قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بۇ يىل «2 +1 +N» دىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن

2018-11-06 17:42:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بۇ يىل «2 +1 +N» دىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى «2» نىڭ بىرى ئالتاي، يەنە بىرى ئۈرۈمچى- سانجىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى باشلامچى قىلغان قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. بۇ يەردىكى «1»-- جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى «N» بولسا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرلىكتە يولغا قويۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل 11- ئايدىن كېلەر يىلى 3- ئايغىچە، 196 تۈرلۈك پائالىيەت نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپى زورايتىلىدۇ. بۇ يىل قىشتا، بىزنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانىمىز چوقۇم 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى