قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نۇربېك ئاۋۇتباقلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-11-07 12:33:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

11-ئاينىڭ 7-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، شىخو شەھىرى كۇرتۇ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى نۇربېك ئاۋۇتباقلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەر بىر دىنىي خادىم ھەرىكەتكە كېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەت- تەدبىرلىرى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىلىرىگە زور كۈچ بىلەن رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە، جەمئىيەتكە، دىنغا قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد قارىشى تۇرغۇزۇش، توغرا ھەرىكەتتە بولۇش، سىڭدۈرمىچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.     
نۇربېك ئاۋۇتباقنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن بىر پارتىيەلىك كادىر. مەن سىياسىي سەزگۈرلۈكىم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مېڭەمنى سەگەك تۇتۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرىمەن. بايرىقىم روشەن ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ خاتا قاراش ۋە خاتا خاھىشلارغا باشلامچىلىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى