قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جېمىنەي ناھىيەسى «ئېكولوگىيە، ئۆرپ- ئادەت، چېگرا» دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەۋزەل بايلىقنى مەۋقە قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالتاينىڭ ساياھەت غەربىي ئايلانما لىنىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىردى

2018-11-06 17:46:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يايلاقتىكى تاش شەھەر جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ باشلامچى مەنزىرە رايونى بولۇشى بىلەن، ئىلگىرى ئۇل ئەسلىھەلەر ئەمەلىيلەشمىگەچكە، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان. مۇشۇ ئىككى يىلدا، جېمىنەي ناھىيەسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۇ، توك، يول، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى ھەمدە جېمىنەي يايلىقى تاش شەھەر مەدەنىيەت ساياھەت شىركىتىنى قۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. بۇ يىل، مەنزىرە رايونى ئېلىمىز ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالدى.
 ساياھەتنىڭ تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولدى، بىر تۈركۈم كۆلەملەشكەن مېھمانساراي، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى دۇكانلىرى قۇرۇلدى، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ساياھەت ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. مۇشۇ ئاساستا، جېمىنەي ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنى خەلقنى بېيىتىدىغان كەسپ قىلىپ، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە سىناق نۇقتا قىلىنغان كەنتلەرنى قۇرۇپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ھويلا ئارامگاھىنى بەرپا قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئاتلىق ئەترىتىنى تەشكىللەپ، كىگىز ئۆي ئارامگاھى ۋە تاۋار سېتىۋېلىش رايونى قۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى ساياھەتچىلىككە قاتنىشىشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىمىنەي ناھىيىسى يەنە ئورگانىك كالا، قوي گۆشى، ئەلا سۈپەتلىك ھەسەلنى ساياھەت تاۋارلىرى قاتارىدا سىرتقا سېتىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
 بۇ يىل، دۆلەت يولى 219- لىنىيىسىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئېرتىش دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى، جېمىنەي ناھىيەسىگە ساياھەت تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئالتاينىڭ غەربىي ئايلانما لىنىيەسىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندۇردى. جېمىنەي ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو شاۋجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچى ئۇمۇمىي سانى 267 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى