قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەدەبىياتمۇ مەزمۇن جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇققا مۇھتاج

2018-11-06 13:20:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ليۇ داشيەن

ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىر قىسىم كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ ۋە ئىدىيە قىممىتى ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ رولى شاۋقۇنسىز، ئەمما چوڭقۇر بولىدۇ.
ئەدەبىيات بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا گويا بىر ئاز «ئاددىي» بولۇپ قالغاندەك بىلىنمەكتە. بۇنىڭ بىر ئىپادىسى ئامما كەڭ كۆلەمدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغايدىغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى. بۇ بىر زىددىيەتكە تولغان ئەھۋال. چۈنكى، مەيلى تارقىتىش ۋاسىتىسى ياكى سېتىش ئۇسۇلى بولسۇن، نۆۋەتتە تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلنى بېسىپ چۈشىدۇ ھەمدە ئالىي مائارىپنىڭ تەدرىجىي ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇرمەنلەر توپى زور دەرىجىدە كۆپىيىۋاتىدۇ. قائىدە بويىچە، ئەگەر سۈپەتلىك ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقسا، زىلزىلە پەيدا قىلالايدۇ دىيەلمىسەكمۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا مەلۇم باسقۇچتا ئاممىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغايدىغان تېما بولۇپ قېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئەمەس. ئەجىبا، بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سانى ئازىيىپ، سۈپىتى چېكىندىمۇ؟ ئېنىقكى ئۇنداق ئەمەس. ئەھۋال بەلكىم دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ رومان ئىجادىيىتى ھازىرقى زاماندىكى ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرى، پىكىر ئېقىملىرى، ئۇسۇلى ۋە ئىدىيەسىنى ئوزۇق قىلغان بولۇپ، 20- ئەسىر ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرغاندا، مەيلى ئىدىيە- قاراش جەھەتتە ياكى ۋاسىتىسىنى يېڭىلاش جەھەتتە بولسۇن زور ئىلگىرىلەش ھەتتا ھالقىش بولدى. يازما ژۇرنال، نەشر قىلىش ۋە تور مۇھىتىدا ئەسەر ئېلان قىلىش سانى بارغانسېرى ئاشماقتا.
ئۇنداقتا، ئەدەبىياتتىكى ئالقىشلىق ئەسەرلەر نېمە ئۈچۈن ئەكسىچە ئازلاپ كېتىدۇ؟ بۇ مەلۇم مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى، تاشقى ۋە ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش رولىدىن بۇ خىل ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئىچكى تەسۋىرگە بۇرۇلۇش» تىن كېيىن، پەيدىنپەي بىر يۈرۈش «ساپ ئەدەبىيات» سۆز- ئىبارىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەدەبىياتنىڭ تەلەپچان ۋە ئاساسىي خاراكتېرىنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئەسلىدە مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چېكى ۋە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى ئاخىرقى ئېقىمدا ئۈچ خىل گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى: ماھارەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان شەكىلۋازلىق، ئاممىۋىلىقتىن ئايرىلغان شەخسىيەتچىلىك ۋە كۆڭۈل ئېچىش يۆنىلىشىدىكى ئىستېمال مەسلىكى، ئۇلار ئىدىيىۋىلىك ۋە ئاساسىي گەۋدە خاراكتېرلىك قىممەتنىڭ كەمچىل بولۇشىغا قارىتىلغان. بۇ شۈبھىسىزكى، زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلمەسلىك ھەتتا سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قىسىم ئىجادىيەتچىلەرنى كۈندىن- كۈنگە يېرىم بېكىنمە دائىرىگە يېتەكلەپ ماڭماقتا. شۇڭا، ئۇنىڭ كەڭ تەسىر پەيدا قىلالماسلىقى تەبىئىي.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھېكايە تۈرىنى مىسالغا ئالساق، جەمىيەت، رېئاللىق، تۇرمۇشنىڭ تېز ئۆزگىرىشى توقۇلما يېزىقچىلىققا زور زەربە بەردى. كىشىلەرنىڭ تونۇشى ھەمىشە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ سۈرىتىگە يېتىشەلمىدى، بۇنداق ماس قەدەمدە بولماسلىق ھېكايىنى قىزىق نۇقتىلىق تېمىلاردىن تەبىئىيلا ئارقىدا قالدۇردى. ئۇنىڭ تارقىتىش بوشلۇقى تېز قەد كۆتۈرگەن تۈرلۈك يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان «توقۇلما بولمىغان ئاخپارات» تەرىپىدىن ئېگەللەندى. ئەلۋەتتە، رومان ئاخبارات يېزىقچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ، ئەسلىدە ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك ئىگىلەش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئارقىلىق تېخىمۇ ئۇزاق ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولاتتى. ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تېز رېتىملىق ئۆزگىرىش ۋە قىسقا مۇددەتلىك دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىل مۇھىتىدا، ھازىرقى نۇرغۇن ھېكايىلەر كۈچتىن قالدى، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالمىدى.
 ھېكايە ئىجادىيىتىدە، ئوبوروت ۋە قوبۇل قىلىنغان تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا، شۈبھىسىزكى، سىجىل خاراكتېرلىك پارچىلىنىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاغزاكى ئەدەبىيات شەكلىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن، رايون ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ھالقىغان يازما باسما ئەدەبىياتىغىچە، يەنە پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى «ئومۇمىي خەلق يېزىقچىلىقى» شەكلىدىكى دەل ۋاقتىدا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقىچە، ئەنئەنىۋى تونۇشتىكى «ھېكايە» بۇ خىل تىل مۇھىتىدا پەقەت ئىنسانلارنىڭ لىرىك ھىسسياتنى ئىپادىلەش، مەنىگە يېتىش، بايان قىلىش، ئويلىنىشتىكى كۆپ خىل ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئېستېتىك سەنئەت شەكلىدىكى مەركىزىي رايوندا تۇرالمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىچە بايان قىلىش ئۇسۇلى بارلىققا كەلمەكتە. ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش شۈبھىسىزكى ئەدەبىياتنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەمنىڭ يادرولۇق ئورۇندا ئىكەنلىكىدە شەك يوق، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش ۋە ئوقۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىجادىيەتچىلەر بىلەن قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش مۇھىتىدا ئورۇن ئالماشتۇرۇش ياكى سۆزلەشتە بىر- بىرىنى ئاساس قىلغان، ئاپتورنىڭ نوپۇزى يوقالغان؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئارىلىشىشى، مەدەنىيەت ئىستېمالىنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى ۋە كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلدى؛ ئېكران ئوقۇش دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، سالماق تۈسىنى ئالغان ئوقۇش ئۇسۇلىنى تېز، بىۋاسىتە كۆزىتىش، ھېس قىلىش يېتەكچى بولغان ئوقۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتتى. ئەلۋەتتە، مەنىۋى مەھسۇلات سۈپىتىدە، ئەدەبىيات ئەكس تەسىرگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت قارىشى، ئېستېتىك قىزىقىشى، ئېتىكا ئەخلاقى ۋە قىممەت مەيدانىنى يارىتىدۇ. لېكىن، ئۇ داۋاملىق ئوقۇشقا سەل قارايدىغان كۆزقاراش، ئىستېمال خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ھەقىقىي مەنىدە يېڭى تەجرىبىلەرنى بايان قىلىپ، يېڭى شەكىللەرنى كەشىپ قىلىپ ياكى يېڭى قىممەت تىكلەش لازىم، بولمىسا ئۇنىڭدىن غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېكايىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دەۋر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كونكرېت «ئەدەبىيات» نىڭ شەكلى بەلكىم كىچىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ يوقىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ «ئەدەبىيات» نىڭ جەۋھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگىرىپ باشقا سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىش مۇمكىن. ئەنئەنىۋى ھىكايە شەكىللىرى يەنىلا يېڭى ۋاستىلەردىن ئۈستىن تۇرىدۇ خۇددى تارىختا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان پاكىتقا ئوخشاش: كونا ئاخبارات ۋاستىلىرى يېڭى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالىدۇ. باشقا نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىيات، بولۇپمۇ ھېكايە بۇنىڭ بىلەن ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى مۇمكىن، ئەدەبىياتقا ئوخشاش سەنئەت شەكلى كۆپىنچە شەخسلەشكەن ئەمگەك بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ تاشقى پاراكەندىچىلىكتىن تېخىمۇ زور دەرىجىدە ساقلىنالايدۇ. ھېسسىيات، روھ ۋە ئىدىيەنىڭ ئىپادىلىنىشىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلىنىش ئايلانماسلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس، تارىختىكى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ ۋە ئىدىيە قىممىتى ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇشى جىمجىت ئاققان سۇنىڭ چوڭقۇر بولغىنىغا ئوخشايدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى