قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىلىم پەن ئېكسپېدىتسىيە جەمىيىتىنىڭ جۇڭغار بازىسى گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈك رايون ۋولىن قۇملۇق ئېكولوگىيە باغچىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى

2018-11-06 17:43:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، جۇڭگو ئىلىم پەن ئېكسپېدىتسىيە جەمىيىتىنىڭ جۇڭغار بازىسى گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈك رايون ۋولىن قۇملۇق ئېكولوگىيە باغچىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، مەزكۇر بازىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدا بازىسى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، بۇ جەمىيەتنىڭ شىنجاڭدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى ۋە ئارقا سەپ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ ئۆزى بايلىق» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «تاغلىق رايوننى كۆكەرتىش، بوستانلىقنى ياخشىلاش، چۆلنى تۇراقلاشتۇرۇش» خىزمەت تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، شىمالىي قىسىمدىكى چۆللۈك ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، قوغداش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، سۆكسۆك، يۇلغۇن، ياۋا توشقان زەدىكىنى تەقلىد قىلىپ تېرىش ئارقىلىق، يەر ئاستى سۈيىنى قاتتىق كونترول قىلىپ،  ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق قۇملۇق ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى باشقۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە قۇملۇقنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۈچ كىلومېتىردىن بەش كىلومېتىرغىچە، شەرقتىن غەربكە 65 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا سۆكسۆك، يۇلغۇنلارنى ئاساس قىلغان 400 مىڭ مو بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان بەلۋېغى، 1 مىليون مو قۇمنى قورشاپ ئورمان يېتىشتۈرۈش تەبىئىي توسۇقى بەرپا قىلدى، ھازىر، گۇچۇڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چۆللۈك مۇھاپىزەت رايونىدا ئوت- چۆپلەر بۈك- باراقسان ئۆسۈپ، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياخشى ماكانى بولۇپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى