قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليارد 178 مىليون يۈەنلىك مۇددىئانامە ئىمزالىدى

2018-11-06 17:17:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2018- يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليارد 178 مىليون يۈەنلىك مۇددىئانامە ئىمزالىدى. 
مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى، 2018- يىللىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سەپىرى شىنجاڭ پونكىتى يەنى ئىلىمىز سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ تىيانشان سەپىرى پائالىيىتى يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. نەقمەيداندا، 50 مىليون 900 مىڭ يۈەنلىك زاكاز توختامى ئىمزالاندى. ھازىرغا قەدەر، خوتەن، قەشقەر، يوپۇرغا بېكەتلىرىدە جەمئىي ئىمزالانغان مۇددىئانامە سوممىسى 1 مىليارد 178 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بۇ قېتىمقى «ئىلىمىز سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئايرىم ھالدا خوتەن، قەشقەر ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ بېكەت تەسىس قىلىنغان. مەملىكەت بويىچە 60 نەچچە داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قاتارلىقلارنىڭ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بۇ قېتىمقى «تىيانشان سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يەرلىكتىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۇرۇشتىكى باشلامچى كارخانىلىرى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتىلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇددۇللاشتى. پائالىيەتتە كۆرگەزمىگە قويۇش، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، ئېتىز بېشىغىچە تۇتاشتۇرۇش، كېڭىشىپ سېتىۋېلىش بىر گەۋدە قىلىنىپ، ئوبوروت ھالقىسى كۈچەپ ئازايتىلىپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىلدى. جۇڭگو كۆكتاتچىلىق ئوبوروت جەمئىيىتى، جۇڭگو مېۋىچىلىك ئوبوروت جەمئىيىتى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك كۆكتاتچىلىق جەمئىيىتى قاتارلىق 60 نەچچە ئەزا كارخانىنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىدا، بۇ قېتىمقى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. خوتەن، قەشقەر ۋە يوپۇرغا ئۈچ بېكەتتە ئېمىزالانغان مۇددىئانامە سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 580 مىليون يۈەن، 548 مىليون يۈەن ۋە 50 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە يەتتى شۇنداقلا مېۋە ـ چېۋە، ھەسەل، قوي ـ كالا گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا چېتىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى