئىدارىسى چېڭجى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى. ئۇ بىر يېزا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزىدا شەھەردىكىدەك ئادەم كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئاممىۋى خىزمەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، دەپ قارايتتى. ۋاڭ شۆشياڭ شۇ چاغدىن باشلاپلا ئاھالىلەر بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ، ئىشچان، ئايىغى چاققان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئاخىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قانداق دوست بولۇشنى، ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشىشنى بىلىۋالدى.
  ساقچى بولغاندىن بۇيان، ۋاڭ شۆشياڭنىڭ بىر چوڭ ئارمىنى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنى ھەممىدىن بەك خالايتتى. ئاممىنىڭ ئۆزىدىن رازى بولۇشىنى، ساقچىخانىدىن رازى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ۋاڭ شۆشياڭنىڭ سەمىمى خىزمەت قىلىشى ئۇنى ئاممىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۈردى. شۇنداقلا تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. كۈندىلىك خىزمەتلەردە ئۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن باشقا، كۆپ ھاللاردا كۆپ نۇقتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ ھەم قانۇننىڭ تەلىپىگە ھەم پۇقرالارنىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ، خەلقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئويلىدى.
  بۇ يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، كەنت ئاھالىسى چاڭ X توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كېسەلچان بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان ئىدى. ئادەتتە پەقەت چاڭ X لا ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، چاڭ X دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانمىدى. بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ۋاڭ شۆشياڭ چاڭ X نىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى ۋە سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن كېڭىشىپ، ئاخىرىدا سۇغۇرتا شىركىتىنى تۆلەم بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا قايىل قىلىپ، ۋەقەنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، چاڭ X نىڭ ئايالى تۇغقانلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن ساقچىخانىغا كېلىپ، بىر بايراقنى ۋاڭ شۆشياڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ۋاڭ شۆشياڭغا رەھمەت ئېيتتى.
  «ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم». مانا بۇ ۋاڭ شۆشياڭنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە بەرگەن ۋەدىسى. ساقچى بولغان سەككىز يىلدا، ۋاڭ شۆشياڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى»، «مۇنەۋۋەر مەمۇر» دېگەن ناملارغا ئېرىشىپ، بىر قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى.
  ۋاڭ شۆشياڭ ئۆيىدىن ئىدارىگىچە بولغان ئارىلىقنى سەككىز يىلدىن بۇيان قانچە قېتىملاپ باسقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. شياۋ ۋاڭ ھازىر لاۋ ۋاڭغا ئايلاندى. بۇ يەردە بىردىنبىر ئۆزگەرمىگىنى ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ئىدى. ۋاڭ شۆشياڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا يەنە داۋاملىق ماڭىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى