قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل قىشتا ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەت نۇقتىلىق سەيلىگاھلىرىنى بەرپا قىلىپ، قار- مۇز سەيلىسى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ

2018-11-06 17:45:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالدىنقى ھەپتە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئالتاي تېغىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا يىغىلىپ، چاڭغا تېيىلىشنىڭ قايناق ھېسىياتىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدى. چۇڭچىڭدىكى «جىدۇڭ» تەنھەرىكەت كۇلۇبىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ بەك ھاياجانلاندىم ۋە بەك خۇش بولدۇم. بۇ يىل تۇنجى بولۇپ ئالتايدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلدىم. بۇ يىل بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ بەك چوڭ ئىكەن، بازىلارمۇ پۈتتۈپ بوپتۇ. ئەمدى كۆپچىلىك بىلەن بۇ يەردە كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىمىز.   
بۇ يىل قىشتا، ئالتاي ۋىلايىتى قۇمقاناس قار- مۇز ساياھەت ئارامگاھى رايونى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مىللىي- ئۆرپ ئادەت سىناق رايونى، ئالتاي چاڭغا تېيىلىش ساياھەت- ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي قارلىق تېغى جىلغىسىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش رايونى ۋە ئايلانما ساياھەت بەلبېغىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىمۇ قىشلىق ساياھەتكە ئائىت يېڭى بىر تۈركۈم پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولدى. نۆۋەتتە، بۇرچىن ناھىيەسى ئېرتىش دەرياسى، بۇرچىن دەرياسى ۋادىسىدىكى تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىنى تاماملاپ، «دەريا ۋادىسىدا سەيلە قىلىش» تەك قىشلىق ساياھەت لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىش كۈنىدىكى دەريا ۋادىسىنىڭ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، «قارلىقتىكى رىۋايەت شەھىرى» ماركىسىنى يارىتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇرچىن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ باۋيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشتا نۇقتىلىق قىرو بايرىمى ۋە سەنئەت بايرىمىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى، بۇرچىن دەريا ۋادىسى ئارقىلىق قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش رايونى بەرپا قىلىپ، ئون دەريا ۋادىسىدا قار مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىش لىنىيەسىنى ئاچىمىز. بۇ بىزنىڭ بۇ يىلقى ساياھەت لىنىيەمىزنىڭ نادىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمىنى چۆرىدەپ، قار- مۇز سەيلىسىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ سەرىپ قىلدى. شۇ جايدىكى ساياھەت تارماقلىرى تۆگە، ئورگانىك بېلىق، بۇرۇلتوقاي مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان كىچىك تىپتىكى مۇز ھەيكەللەرنى ياساپ، تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق تۆگە مۇسابىقىسى، مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يەرنىڭ ئورگانىك سوغۇق سۇ بېلىقى قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى يولغا قويدى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شېڭخۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش جەھەتتە، «قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى» ماركىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر قاتار قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىككە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى