قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستى قىشلىق ئەتىيازلىق ساياھەت يۈرۈشلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى

2018-11-06 17:35:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، سانجى ئوبلاستى قىشلىق ئەتىيازلىق ساياھەت توغرىسىدىكى بىر قاتار يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، «تيانشاننى ئايلىنىش سانجى قىشلىق ساياھىتى» ماركىسىنى يارىتىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
كەچ كۈزدىكى تۇنجى قاردىن كېيىن، ئۆزگەرتىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن دۆلەتنىڭ 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان جامبۇلاق مەنزىرە رايونى قار تاماشا قىلىدىغان ۋە چاڭغا تېيىلىدىغان نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
ھازىر، سانجى شەھىرىنىڭ مياۋئېرگۇ يېزىسىغا جايلاشقان نۇرجا خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ئاسما ۋاگون، قار جابدۇقلىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلماقتا، شۇنداقلا خادىملارنى تەربىيلەش سۈرىتىنى تېزلىتىپ، يېڭى قار پەسلىنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
قار- مۇز ساياھىتى ئېلىپ كەلگەن سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، ئىككى كۈندىن بۇيان، مياۋئېرگۇ يېزىسىنىڭ مياۋئېرگۇ كەنتىدىكى چارۋىچىلارمۇ رەڭلىك پولات ئۆي، كىگىز ئۆيلەرنى سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. بۇ يىل، سانجى ئوبلاستى «تيانشاننى ئايلىنىش سانجى قىشلىق ساياھىتى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىستىراھەت ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت كەچۈرمىشى ۋە يېزا ـ كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى ـ سانجى بىر كۈنلۈك ساياھىتى، ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى سەرخىل ساياھەت لىنىيىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سانجى ئوبلاستى ئىنتېرنېت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ساياھەت ئاپتوماتىك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ «بىر يانفون ئارقىلىق سانجىنى ساياھەت قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىرىشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى