قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالايدىغان 15 دوختۇرخانا بېكىتىلدى

2018-11-06 17:34:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايون بويىچە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالايدىغان سىستېمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايون ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالايدىغان 15 دوختۇرخانىنى بېكىتتى.
ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالايدىغان 15 نۇقتىلىق دوختۇرخانا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1ـ دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالايدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالايدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنى جانلىق تەڭشەپ باشقۇرىدىكەن ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش تورىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.
ئاق قان كېسىلى بالىلارنىڭ قان سىستېمىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، يېقىنقى ئون يىلدا، بالىلارنىڭ ئۆتكۈر لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىنىڭ بەش يىلدىن يۇقىرى ھايات كەچۈرۈش نىسبىتى %10 كە يېقىن ئۆرلەپ، ھايات قېلىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن  %90 كە يېقىنلاشتى؛ بالىلارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك گۆدەك دانچىلىق ھۈجەيرە ئاق قان كېسىلىنىڭ بەش يىلغىچە كېسەل بولماي ھايات قېلىش نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ سەۋىيىسىگە يىقىنلاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى