قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆيىمىزدىكى تىيىن

2018-11-06 13:19:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆيىمىز ئورمانلىققا يېقىن ئىدى. بىر تىيىن ئۆيىمىزگە كىرىۋېلىپ، ناھايىتى تېزلا بىز بىلەن چىقىشىپ كەتتى. ئۇ پۈتۈن ئۆينىڭ ئىچىدە قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، ھېلى ئىشكاپ ھېلى جازىلار ئارىسىدا سەكرەپ ئوينايتتى، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ناھايىتى چاققان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئوخشاش نەرسىگە قايتا يېقىنلاشمايتتى.
ئۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇپ، دائىم بىزنىڭ مۈرىلىرىمىزگە چىقىۋېلىپ كەمپۈت يەيتى. بىر قېتىم ئانام، ئىشكاپتىكى چاقماق قەنتنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىزنى چاقىرىپ سورىدى، بىز بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. دادام بولسا بىزنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن راست گەپ قىلمىساق، بىر ھەپتە كەمپۈت يېيىشىمىزگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن تىيىنمۇ بىزگە ئوخشاش، بىر ھەپتە كەمپۈت يەپ باقمىدى.
بەزىدە تىيىن مېنىڭ مۈرەمگە چىقىۋالاتتى- دە، قۇلاقلىرىمنى يەڭگىل يالاپ قوياتتى، بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ كەمپۈت يېگۈسى كەپتۇ- دە دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، مەن ئۇنىڭغا نەدىكى كەمپۈتنى بېرەي؟
 بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، مەن كىرىسلودا جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز تىيىن تاماق ئۈستىلىگە سەكرەپ چىقىپ، بىر پارچە بولكىنى چىشلەپ ئالدى- دە، ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر پارچە بولكىنى چىشلەپ چىقىپ كەتتى.
مەن ئورۇندۇقنى دەسسەپ چىقىپ ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قاراپ بېقىۋىدىم، ئۇ يەردە ئانامنىڭ بىر دوپپىسى دۇراتتى. دوپپىنى ئېلىۋېتىپ ناھايىتى ھەيران قالدىم، دوپپىنىڭ ئاستىدا چاقماق قەنت، كەمپۈت، بولكا پارچىسى ۋە ھەر خىل سۆڭەك پارچىلىرى دېگەندەك... ھەممە نەرسە بار ئىدى.
  مەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ دادامغا: «ئەسلىدە تىيىن ئائىلىمىزدىكى سەمىمىيەتسىز بالا ئىكەن» دېدىم.
دادام قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ: «مەن ھەجەپ بۇنى ئويلىماپتىمەن. ئۆيىمىزدىكى تىيىن قىشلىق ئاشلىقىنى يىغىۋېتىپتۇ- دە. ئورمانلىقتىكى تىيىنلار كۈز پەسلىدە، قىشلىق ئاشلىق يىغىشقا باشلايدۇ. بۇ تىيىنلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى. بىزنىڭ تىيىنچاقمۇ تەبىئىتىدىن قالماپتۇ» دېدى.
دادام تىيىننىڭ ئاشخانىدىكى ئىشكاپقا كىرمەسلىكى ئۈچۈن ئىشكاپقا ئىلغۇچ بېكىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما تىيىن تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن قىشلىق ئاشلىقىنى يىغىۋەردى. بولكا پارچىسى، ئورمان ياڭىقى، ياڭاق، سۆڭەك پارچىلىرى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ قالسىلا دەرھال ئېلىپ يوشۇرۇپ قوياتتى.
بىر كۈنى، بىز ئورمانلىققا بېرىپ موگۇ تېرىپ كەلدۇق. ئۆيگە كېلىپلا ھېرىپ كەتكىنىمىزدىن، ئالدىراپ- تېنەپ تامىقىمىزنى يەپلا ئۇخلاپ قاپتۇق. بىر سېۋەت موگۇنى كېچىچە بۇزۇلۇپ قالمىسۇن دەپ دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويغان ئىدۇق.
ئەتىسى سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەيران قالدۇق، قارىساق سېۋەت قۇپقۇرۇق تۇراتتى. موگۇلار قەيەرگە كەتكەندۇ؟
دادامنىڭ كۈتۈپخانا ئۆيىدە تۇرۇپ «تېز كېلىپ قاراڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىز يۈگۈرۈپ كىرىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنزىرىگە ھاڭۋىقىپ قاراپ قالدۇق. تامدىكى بۇغا مۈڭگۈزىگە پۈتۈنلەي موگۇلار ئېسىلغان ئىدى. يالغۇز بۇغا مۈڭگۈزىگىلا ئەمەس بەلكى لۆڭگە ئاسىدىغان جازا، ئەينەكنىڭ كەينى، ماي بوياق رەسىم جازىسى ئىشقىلىپ ھەممە يەرگە موگۇ ئېسىلغانىدى. ئەسلىدە سەھەردە تىيىن ئالدىراشلىق بىلەن بۇ موگۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە ئېسىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن قىشلىق ئوزۇقلۇق قىلماقچى بولغانىكەن.
كۈز پەسلىدە، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى تېخى زىمىندىن كەتمىگەن ئىدى، ئورمانلىقتىكى تىيىنلار موگۇلارنى ئېگىز دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىپ قۇرۇتىۋاتاتتى، بىزنىڭ ئۆيدىكى تىيىنمۇ دەل شۇنداق قىلغانىدى.
بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ھاۋا راستىنلا سوۋۇشقا باشلىدى. ئورمانلىقتىكى تىيىنلار ئامال بار ئىسسىقراق جايلارنى تېپىپ يوشۇرۇنۇشقا باشلىغان ئىدى. بىر كۈنى، ئۆيىمىزدىكى تىيىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق. ئۇ گۈللۈك ياكى ئورمانلىققا قېچىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇنىڭ يوقىلىشى بىلەن كۆڭلىمىز غەشلىككە تولدى.
قاتتىق سوغۇق بولغان كۈنلەردە بىز ئۆيىمىزگە مەش قويماقچى بولدۇق ۋە مەشنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ، ئوتۇن سىلىپ، ئوت ياقتۇق. تۇيۇقسىز مەشنىڭ ئىچىدىن بىر نەرسىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دەرھال مەشنىڭ ئېغىزىنى ئېچىۋىدۇق، ئۇ تىيىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، چوڭ ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىۋالدى.
 مەشتىكى ئىس ئۆيگە يېنىپ، تۇرخۇنىدىن پەقەتلا ئىس ماڭمايۋاتاتتى. بۇ نېمە بولغىنى؟ ئاكام توم سىمدا ئىلمەك ياساپ، تۇرخۇنغا تىقتى.
نەتىجىدە، ئاكام تۇرخۇن ئىچىدىن بىر پەلەينى تارتىپ چىقتى، يەنە مومامنىڭ بايراملاردا چىگىۋالىدىغان ئەتىۋارلىق ياغلىقىمۇ تۇرخۇندىن چىقتى.
ئەسلىدە، تىيىن بۇ نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنى ياسىغان ئىكەن ئەمەسمۇ. ھەي، ئۇ ئورمانلىقتىن كەلگەن بولغاچقا، گەرچە ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا كونا ئادىتىنى تاشلىمىغان ئىدى. ئۇنىڭ تەبىئىتى شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭغا ئۆيىمىزنىڭ سوغۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بىلەنمۇ بىكاردە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى