قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

2018-11-06 12:59:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  ئاپتونوم رايون11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ساياھەت كوپىراتىپى، ئايرودۇرۇم گۇروھى قاتارلىق 12 ئورۇن قىشلىق ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت پائالىيىتى، ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى ۋە ئېتىبارلىق مۇكاپات سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.
  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر قار- مۇز، مەدەنىيەت، مال سېتىۋېلىش، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، تەنتەربىيە قاتارلىق قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىدىن 196 نى، ئېتىبارلىق مۇكاپات تەدبىرىدىن 102 نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈرۈمچى- سانجى رايونىنىڭ قىشلىق ئارام ئېلىش، ساياھەتتىكى تۇنجى تاللاش بولۇشتەك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، »100 مەنزىرە نۇقتىسىدا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش»، »مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش- غەربىي يۇرت سەپىرى» قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې ۋېن مۇنداق دېدى: كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئايروپىلان ۋە پويىز ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبارلىق سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. بۇنداق بولغاندا، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا 3 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بۇ-- بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38 تىن كۆپرەك ئاشىدۇ.
  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى بايرام پائالىيىتى جەمئىي 24 تۈرلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، قار- مۇز ساياھىتى، دالادا ئاپتوموبىل ھەيدەش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ئىستىمالدا ئېتىبار بېرىش، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبارلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەت، ياتاق، يېمەك- ئىچمەك باھاسىنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە تۆۋەنلەتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن يى مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشتا بىز «ئاقسۇلۇقلار ئاقسۇنى ساياھەت قىلىش» ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان تارىخى مەدەنىيەت ساياھىتىنى يولغا قۇيىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى قىش پەسلىدە جەنۇبى شىنجاڭدا دەم ئېلىش ساياھىتى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. ھۆددىگە ئالغان ئايرۇپىلان، مەخسۇس پويىزدا قونۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىدىن باشقا، بىز يەنە مەخسۇس ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئالاھىدە ئارام ئېلىش بازىسى بەرپا قىلىپ، تارىم ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر مەيدان ئويۇنىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىمىز.
  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بۇ يىل «2 +1 +N» دىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى «2» نىڭ بىرى ئالتاي، يەنە بىرى ئۈرۈمچى- سانجىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى باشلامچى قىلغان قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. بۇ يەردىكى «1»-- جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى «N» بولسا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرلىكتە يولغا قويۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل 11- ئايدىن كېلەر يىلى 3- ئايغىچە، 196 تۈرلۈك پائالىيەت نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپى زورايتىلىدۇ. بۇ يىل قىشتا، بىزنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانىمىز چوقۇم 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى