قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنىڭ تەدرىجىي ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا مۇھىتىدا سىجىل ياخشىلىنىش بولدى

2018-11-06 15:39:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنىڭ تەدرىجىي ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا مۇھىتىدا سىجىل ياخشىلىنىش بولدى.
  ھازىر گەرچە كەچ كۈز كىرىپ، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ھەر كۈنى قاينام تاشقىنلىققا چۆمەتتى. نەپىس ياسالغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان مەززىلىك تائاملار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلاتتى. شېنجېندىن كەلگەن ساياھەتچى پەن خانىم بۇ يەردىن شېنجېندىكى دوستلىرىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ يەر ماڭا بەك بىخەتەر تۇيۇلدى،شىنجاڭلىقلار بەك قىزغىن بولۇپلا قالماي، تائاملىرىمۇ بەكلا يېيىشلىك ئىكەن. مەن شىنجاڭغا كەلگىنىمدىن بەكلا خۇش بولدۇم.  
خەلقئارا چوڭ بازاردا خېرىدارلار ئۈچۈن ئەتىرگۈل چېيى تاللاۋاتقان قىزنىڭ ئىسمى ماھىرە سۇلتان بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چوڭ بازاردا بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىغانىدى. ماھىرە سۇلتان مۇنداق دېدى: خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەت كۆزنىكى بولۇپ قالدى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشتا ناھايىتى ياخشى رول ئويناۋاتىدۇ.
 بۇ يىل 8- ئايدا، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى يىڭىچە قىياپىتى بىلەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلغاندا چوقۇم كېلىدىغان جايىغا ئايلاندى. پىيادىلەر كوچىسىدىكى دۇكانلارمۇ سودىگەرلەرنىڭ پۇل تېپىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دىلشاتجان مەمەت مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى دېگۈدەك نۇرغۇن ئادەم خەلقئارا چوڭ بازاردا دۇكان بار يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرگىلى كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىنمۇ ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار. ھازىر ساياھەتچىلىكنىڭ تويۇنغان مەزگىلى بولغاچقا، بىز پەقەت ئۇلارنى ئاۋال تىزىملايمىز. دۇكان ئېچىش ئويى بار كىشىلەر بەك كۆپ بولسىمۇ، ھازىرقى يايما ئورنىمىز چەكلىك بولغاچقا، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.
ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت-- مۇقىم ئادەم، ئەشيا ئوبوروتىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى بايقىغان سودىگەرلەر بەس- بەستە شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشنى تاللىدى. بۇ يىل 9- ئايدا جېجياڭدىن كەلگەن سودىگەر خۇاڭ خۇا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىنچى» مەيدانىنىڭ 1- قەۋىتىدە 40 كۇۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆزەينەك دۇكىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوستلىرىمدىن شىنجاڭدا تىجارەت مۇھىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ سىناپ باققۇم كەلدى. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى ئىكەن. ھازىر كۈندىلىك تىجارەت سوممام تەخمىنەن 2 مىڭ يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىنكى سودامنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىنچى» مەيدانى بۇ يىل تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ سودا ساراينى بېزەپلا قالماي، يەنە تىجارەتچىلەرنى سىياسەت، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، تىجارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «شىنچى» مەيدانىنىڭ دىرېكتورى لياڭ مېي مۇنداق دېدى: بىرىنچى قەۋەت ئۆزگەرتىلىپ بولغاندىن كېيىن سودىگەرلەر تىجارەت مۇھىتى ۋە تىجارەتكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىدىن ناھايىتى رازى بولدى. نۇرغۇن سودىگەر ھەمدە نۇرغۇن ياخشى ماركىلىق مەھسۇلاتى بارلار كۆپ قېتىم سودا- سارىيىمىزغا كىلىپ دۇكان ئىزدىدى. ھازىر، دۇكان ئىجارىگە بېرىش نىسبىتىمىز %100 كە يەتتى. 
  ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلغان 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر بىلەن 162 ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالىدى. 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە 69 تۈردە ئىش باشلىنىپ، 13 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتى. ۋاڭ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پايدىسىنىڭ تۈتكىسىدە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى