قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇلان سادىق كۆلى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

2018-11-06 17:32:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىمالىي شىنجاڭ، ئېلىمىز بويىچە ئەڭ بالدۇر كۈز پەسلىگە كىرىدىغان ھەمدە ئەڭ گۈزەل ماكان. قاناس بولسا شىنجاڭ خەلقىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ساياھەت ئارامگاھى. ئەمما، مەنزىرىگاھ قانچە داڭلىق بولغانسېرى ئۇ يەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولۇپ، ئادەممۇ كۆپ بولىدۇ. ئوخشاشلا شىمالىي شىنجاڭ بولسىمۇ، كۈز پەسلى مەنزىرىسى قاناستىن قېلىشمايدىغان يەنە بىر جاي بار. ئۇ بولسىمۇ-- ئۇلان سادىقنۇر كۆلى.
ئۇلان سادىقنۇر كۆلى-- تارباغاتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت تاشيولى 217- لىنىيەسىنىڭ ئۈچ ئاچال ئېغىزىدىن غەربكە 18 كىلومېتىر ماڭغاندا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. شىخو شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 96 كىلومېتىر كىلىدۇ. ئۇلان سادىقنۇر كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2 مىڭ 306 مېتىر بولۇپ، ئۇ بىر تەبىئىي تاتلىق سۇ كۆلى. بۇ كۆل تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئېگىزلىك قار مۇزلىرىنىڭ يىمىرىلىشتىن شەكىللەنگەن، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 مىڭ مېتىر، كەڭلىكى 800 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 60 مېتىر كىلىدۇ. كۆلنىڭ ئىككى تەرىپىدە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3 مىڭ 500 مېتىردىن ئاشىدىغان ئىككى ئىگىز تاغ بار.
«ئۇلان» دېگەن سۆزنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «قىزىل» بولۇپ، «سادىق» بولسا «يول ئېغىزى» دېگەننى، «نۇر» دېگەن سۆز «كۆل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلان سادىقنۇر دېگەن سۆزنى قوشۇپ تەرجىمە قىلغاندا، «قىزىل يول ئېغىزىدىكى كۆل» دېگەنلىك بولىدۇ. نۇرغۇن تورداشلار بۇ يەرنى «تيەنخۇ» كۆلى دەپمۇ ئاتىۋالغان.
ئۇلان سادىقنۇر كۆلى يۈز نەچچە يىل بۇرۇن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن قۇرام تاشلارنىڭ قورشىلىشتىن ھاسىل بولغان كۆل. كۆل سۈيى غەربىي، شىمالىي ئىككى تەرەپتىكى قارلىق تاغدىن ئېرىگەن سۇلارنىڭ قۇيۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ھەمدە شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. كۆلدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆكۈش نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ياقۇتتەك زۇمرەت سۇنىڭ ئەتراپىنى ئېرەن دەرەخلىرى ئوراپ تۇرغان. بۇ كۆل ئەزەلدىن جيۇزەي جىلغىسىغا ناھايىتى ئوخشاش بولغان ساپلىقى بىلەن مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 100 نەچچە يىل مابەينىدە، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى ئاز چۈشەنچىدە بولدى. بىراق، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال تەرەپلىرىدىكى كىشىلەر بۇ جاينى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر بۇ كۆلنى «شىنجاڭدىكى جيۇزەيگۇ» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇ، دېڭىز يۈزىدىن 2 مىڭ 306 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىمتاسلىققا تولغان مايتاغ- كۇچا تاشيولى بويىدا جىمجىت تۇرماقتا. ئۇ بىر تەبىئەت تەرىپىدىن ناھايىتى نەپىس يارىتىلغان، كىشىلەر تېخى بايقىمىغان گۈزەللىك.
ئۇلان سادىقنۇر كۆلىنىڭ شەكلى ئەسلىدە يۇمىلاق ئەينەك شەكلىدە بولۇپ، كېيىن تاغ يېرىلىش سەۋەپلىك ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بۈگۈنكى ئوقيا شەكىللىك كۆلنى ھاسىل قىلغان. كۆل يۈزىگە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەنزە ھاسىل بولىدۇ. كۆلدىن گاھى سۈترەڭ يېشىل، گاھى زۇمرەت كەبى يېشىل نۇر چاقناپ، رەت قىلغۇسىز دەرىجىدىكى گۈزەللىكنى ئاپىرىدە قىلغان. كۆل ئوتتۇرىسىدا تالاي يىللار مابەينىدە كۆلدىكى سۇغا چىلىنىپ تۇرسىمۇ يىقىلماي قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراق دەرىخىنىڭ كۆتىكى بار. بۇ كۆتەك بەلكى ھايات ئەمما ئۆلمىگەن، بەلكى ئۆلگەن ئەمما يىقىلمىغان، بەلكى يىقىلغان ئەمما چىرىمىغان ھالەتتە بولۇشى مۈمكىن. ئۇ بىر خىل مەيۈس گۈزەللىكى بىلەن بۇ ئادەتتىن تاشقىرى زېمىننى بېزەپ تۇرماقتا. ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ قەلبىدە ئۇلان سادىقنۇر كۆلىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنى بار.شۇ قەدەر ئاجايىپ سىرلىق گۈزەل ماكانغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاز؟ چۈنكى، بۇ بىر سىرلىق ۋە جىمجىت، شۇنداقلا پاكىزە ماكان. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى خەتەرلىك بىر جاي. بۇ كۆلگە بارىدىغان يول ناھايىتى خەتەرلىك بولغاندىن باشقا، گاھىدا ياۋايى ھايۋانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دەل موشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان «قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى تېخىمۇ چوڭقۇر دەلىللەپ بەرگەن. تىيەنخۇ كۆلىدە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا بىلىـدىغان مېڭدېكې قەدىمىي يولى بار. قەدىمىي يول ئوتتۇرا تيانشان تېغى بولغان بولخىنۇر تېغىنىڭ ئەڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز چوققىسى 4 مىڭ 590 مېتىر كىلىدۇ. بۇ بىر خىلۋەتتىكى سىرلىق قەدىمىي يول. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان گۈزەل تىيانشان تېغى ئىچىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان، ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭلا ئايىغى تەككەن يول. بۇ بىر ئەڭ گۈزەل قەدىمىي يول، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، بىر بارغان كىشىنىڭ يەنە قايتا بارغۇسى كېلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى