قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى

2018-11-07 12:20:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ماس، تەرتىپلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى قاتتىق، قوغداش كۈچلۈك بولغان دەريا- كۆل باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سۇ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى.
توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمەھەللە بازىرى دايىڭپەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۈخوڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى «قارا ئۆستەڭ» نى چارلاپ تەكشۈرەتتى. كەنت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەريا چارلاش ئۇنىڭ ھەر ھەپتىدىكى زۆرۈر ئىش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كالا، قوي قىغى ۋە شاخ- شۇمبىلارنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش ئەھۋالى بار ئىدى. دەرھال تەكشۈرۈپ، دەريا بويىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ قەرەل ئىچىدە تۈزىتىشىگە نازارەتچىلىك قىلدۇق. ھازىر ھەممىسى تازىلىنىپ بولدى.
  توققۇزتارا ناھىيەسىدە دەريا- ئېقىنلار كۆپ، سۇ بايلىقى مول. مەزكۇر ناھىيە تەۋەلىكىدە چوڭ-كىچىك 40 تىن ئارتۇق دەريا بولغانلىقتىن، «توققۇز سۇ مەنبەسى» دەپ ئاتالغان. نۆۋەتتە، توققۇزتارا ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك دەريا-كۆل باشلىقى بولۇش ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەريا مەنبەسى ۋە ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش، دەريا ئەتراپىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇردى. توققۇزتارا ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسى سۇ ئىشلىرى ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ ۋېيجيەن مۇنداق دېدى: توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ «دەريا باشلىقى تۈزۈمى» ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، دەريادا چارلاپ تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك تۈزۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش پىكرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق.
2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى قوغداش، دەريا- كۆل سۇ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، قوغداش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك خىزمەتتە دەريا- كۆل باشلىقلىق تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. بۇ يىل6- ئايدا، دەريا-كۆل باشلىقلىق تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بەش دەرىجىلىك 15 مىڭ 405 دەريا باشلىقى، 4 دەرىجىلىك 286 كۆل باشلىقى بېكىتىلدى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دەريا-كۆل باشلىقلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دەريا، كۆللەرنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، دەريا يوللىرىدىن قۇم ئېلىشنى تۈزەش، دەريا قېنىنى ئىگىلەش تۈزەش قاتارلىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. بورتالا دەرياسى بورتالا شەھىرى بۆلىكىدە ئەسلىدە قۇم- شېغىل ماتېرىياللىرى مەيدانىدىن 24 ئى بار ئىدى. بۇ يىل بورتالا شەھىرى دەريادىن شېغىل ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، بۇ 24 تاش ماتېرىيال مەيدانىنى تاقىدى. بورتالا شەھىرى دەريا- كۆل باشلىقلىق تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چى مىڭيۈ مۇنداق دېدى: دەريالارنى تەرتىپكە سېلىش خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەريادىن شېغىل ئېلىشنى مەنئى قىلدۇق. بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈنلەي چېقىپ بولدۇق. قالدۇق ماتېرىياللارنى توشۇش، تازىلاش خىزمىتى ۋە مەيداننى تۈزلەش خىزمىتىنى تاماملىدۇق.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى كېڭەيتتى. قۇتۇبى ناھىيەسى «مەمۇرىي دەريا باشلىقى بىلەن كارخانا دەريا باشلىقىنى بىرلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت قوش باشقۇرۇش، قوغداش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، كارخانا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دەريا بۆلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە تىزگىنلىدى. قۇتۇبى ناھىيەسى «يۈلۇڭ» ئىسكىلاتتا ساقلاش چەكلىك شىركىتى بۇلتۇرقى پايدىنىڭ %70 نى قۇم ئازگىلىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلەتمەكچى بولدى يەنە 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تاشلاندۇق قۇم ئازگىلىنى توپا بىلەن كۆمۈپ يېشىللاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. مۇشۇ ئاساستا، كارخانا كۆلىمى 600 مودىن ئاشىدىغان يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيە باغچىسى بەرپا قىلدى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى شى گۇاڭشېڭ مۇنداق دېدى: ساياھەت شىركىتىمۇ قۇرۇلدى، يەنە 300 مو يەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يىل يېشىللاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تۈزۈمنى «ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش» تىن «ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش» قىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇكەممەل يۆنىلىشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك دەريا- كۆل باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن: بۇلغىنىش مەسىلىسى سۇ ئىنشائاتى، مۇھىت ئاسراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، دەريا قىرغىقىنى باشقۇرۇش دۆلەت زېمىنى، سۇ ئىنشائاتى، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. كونكرېت قانداق مەسىلە بولسا، شۇ تارماق، دەريا (كۆل) باشلىقى مۇشۇ تارماقلارنى تەشكىللەپ، بىردەك ماسلىشىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى