قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدىكى قىزىل يوپۇرماق

2018-11-06 13:17:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈ خۇڭ

  باش كۈزدە موخېدىكى شىمالىي قۇتۇپ كەنتىگە بېرىپ زىيارەت قىلىش شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى مەزگىل. ئاپتوموبىل موخې چېگرىسىغا كىرگەندە، مەن روھلىنىپ كەتتىم. يول بويى ياپيېشىل، قات- قات ئورمانلار خۇددى بىر پارچە گۈزەل ماي بوياق رەسىمى ئىچىدە تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، قارىغاي دەرىخى ئاق قېيىنغا ھەمراھ بولۇپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. دەرەخلەر ئارىسىدا قۇشلار كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، ئالتۇن رەڭلىك ياۋا مېۋە سىزگە قول پۇلاڭلىتاتتى، يەنە چىرايلىق قىزىل يوپۇرماقمۇ بار ئىدى. بىر، ئىككى تال يوپۇرماق مېنىڭ مۈرەمگە، بىشىمغا چۈشۈشكە باشلىدى، ھەقىقەتەن«بۇلۇتلاردىن يازنىڭ چېھرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، غازاڭدىن كۈزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ» دېگەندەك بۇ ئورمانلىق مېنى شۇنچلىك ھاياجانغا چۆمدۈرگەن ئىدى. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانىدا ئۆسكەن مەن ئىزچىل بىپايان يېشىللىققا پۈركەنگەن چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم، موخېغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن شىمال مەنزىرىسىنىڭ باشقىچە جەلپكارلىقىنى ھىس قىلدىم.
ماشىنىغا چىققاندا، چېچىمنىڭ ئۇچىغا بىر تال قىزىل يوپۇرماق چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇ خۇددى  بىر رەڭلىك كېپىنەك مېنىڭ يېنىمدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈندى.«قىزىل يۇپۇرماققا قىرو چۈشكىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، يەنىلا شاختىن مېھرىنى ئۈزەلمەي تۇراتتى» دېگەندەك تەسىرات بىرەتتى. مېنىڭچە بۇ قىزىل يوپۇرماق مەن بىلەن بىللە شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ئۆتمۈشىنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. دېرىزە سىرتىدىكى يىراق تاغلار چەكسىز كەتكەن بولۇپ، ئاندا- ساندا سۈپسۈزۈك كۆللەر بۇلۇت ئىچىدە چاقناپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. بۈگۈنكى كۈندە موخې ئىلگىرىكى بېكىنمە ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىۋاتاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي قۇتۇپ كەنتى تىپىك ئۈلگە ئىدى.
شىمالىي قۇتۇپ كەنتى موخې شەھىرىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دەريا بويىدا، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي چىشىڭ تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي. 1997- يىلى بۇ يەر ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ ئېچىۋىتىلدى. بۇ يەردە «ئەڭ شىمالىي قىسىمدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»،«شىمالىي قۇتۇپ قاراۋۇلى»، «شىمالىي قۇتۇپ قۇملۇقى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەڭ شىمالىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرىلەر بار. جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە، بايلىقى مول بولغاچقا، «ئالتۇن خوراز تاجىسىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت» دەپ نام ئالغان.
بىز شىمالىي قۇتۇپ تاغلىق كەنتىگە يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى. شىمالىي قۇتۇپ تاغلىق يېزىسىدا ھويلىسىمان ئىمارەت بولۇپ، ھويلىسىدا ئاجايىپ-غارايىپ گۈللەر ئېچىلغان، گۈلسامساق، ئەتىرگۈل، ئاق تېۋىلغا قاتارلىقلار ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى. كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەللىكىدىن، مەن يۈك- تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقىمۇ تاقەت قىلماي دەريا بويىغا قاراپ ماڭدىم، يول بويىدىكى قاتار- قاتار قەدىمىي «ياغاچ ئويما»  ئۆيلەر بىلەن روسىيە ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. دەريا بويىغا كەلگەندە، چەكسىز كەتكەن لۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى كەنت تەرەپتىن ئاستا- ئاستا ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇپۇقتىكى شەپەق قىزغۇچ كۆرۈنەتتى، پېتىۋاتقان قۇياش يومۇلاق ھالەتتە بولۇپ، يىراقتا بىر ياۋا غاز ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. تەبىئەت ئاجايىپ بىر رەسسام بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى، لوڭجياڭ ئاسمىنىدا تەبىئىي سىياھ قەلەم بىلەن سىزىلغان سۈرەت كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى، مەن نەپىسىمنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە نەزەر سالدىم، بۇ قۇياش نۇرى بىلەن كەچكى شەپەق ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ئاجايىپ مەنزىرە بولۇپ، ئۇنىڭغا مەست بولۇپ قالدىم- دە، «شىمالدىكى كەنتدە كۈن پاتتى رەڭگارەڭ بولۇپ، لوڭجياڭ دەرياسى ئاقتى مەۋج ئۇرۇپ. ياۋا غاز ئۇچۇپ ئۆتتى ئۇپۇق ئارا، ئون چاقىرىم دەريا ئورمان تۇتاش كەتكەن تولۇپ» دېگەن مىسرالار ئېسىمگە كەلدى.
نەدىمۇ ئون چاقىرىم بولسۇن، مىڭ چاقىرىم دىسىمۇ ئارتۇق كەتمەس. مەن دەريا بويىدا قىيالماي بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن قايتتىم، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ئالاھىدىلىكى كەچكى شەپەق پاتقاندىن كېيىن قاراڭغۇ كېچە بولۇپ قالاتتى. قايتقان ۋاقتىمدا ئاسمان يۇلتۇز بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدە ئەڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغىنى شىمالىي قۇتۇپ نۇرى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ يەردە يازنىڭ ئالدى-كەينىدە، يېرىم كېچىدە شىمالغا قارىسا ئاسمان خۇددى كۈندۈزگە ئوخشاش بولۇپ، رەڭگارەڭ قۇتۇپ نۇرى كۆپىنچە يېرىم كېچىدە پەيدا بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدە تۇرغان بىر نەچچە ئاخشامدا سەھەر سائەت ئىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قاراپ باقتىم، ئەپسۇس، قۇتۇپ نۇرى كۆرۈنمىدى، ياز كەلگەندە ئاندىن قۇتۇپ نۇرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن، باش كۈزدە پەقەت چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىلا كۆرگىلى بولاتتى. بەلكىم جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ئاسمىنى باشقا جايلارنىڭكىدىن يورۇق، يېقىن ئىدى. ئاسماندىكى سۈزۈك ئاي مېنىڭ بېشىمدا ئېسىقلىق تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.
دېرىزە ئالدىدا ئېڭىكىمنى يۆلەپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ ئولتۇراتتىم. يەنە بىر قاراپ قويغىنىمدا، رومانتىك ھىسسيات قەلبىمىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ چاغدا مەن خۇددى «ئۇچار گىلەم» ئۈستىدە ئولتۇرغان ساددا قىزغا ئوخشاش بوشلۇقتا سەيلە قىلىپ، يۇلتۇزلار ئارىسىدا پىچىرلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىللە پەرۋاز قىلىۋاتاتتىم. شۇ چاغدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، ئۆتكەن يىللارنىڭ ھەممىسى ئارقىغا تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ، قېلىپ قالغىنى پەقەت تەمكىنلىك ۋە ساپ نىيەت ئىدى. نام ئاتاققا بېرىلمەسلىككە يازغۇچىلار كۆپىنچە ئەمەل قىلالايدۇ. ھەر قېتىم، ھەجمى چوڭراق ئەسەر يېزىش ئۈچۈن نەچچە ئاي ھەتتا بەزىدە بىرەر يىل ئۆيدىن چىقماي يىزىقچىلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەسەر پۈتكەندە ئاندىن سىرتقا چىقىپ بەزىدە جاھان ناتونۇش كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. بەزى توپا يوللار كەڭرى ئاسفالىت يولغا ئايلانغان، كونا ئولتۇراق رايونلار، مودا گۈللۈك ئولتۇراق رايونلارغا ئۆزگەرگەن، كىشىلەر پىركازچېكسىز تاللا بازىرى ۋە ماشىنا ئادەم توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقان. ئېنتېرنېت تورىدىن مادىي بويۇملار تورىغىچە. بۇلارنىڭ ھەممسى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا مەنسۇپ. نام - ئاتاققا بېرىلىپ كەتكىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە كىشىلىك ھاياتتا كۆپ چىنىققاندا ھەم ئىسسىق سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندە ئاندىن ھاياتنىڭ تەمىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. يىراق سەپەرنىڭ جاپاسىنى تارتقاندا قايتىپ كېلىشنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ.
سەيلە قىلىپ يۈرگىنىمدە بېشىم ئۈستىدىكى تولۇن ئاي خۇددى يېنىمدا تۇرغاندەك قىلاتتى، مەن ئاي ئوردىسىغا كىرىپ سەيلە قىلىشنى ئويلىغىنمدا قۇلاق تۈۋىمدە يەنە بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. قۇلاق سالسام بۇ نىلۇپەر گۈللىرىنىڭ ئېچىلغان چېغىدىكى ئاۋازىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلغاندەك بىلىنەتتى. بۇنداق گۈزەل كېچە مەنزىرىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيماي، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تىكىلىپ، كېچە يېرىملاشقاندا ئاندىن ئۇيقۇغا كەتتىم.
شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ سەھىرى جىمجىت بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، كىم بىلسۇن ئىشىكتىن چىقىپلا خۇددى پىيادىلەر كوچىسىغا كېلىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. ھويلا ئالدى ناھايىتى ئاۋات بولۇپ، كىشىلەر ئۈچتىن بەشكىچە توپ- توپ بولۇپ سەيلە قىلىۋاتاتتى، يۈجيا گۇمپىسى، تەيجى گۇمپىسى ئويناۋاتقانلارنىڭ، تەلەپپۇزىدىن ھەر يەردىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مۇلازىمەتچى ماڭا بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىمالىي قۇتۇپ كەنتىگە ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى، ئاپاق قار قاپلىغان قىشتا مېھمانخانىلار ساياھەتچىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ يالغۇز شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى، ئىسلاھاتنىڭ باھار شامىلىنىڭمۇ نەتىجىسى ئىدى. شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا پاراڭلاشقاچ، ئالدىنقى شاۋلىنچاڭ باقمىچىلىق بازىسى، جىنگۇ ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە موخې ئورمانچىلىق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. ئورمانچىلىق مەيدانلىرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ھەممە جاي گۈللەپ ياشنىغان، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئورمان ساياھىتى، يېشىل، ئورگانىك يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىدى. مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ قويغىنى، ئىت ئېيىقنى مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتىنى كۆرۈش ، قارا بۇلغۇننى مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتىغا بېرىپ مېھمان بولۇش بولدى.  تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، چوڭ ھىنگان تېغى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشنى كۈچەيتتى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنىڭ سانى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۈك- باراقسان شىڭئەن زېمىنى ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر كۆپىيىپ ياشايدىغان باغچىغا ئايلاندى.
بىز بىلەن بىللە زىيارەتكە بارغان تەن جۈن مۇئەللىم شۇ يەرلىك، ئۇ شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ تارىخى ئۆزگىرىشلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى. ئىلگىرى شىمالىي قۇتۇپ كەنتى قالاق ھالەتتە بولۇپ، چەت- ياقا جايغا جايلاشقان، كىشىلەر قاتناش مەسىلىسى سەۋەبىدىن سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئامالسىز قالغان، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرى دەرەخ كېسىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. لېكىن ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، موخې  پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. بۇنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى «دەرەخ كېسىش» تىن «دەرەخ دوغداش» قا، تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشقا ئەگىشىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك يېشىل ئىقتىساد قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ ئۆزى بايلىق» ئېكولوگىيە قىممەت قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، چوڭ ھىنگان تېغىدىن ئىبارەت بۇ يېشىل ئورمان دېڭىزىنى ياخشى قوغداش ۋە باشقۇرۇش بارلىق ئورمان ئىشچىلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى.
چۈشتىن كېيىن ھاۋا يەنىلا ئوچۇق ئىدى. ئەمدى بىز «شېنلۇ ئارىلى سانائەت باغچىسى» غا بارماقچى بولدۇق، ئاڭلىشىمىزچە، بۇ تاغ ھەقىقىي ئىپتىدائىي ئورمانلىق بولۇپ، مەن ئۇيەرگە قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ئورمانلىق ئارىسىدىكى چىغىر يولدا كېتىپ بارىمىز، ئاپاق بۇلۇتلار توپ- توپ بولۇپ، گۈل- چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلغان ئىدى. تاغ ئۈستىگە چىققانسېرى قەدىمىي دەرەخلەر ئاسمانغا تاقاشقان، دەرەخ يوپۇرماقلىرى قويۇق بولۇپ، يوپۇرماق تاشلايدىغان قارىغاي، يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغاي، كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ، ئاق قېيىن، چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، سۆگەت، يۇلغۇن قاتارلىق دەرەخلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۆسۈملۈكلەر ئارسىدا قويۇق ئۆسكەن، لابرادۇر چېيى، ئازغان، ئورمان ياڭىقى، تاغ قەلەمپۇرى سۈنئىي تاختاينىڭ ياخشى خام ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ. كەتىرا، پەربۇن، شىقىلداق قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى دورا ماتېرىيالى ھىساپلىنىدۇ. بىز بۇ ئورمانلىقتا خۇددى ئاسمان بويلاپ ماڭغاندەك تۇيغۇدا كېتىپ باراتتۇق. قارلىغاچنىڭ پەرۋاز قىلىشى، قۇچقاچنىڭ ۋىچىرلاشلىرىگە مەس بولۇپ، سېرىق گۈللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھەر بىر دەرەخنى قۇچاقلىماقچى بولىسىز، بۇ چاغدا سىز ھەقىقىي ئالەمنىڭ چوڭلۇقى، ھاياتلىقنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىسىز، تەبىئەتنى قۇچاقلىغاندا سىز خۇددى مەيىن شامالدەك تەمكىن بولىسىز. خۇددى بىر پارچە دەرەخ يوپۇرمىقىدەك يېنىك، گۈزەل ھىس قىلىسىز؛ تەمكىن، خۇددى بىر تۈپ دەرەختەك ياپيېشىل، مەردانە بولغىنىڭىزدا كۆكسى قارنىڭىز كەڭ بولۇپ، دۇنيا شۇنچە كەڭ بىلىنىدۇ.
ئەركىن- ئازادە سەيلە قىلىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، ئورمانلىقتىن يەنە بىر نەچچە تۈركۈم تەكشۈرۈش ئەترىتى چىقىپ كەلدى، سەپەرداشلار تونۇشتۇرۇپ: «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىمالىي قۇتۇپ كەنتى خېيلۇڭجياڭنىڭ يارقىن مەنزىرىسىگە ئايلاندى، ئىسمىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. موخې شەھىرى شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، شىمالىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە كىچىك بازارنى يادرو قىلىپ، كەنت ساياھىتىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدا قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىشنى پرىنسىپ قىلىپ، شىمالىي قۇتۇپ كەنتى، بېيخۇڭ كەنتى، لوگۇخې كەنتى، گۇئەنيىن تېغى، موخې ئورمان باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ساياھەت كەسپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹شىمالنى ئىزدەش› ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلىمىز» دېيىشتى.
شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ئۆزگىرىشى مېنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ خۇددى بىر يېشىل مەرۋايىتتەك شىمالىي قۇتۇپ زېمىنىغا قۇيۇلغان ئىدى. «بۇغا ئارىلى» دىن يېنىپ چىققىنىمىزدا روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، بۇلبۇل ھېسسىياتچان ناخشا ئېيتىپ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. ئارقىدىنلا لۇڭجياڭدىكى 1- قولتۇققا باردۇق، پايانسىز دەريا سۈيى بۇ يەردە جىددىي ئايلىنىپ، گۈزەل ياي سىزىقىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدە خۇددى رەسىملەر ئارىسىدا ماڭغاندەك ھىس قىلدۇق، ھەممە يەر مەنزىرە، باھار پەسلى تەبىئەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ياز پەسلىدە يوپۇرماقلار يېشىللىققا تولىدۇ، كۈز پەسلىدە ياۋا مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، قىشتا ئەتراپ كۆمۈش رەڭگە كىرىدۇ. تۆت پەسىلنىڭ گۈزەللىكى، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدە تەبىئىي ۋە ئادىمىيەت بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. شىمالىي قۇتۇپ كەنتى تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ھەدىيە قىلغان سوۋغىسى، ئۇ خۇددى يەر شارىدىكى بىر پىنھان ماكانغا ئوخشاش، ئەڭ يىراق بىر بۇلۇڭدا يالغۇز تۇرماقتا. ئۇ شاۋقۇن- سۈرەندىن خالىي ھەم خۇش پۇراق بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ھامان ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمايدۇ.
 
خەير- خوش شىمالىي قۇتۇپ كەنتى. خۇددى مەن ئاستا كەلگەندەك، جىمجىت ئايرىلدىم، قول پۇلاڭلىتىپ بىر پارچە بۇلۇتنىمۇ ئېلىپ كەتمىدىم. شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدىكى بۇلۇتلارنى ئەلۋەتتە ئېلىپ كېتەلمەيمەن. بىراق، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدىكى ئاشۇ تاغدىكى ئورمانلىق قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن بولۇپ، يەنە قىزىل يوپۇرماقمۇ بار ئىدى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى