قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىنچ، ئاسايىشلىققا تولغان كۆك ئاسمان ئاستىدا

2018-11-05 23:11:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز لى ياڭ

كەچ كۈزدىكى شىنجاڭ زېمىنىدا، شاماللاردىن مول ھوسۇلنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى، ھەممىلا يەردە ئىناقلىق، تىنچلىق مەنزىرىسى نامايان بولاتتى. ھەر كۈنى خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ئۈچۈن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى توپ- توپ فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالدى، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىلى دەرياسى شىمالىي قىرغىقىدىكى مەنزىرە يولىدا، كىشىلەر دەريا بويىدىكى گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى ۋېلىسىپىتلىك ياكى پىيادە تاماشا قىلىۋاتاتتى...

  يېزا- كەنتلەردىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. «كەنتىمىزنىڭ ئامانلىقى تېخىمۇ ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىسىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم كۆپەيدى، بىكار يۈرىدىغان ياشلار ئازايدى، يۇرتداشلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ ئاشتى. نەگىلا بارساق، كىچىك دوستلار پۇتۇڭخۇادا قىزغىن ۋە يۇقىرى ئاۋازدا <ياخشىمۇ سىز> دەيدىغان بولدى!» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى گاۋ يۈەنتاۋ نەزەرىدىكى يېزا- كەنتلەردە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى مۇشۇنداق تەسۋىرلەپ بەردى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭدا ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە ئامانلىق دېلولىرىمۇ زور دەرىجىدە ئازايدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، قۇياش نۇرىغا تولغان بەخت يولىدا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئۈزلۈكسىز ئىنتىلمەكتە.

  ھەم «ئامانلىق پونكىتى»، تېخىمۇ مۇھىمى «قەلبلەرنى ئىللىتىش پونكىتى»

  11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچىدە قېلىن قار ياغدى. سائەت 7 لەردە مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى چېن ۋېنلى ئۆيدىن چىقىپلا تۇنجى نۆۋەتلىك ئەتىگەنلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا چىقتى، ئۇ ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدىن بۇرۇن شياۋشىمېنغا بېرىۋالمىسا بولمايتتى. بۇ چاغدا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، كوچىدا ئادەملەر كۆپ ئەمەس ئىدى، بىراق چېن ۋېنلى ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى، ئۇ: ئۆيۈمدىن شياۋشىمېنغا كەلگىچە، بىرنەچچە ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ناھايىتى خاتىرجەملىك ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن، دېدى. چېن ۋېنلى تىيانشان رايونىنىڭ شياۋشىمېندىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ «دائىملىق مېھمىنى» بولۇپ، ھەر قېتىم يولنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ يەردە چاي قۇتىسىغا قايناق سۇ قاچىلىۋالاتتى، بەزىدە تېخى ھاجەتخانىغىمۇ كىرىپ چىقاتتى.

  سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قار يەنىلا يېغىۋاتاتتى، شياۋشىمېندىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدا سەككىز شەھەر ئاھالىسى ئولتۇراتتى، ئۇلار قار- شىۋىرغاندىن دالدىلىنىپ، ئىسسىنىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەنىدى.

  تۇرپاندىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چېڭگۇڭ مەيدانىغا مال ئېلىشقا كەلگەن ئابلەت ئابلىمىت: ئەتىگەندىلا كەلگەنىدىم، سودا ساراينىڭ ئىشىكى ئېچىلماپتۇ، يول بويىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن مېنى كىرىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى، يەنە ئىسسىق چاي قۇيۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم، دېدى. مەن ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدىكى ئەسۋاب ساندۇقىدا خەرىتە، يىپ- يىڭنە، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش سايمانلىرى، ناسوس، پىلاستىر، يېقىننى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكى قاتارلىقلارنىڭ تەل ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. سىرتتا كۈچلۈك شامال چىقىپ قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى، ئابلەت ئابلىمىت ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدىن چىققاندا، خەلق ساقچىسى يەنە ئۇنىڭغا كۈنلۈك بەردى.

  قەدىمدىن بۇيان چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپقان. يەلكەن تارتىپ يولغا چىقىشتا، يۆنىلىش ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پۈتكۈل ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ياخشى تەدبىر، ياخشى مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشى جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك ھېس قىلدۇردى، ھەرمىللەت ئاممىنى ئىللىقلىق، خاتىرجەملىككە تېخىمۇ ئىگە قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي بۇ ھەقتە ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسىدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 6-7 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ جىنايى ئىشلار، ئامانلىق دېلوسى يۈز بەرمىدى، پەقەت كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۈچ قېتىم سۈركىلىش ۋە تالاش- تارتىش يۈز بەردى. ھازىر شىنجاڭدا، خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ھەم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى «ئامانلىق پونكىتى»، شۇنداقلا پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «قەلبلەرنى ئىللىتىش پونكىتى»غا ئايلاندى.

  «شىنجاڭ ئەڭ بىخەتەر ساياھەت مەنزىلى»

  «بۇلتۇر شىنجاڭغا ئۈچ قېتىم كەلگەن، بۇ يىل تۆتىنچى قېتىملىقى، كېلەر يىلى چوقۇم يەنە كېلىمەن. چۈنكى شىنجاڭ بىر قېتىم كەلسىلا خۇمار بولۇپ قالىدىغان جاي ئىكەن. مېنىڭدىن شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت فوتو ئاپپاراتىمدىكى ئاشۇ ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايلارنى كۆرسىڭىزلا بىلىسىز». 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى جاۋ فېي تېخى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماي تۇرۇپلا، كېلەر يىلى يەنە شىنجاڭغا كېلىشنى پىلانلىدى. «بىللە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئەڭ بىخەتەر ساياھەت مەنزىلى ئىكەن، دېيىشتى».

  «ئىنتايىن بىخەتەر» دېگەن سۆز كىشىلەر شىنجاڭ توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان سۆزگە ئايلاندى.

  خېبېي لاڭفاڭلىق ياڭ جىشېڭنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا دۇكان ئېچىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى، ئۇ ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە ھاراق- تاماكا تىجارىتى قىلاتتى. ياڭ جىشېڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە تىجارەت قىلغاچ، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەممىدىن بەك ھېس قىلالايمىز. ھازىر شىنجاڭ ئىنتايىن بىخەتەر، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، سودىمىزمۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلانماقتا!» چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا تىجارەت باشلانغاندا، ئۇ تۆت تۇغقىنىنى دۇكاندا ياردەملىشىشكە چاقىردى، شۇ كۈنى دۇكىنىدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سودا قىلدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توغراقلىق ھازىر ئالتۇن رەڭگە كىردى، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە بەس- بەستە كېلىپ، ياكى مەنزىرە تاماشا قىلاتتى، ياكى رەسىم سىزاتتى، ياكى سۈرەت تارتاتتى، ياكى توغراقلىقتا پىيادە مېڭىپ تەبىئەتنىڭ سوۋغىتىدىن ھۇزۇرلىناتتى. قەشقەر، خوتەننىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى ساياھەتچىلەر، سومكا ئېسىۋالغان ساياھەتچىلەر، ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، بۇ يەردىن يىپەك يولى مەدەنىيىتى ئەسلىمىلىرىنى ئىزدەيتتى. يېقىندا، چېگرا لىنىيەسىدىكى «پورت ساياھىتى»مۇ قىزىپ كەتتى، كىشىلەر ئالاتاۋ پورتىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلاردا «دۇنيا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش»نىڭ لەززىتىدىن بەھرىلەندى، قونجىراپتا تيەنجى ئۆتكىلى، قىزىل رەڭلىك دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ھېس قىلدى.

  بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

  10- ئاينىڭ 30- كۈنى، خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ قانۇن دەرسىدە، تەربىيەلەنگۈچى ئابدۇلئەھەت مەتتوختى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان باشقا ياشلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى: قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى نەقەدەر خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىمنى بىلدىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىغا رەھمەت!

  ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەم- تەربىيە خىزمىتى ئارقىلىق، ئازغان قەلبلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىغا ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى.

  كىشىلەر مۇقىملىققا ئىنتىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قوغدىدى

  10- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 17 دە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سودا شەھەرچىسىدىكى سودا چەمبىرىكىگە جايلاشقان بەيسىبەي خەلقئارا مەيدانىدا، سودىگەر لى يەنشيا بىر خېرىدارنىڭ دۇكاندا جېدەل چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جىددىي ئەھۋالدا، ئۇ بىنا ئىچىدىكى سىگنال گۈدۈكىنى باستى. بىر مىنۇت ئۆتمەيلا، ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى، سودا سارايدىكى ئىچكى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئون ئائىلە بىرلەشمە قوغدىنىش باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى دۇكانغا يېتىپ كېلىپ، ماجىرانى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

  سودا شەھەرچىسىدىكى سودا چەمبىرىكىدە 7000 دىن ئارتۇق دۇكان بار بولۇپ، كۈندىلىك خېرىدار 30 مىڭغا يېتىدۇ، ئاپتوموبىل 5000 دىن ئاشىدۇ، ئادەم كۆپ بولغاچقا، بۇ يەر بىر مەزگىل شەھەر ئامانلىقىنىڭ «ئاغرىق نۇقتىسى» بولۇپ قالغانىدى. ھازىر بۇ سودا چەمبىرىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنى تايانچ قىلىپ، تورلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەر، مەھەللە ئاھالىلىرىنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، باشقۇرغۇچىسىز رايون، يوچۇق، بوشلۇق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماس ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى، «ئۈچ خىل كۈچ» كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا كىشىلەر قەلبى مۇقىملىققا، تۈزەشكە تەلپۈنىدىغان بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلدى. تۈركۈم- تۈركۈم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش كادىرلىرى سادىقلىقىنى كەڭ چېگرا رايونغا بېغىشلاپ، چىن ھېسسىياتىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىغا يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامغا قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى كۈچ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى، نامراتلارنى يۆلەش كۈچى، تەرەققىيات كۈچى قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كەنت قىياپىتى يېڭىلاندى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى