قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېرىنسىمان موگۇنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان پەن-تەتقىقات خىزمەتچىسى ۋېي پېڭ

2018-11-07 12:31:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن كۆلەمنى كېڭەيتىشكىچە، ۋېي پېڭ ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق دۆلەت يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى پەن- تەتقىقات ئۆمىكى قېرىنسىمان موگۇنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىستىقباللىق قېرىنسىمان موگۇ تېرىش رايونىغا ئايلاندۇردى.

قېرىنسىمان موگۇ- بىر قەدەر يۇقىرى ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەتىۋارلىق يېمەكلىك ۋە دورىلىق زەمبۇرۇغ ھېسابلىنىدۇ. ياۋا قېرىنسىمان موگۇ ئادەتتە ئورمانلىقتا ئۆسىدۇ، مەھسۇلات مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك، بازاردىكى قېرىنسىمان موگۇنىڭ كۆپىنچىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن. 2015- يىلى ۋېي پېڭ ۋە پەن- تەتقىقات ئۆمىكىدىكىلەر ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا تۇنجى قېتىم قېرىنسىمان موگۇ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ۋېي پېڭ مۇنداق دېدى: 2015- يىلى قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەندىن بۇيان، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كېڭەيتىلگەن تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىڭ موغا يەتتى. بىز شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش، كۆلەملەشكەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشنى ئويلاشتۇق.

قېرىنسىمان موگۇنى شىنجاڭدا تېرىش ئەندىزىسىدە، ئاساسلىقى ئەسلىھەلىك، ئورمانلىقتا ۋە لاپاستا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا. ۋېي پېڭ ۋە ئۇنىڭ پەن- تەتقىقات ئۆمىكىدىكىلەر دېھقانلارغا تېخنىكا كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنتتە ئاي- ئايلاپ تۇرۇپ، دېزىنفىكسىيە قىلىشتىن تېرىقچىلىق قىلىشقىچە، يەنە تېمپېراتورىنى كونترول قىلىش، سۇغىرىش ئىشلىرىغىچە، ھەر بىر ھالقىدا دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلىدى. ۋېي پېڭنىڭ پەن- تەتقىقات ئۆمىكىدىكىلەر قايتا- قايتا تەجرىبە قىلىش، تاللاش ئارقىلىق قېرىنسىمان موگۇ تېرىشتىن ئىبارەت تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ۋېي پېڭ مۇنداق دېدى: «قېرىنسىمان موگۇ» دىن «زەمبۇرۇغ جەۋھىرى» نى ئېلىش ئەڭ قىيىن ئىش. زەمبۇرۇغ جەۋھىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئوزۇقلۇق كېرەك. كاربون تۆت ئوكسىدى، نەملىك، تېمپېراتۇرا تەرەپلەردە ئازراق مەسىلە كۆرۈلسە، مەھسۇلات كېمىيىپ كېتىدۇ، ھەتتا ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ. بىز ھازىر دېھقانلارغا كېڭەيتىۋاتقان باكتېرىيە تۈپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىقات ئورنىدا يېتىشتۈرگەن.

نۆۋەتتە، دۆلەت يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى قېرىنسىمان موگۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇملاشتۇرۇشقا قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى. بۇ بىر قانچە يىلدا، تەجرىبە پونكىتى يەنە بورتالا ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، كورلا، ئارال، يەنجى قاتارلىق جايلاردا كېڭەيتتى. قېرىنسىمان موگۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا مۇھتاج، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، ۋېي پېڭ «كۈزدە تىكىپ، ئەتىيازدا ھوسۇل ئېلىش» ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خېيىم- خەتەردىن ساقلىنىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى. ۋېي پېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەر كىلوگرام قېرىنسىمان موگۇنىڭ بازار باھاسى 200 يۈەن، قۇرۇتۇلغىنىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 1 مىڭ 800 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، تەمىلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

بۇ يىل 10- ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەت يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى ئۈرۈمچى سىنتاش جىلغىسىدا تۇنجى قېتىم قېرىنسىمان موگۇنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشنى سىناق قىلدى. ۋېي پېڭ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە، سىنتاش جىلغىسىدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى قېرىنسىمان موگۇ ئارقا-ئارقىدىن مېۋە بېرىدۇ. مەن قېرىنسىمان موگۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كېڭەيتىپ تېرىشنى ئۈمۈت قىلىۋاتىمەن. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش ناھايىتى بەختلىك ئىش.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى