قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئارشاڭ مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى

2018-11-07 12:34:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئارشاڭ مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر ئارشاڭغا بېرىپ، كېسەل داۋالىتىپ كۈتۈندى.
ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ يەر ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، بۇلاق سۈيىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 42 سېلسىيە گىرادۇستىن 61 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، كۆپ خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالىيالايدۇ. بوغۇم ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئاشقازان كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن كەلگەن ساياھەتچى ياڭ شياۋبىڭ بىر نەچچە دوستى بىلەن دېيىشىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئارشاڭغا كېلىپ بىرلىكتە ئارشاڭغا چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھاۋا سەل سوۋۇپ قالدى، ئاغىنىلىرىم بىلەن ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئارشاڭغا ئوينىغىلى كەلدىم ھەم ئارشاڭغا چۈشۈپ، شۇنچىلىك راھەت ھىس قىلدىم.
  ئۈرۈمچىدىن بارغان ساياھەتچى جاڭ ئەپەندى بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، قىش كېلىشى بىلەن بوغۇملىرى قىزىرىپ ئىششىپ، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى. شۇڭا ھەر يىلى قىشتا ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، ئارشاڭغا چۈشۈپ كۈتۈنەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئارشاڭغا كەلسەم بەك راھەت، ئىللىق ھىس قىلىمەن.
نۆۋەتتە، ئارشاڭ ناھىيەسى «جۇڭگو ئارىشاڭ ماكانى» دېگەن داڭلىق ماركىنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. ھازىر ئۈچ چوڭ ئارشاڭ مەنزىرە رايونى قۇرۇلدى. بولۇپمۇ 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان باتىيا شېڭجىڭ ئارشاڭ سۇ بىلەن داۋالاش مەركىزى تىجارەت باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 6 مىڭ كۇۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، كۈنىگە مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، سايرام كۆلى سوغۇق سۇ بېلىقى، پىشلاق قاتارلىق يېشىل بۇلغانمىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئارشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازىرى تولى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق لى جىفاڭ مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتلىرىمىز گۇاڭجۇ، شېنجېن، خۇبېيلاردا سېتىلىۋاتىدۇ، ھەر يىلى بۇنىڭدىن  200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى