قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىچىككىنە ھەمكارلىق كوپىراتىپى- بېيىشتىكى چوڭ سەھنە

2018-11-06 12:56:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ھاراق ئېچىتىش ئۇستىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر بولىدۇ. ئەمما، قۇمۇل شەھىرىدىكى فۇ شىنيەن ئىسىملىك بىر قىز ھاراق ئېچىتىشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ھاراق ئېچىتىش تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پىۋا شىركىتى ئېچىپ، ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ياراتتى.
  ئەتىگەن سائەت 10 دا، فۇ شىنيەن ئۆزىنىڭ پىۋا ئېچىتىش ئۆيىگە كېلىپ، پىۋىنىڭ شىكەر تەركىبىنى ئۆلچەشكە باشلىدى. بۇنداق بولغاندا، ئۇ پىۋىنىڭ تەمىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىلىپ، تەڭشەش ئېلىپ بارالايتتى.
  بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن فۇ شىنيەن ئالىي مەكتەپتە قانۇن كەسپىدە ئوقۇغانىدى. 2011- يىلى ئۇ كېسەل بولۇپ قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن چىڭدۇدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى. 2016- يىلى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، فۇ شىنيەن دوستىغا ھەمراھ بولۇپ چېڭدۇغا بېرىپ پىۋا ئېچىتىش تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ئېسىل پىۋىنى ئىچكەندىن كېيىن بۇ خىل پىۋىنىڭ پۇرىقى ئۇنى جەلپ قىلدى. فۇ شىنيەن مۇنداق دېدى: تۇرمۇشىمىزدا بوتۇلكىغا قاچىلانغان پىۋىلا ئىچىپ باققانىدۇق. بۇ خىل ئېسىل پىۋىنى ئىچىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، ئەمما بۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىياللار ناھايىتى ياخشى ئىكەن. مېنىڭچە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى قۇمۇلغا ئېلىپ كىلىش كېرەك.
  بۇلتۇر 8- ئايدا، ئۇ چىڭدۇدىكى پىۋا زاۋۇتىغا بېرىپ ھاراق ئېچىتىش ئۇستىسى بولۇش يولىنى ئاچتى. بىر تۇڭ پىۋىنىڭ خام ماتېرىيالى 50 كىلوگرام كىلەتتى. فۇ شىنيەن بۇ خام ماتېرىياللارنى يۆتكىيەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن، چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. جىسمانىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئاسان بولغىنى بىلەن، ماشىنا مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىش تەس ئىدى. ھاراق ئېچىتىش ئىنژېنېرى مەشغۇلات قائىدىسىنى ئۆگەتگەندە، فۇ شىنيەن خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ، بىر بىرلەپ خاتىرە قالدۇرۇپ، ماشىنىدىكى قەيەرنىڭ 1- نومۇرلۇق، قەيەرنىڭ 2- نومۇرلۇق ۋىكليۇچاتېل ئىكەنلىكىنى يېزىپ ماڭدى. ئۇ يەنە مۇئەللىم ئۆگەتكەن مەزمۇنلارنى سىنغا ئېلىپ، ئىشى يوق چاغلاردا كۆردى.
  بۇ يىل 6- ئايدا، فۇ شىنيەن 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇمۇل شەھىرىدە پىۋا ئېچىتىش ئۆيى ئاچتى. تۇنجى قېتىم پىۋىنى مۇستەقىل ئېچىتقاندا، خاتالىق كۆرۈلدى. فۇ شىنيەن مۇنداق دېدى: ئەسلىدە پىۋىنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن باشلاپ ئېچىتىشقا باشلىسام، نورمال ئىش تەرتىپى بويىچە كەچ سائەت توققۇزدا ئاخىرلىشاتتى. سۇ بېرىش ۋە ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت توشمىغانلىقتىن، مەن 3- تۇڭنى ئېچىتقاندا سەھەر سائەت ئۈچ، تۆت بولۇپ كەتتى.
  فۇ شىنيەن ئارقا- ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغان بولسىمۇ بوشىشىپ قالمىدى. ھەر كۈنى كەچتە خىزمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇ توردىن ماتېرىيال ئىزدەپ، ھاراق ئېچىتىش ئۇستىلىرى بىلەن كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خاتىرە قالدۇردى. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئېچىتىش جەريانىنى كاللىسىدا قايتا- قايتا ئەسلەپ چىقتى. فۇ شىنيەننىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئېچىتقان پىۋىسى قۇمۇلدا بازار تاپتى. فۇ شىنيەن مۇنداق دېدى: گۇمانىي كۆزلەر قانچە كۆپ بولسا، مېنىڭچە مەن شۇنچە تىرىشىشىم كېرەك. 6- ئايدىن ھازىرغىچە ئىككىنچى تارماق دۇكاننى ئېچىپ بولدۇم. ھازىر، كورلا ۋە ئاقسۇدا بازار تەكشۈرۈۋاتىمەن. بۇ پىۋىنىڭ بازار ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، مەن مۇشۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتمەكچىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى