قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داخۇادىكى يامغۇر

2018-11-07 13:03:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىل داخۇا ناھىيە بازىرىدىكى خۇڭخې جەنۇبىي يولىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بولغان بولۇپ، قۇياشنىڭ قىيپاش نۇرى كىشىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى، ئاسمان كۆپكۆك بولۇپ، يەردىن يازدىكى ئىسسىقنىڭ تەپتى كېلەتتى. داخۇا تۇپرىقىغا قەدەم بېسىپ، قەلبىمدە بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئالدىنقى يىلى داخۇاغا كەلگەن، بۇ كونا جاينى قايتا ساياھەت قىلىشىم ئىدى.
سەپەرداش خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممسى شىماللىقلار بولۇپ، تۇنجى قېتىم داخۇاغا كېلىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن داخۇا ناھىيە بازىرىنىڭ كوچىلىرىغا قىزىقىپ قارىسا، بىر تەرەپتىن جەنۇبنىڭ نەم ئىسسىق ھاۋاسىنى ھېس قىلىشتى.
ئالتىنچى ئاي، مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرى ئىسسپ بولغان ئىدى. بىراق، شىمالنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، دائىم شامال چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، جەنۇبنىڭكىگە ئوخشاش ئىسسىق ھەم نەم ئەمەس. داخۇانىڭ ھازىرقى نەم ئىسسق ھاۋاسى جەنۇپتا نورمال ئەھۋال.
داخۇانىڭ گۈزەللىكى خۇڭشۇي دەرياسىدىكى «يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» دا.
ئەتىسى ئەتىگەندە، ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 15 مىنۇتتا بەندۈي پىرىستانىغا بېرىپ، «يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» نىڭ ساياھەت پاراخوتىغا چىقتۇق. ئاسماننى بۇلۇت قاپلىغان بولۇپ، قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولمايتتى، جەنۇبنىڭ ياز كۈنلىرىدە ئاز كۆرۈلىدىغان سالقىن كۈن بولغان ئىدى. ساياھەت پاراخوتى پىرىستاندىن ئاستا- ئاستا ئايرىلدى. كۆپچىلىك پالۇبىغا ياكى كېمە ئۆگزىسىگە چىقىپ ئەتراپقا نەزەر سېلىۋاتاتتى.«يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» داخۇا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توسمىسىدىن شەكىللەنگەن جىلغا دەريا بۆلىكى بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى يېشىل دەرەخلەر بۈك- باراقسان، يېشىل ئوت- چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن؛ كارستلىق يەر شەكلىدىكى تاغ تىزمىلىرى قويۇق بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قەددىنى تىك تۇتقان بولسا، بەزىلىرى يەرگە ئېڭىشكەن ھالەتتە بولۇپ، خۇددى سەپكە تىزىلىپ تۇرغاندەك، ياكى ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك ھەر خىل قىياپەتتە ئىدى. دەريا يۈزىدە ئىككى قىرغاقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە تاغ تىزمىلىرىنىڭ شولىسى ئەكس ئېتىپ، يېشىللىق ۋە جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى.
خۇڭشۇي دەرياسى جۇجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىدىكى شىجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولۇپ، گۇيجۇ ۋە گۇاڭشىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. خۇڭشۇي دەرياسى يۈننەننىڭ چۈجىڭ ماشيۇڭ تېغىدىن باشلىنىپ، نەنپەنجياڭ دەرياسى دېگەن نام بىلەن، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋاڭمو ناھىيەسىدە بېيپەنجياڭ دەرياسى بىلەن بىرلىشىپ، خۇڭشۇي دەرياسىنى ھاسىل قىلغان. بۇ دەريا گۇاڭشىدا، خۇڭشۇي دەرياسى لېيې، تيەنئې، نەندەن، دۇڭلەن، داخۇا قاتارلىق 10 نەچچە ناھىيەدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.
تارىختىن بۇيان، خۇڭشۇي دەرياسىنىڭ سۈيى قىزىل. قىزىل رەڭلىك قۇم قۇلۇلىسى تاش قاتلىمىدىن ئېقىپ ئۆتكەندە، دەريا سۈيىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە كىرگەچكە خۇڭشۈي دەرياسى دەپ ئاتالغان. تيەنئې ناھىيەسى تەۋەسىدىكى خۇڭشۇي دەرياسى ۋۇنىخې دەرياسى دەپ ئاتالغان. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى خۇڭشۇي دەرياسىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن، داخۇا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى1983- يىلىدىن باشلاپ سۇ يىغىپ توك تارقىتىشقا باشلىغان، ئۇ پەقەت نەنپەنجياڭ خۇڭشۇي سۇ ئېلېكتىر بازىسىنىڭ10- دەرىجىدە ئېچىلغان6- پەلەمپەيسىمان ئېلېكتىر ئىستانسىسى. داخۇا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئۇلانغان يەنتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىمۇ داخۇا ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ،1992- يىلى توك تارقىتىشقا باشلىغان. يۇقىرى ئېقىندىكى تيەنئې ناھىيەسى2007- يىلى دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى گۈللەندۈرۈش ۋە «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تىن ئىبارەت بەلگە خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشنى باشلىغان بولۇپ، سەنشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن قالسىلا جۇڭگودىكى ئىككىنچى، گۇاڭشىدىكى ئەڭ چوڭ لۇڭتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرغان. نەنپەنجياڭ خۇڭشۇي دەرياسىدىكى بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ياسىلىشى، خۇڭشۇي دەرياسىنىڭ تارىخىنى قايتا يېزىپ چىقتى دىيىشكە بولىدۇ. خۇڭشۇي دەرياسىنىڭ قىزىل سۈيى قات - مۇقات چۆكمە بولۇپ، جەنۇبتىكى كەڭ زېمىندىكى ئەگرى-بۈگرى يېشىل دەرياغا ئايلانغان ئىدى.
كېمە «يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» دا كېتىپ باراتتى، سۇ يۈزى بىلەن ئىككى قىرغاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى توختىماي كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. كېمە گۇڭجى، يۆيا تېغىدىن ئۆتتى. ساھىبخاننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، بۇ تاغ- دەريالارنىڭ ئىسمىنىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق قويۇلغانلىقى ۋە مەنىسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. قىرغاقتىكى تاغ باغرىدىكى يېشىل دەرەخلەر ئارىسىدا ئاندا- ساندا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۆيلەر بولۇپ، بەزى ئۆيلەرنىڭ يېنىدىكى قىرغاقتا بىر ـ ئىككى قولۋاق توختىتىپ قويۇلغان ئىدى، بەلكىم سەپەرگە چىقىش ۋە بېلىق تۇتۇشقا ئىشلىتىلسە كېرەك. تۆپىلىكتىكى بىر كىچىك كەنتكە ئىككى-ئۈچ قەۋەتلىك قاتار كەتكەن كىچىك بىنالار سىلىنغان بولۇپ، تاملىرى ئاقۇش كۈلرەڭ ئاقارتىلغان ۋە ئۆگزىسى قىيپاش قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ناھايىتى ئۆزگىچە ئىدى. ساھىبخان دوستلاردىن بۇ كەنتنىڭ نەيگۇڭچۇەن يېزىسىنىڭ لوڭلې كەنتى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بۇ كەنت تاغ-دەريالارغا يانداش بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي شارائىتى خېلى ياخشىلانغان ئىكەن.
داخۇانىڭ گۈزەللىكى يەنە چىبەينۇڭدا.
چىبەينۇڭ دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە چۈشتىن كېيىن بولغان ئىدى. بۇ چاغدا ھاۋا ئېچىلىپ، كۈن چىققان بولۇپ، ھاۋا يەنە ئىسسىشقا باشلىدى. ئەمما، «دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇن» دەپ ئاتالغان گەنفاڭنۇڭ مەنزىرە تاماشا قىلىش سۇپىسىغا كېلىپ، تۆت ئەتراپتىكى كۆز يەتكۈسىز تاغ چوققىلىرىغا، 800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى گەنفاڭنۇڭغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ھەمراھلىرىمنىڭ ھەممسى ھەيران قالدى. پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، دۇنيادىكى بۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئالدى.
چىبەينۇڭدا دۇنيادىكى ھەم تىك، ھەم چوڭقۇر تاغ جىنىسلىرى بولغان تاغ چوققىلىرىنىڭ يەر شەكلى تارقالغان بولۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى لۇنەننىڭ جەنۇبىدىكى تاش ئورمان، گۇيلىننىڭ گۈزەل چوققا ئورمىنى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى ئۈچ خىل تىپىك تاغ جىنىسلىرىنىڭ ماگما خارەكتىرلىك يەر شەكلى تىپى بار ئىدى. چىبەينۇڭ ئېگىز چوققىسى دۇنيادىكى چوققا ئەڭ زىچ رايون بولۇپ، چوققىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن مىڭ مېتىرغىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 800 مېتىردىن ئاشىدىغان تاش چوققىسىدىن نەچچە مىڭى بار ئىدى. بۇ يەرنىڭ تېگىدىكى كارستىلىق ئويمانلىق دۇنيادىكى ئەڭ زىچ، ئەڭ چوڭقۇر ئولتۇرۇشقان رايون بولۇپ، چىبەينۇڭدىكى چوققىلار خۇددى چوڭ ۋارونكىغا ئوخشاش 2 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئويمان ھاسىل قىلغان. ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن چوڭقۇر ئويمان يەر، ماگمىلىق ئۆڭكۈر، كارست جىلغىسى، سۇ مەنزىرىسى، يەر ئاستى يوشۇرۇن دەرياسى، گېئولوگىيىلىك كەسمە يۈز، جانلىقلارنىڭ تاش قاتمىسى بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.
داخۇانىڭ گۈزەللىكى، يەنىلا «يېشىل مەرۋايىت كۆلى» دە.
«يېشىل مەرۋايىت كۆلى» شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ يەنتەن سۇ ئامبىرى رايونىنى ماختاپ ئېيتقان سۆزى. يەنتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى-- سۇ ساقلاش مىقدارى 56 كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئامبار رايونى، كۆل ۋە ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر كېلىدىغان جىلغا سۇ ئامبىرىدىن شەكىل تاپقان. «يېشىل مەرۋايىت كۆلى» نى تاماشا قىلىدىغان چاغدا، قاتتىق يامغۇر ياغدى. كۆپچىلىك كېمە بۆلمىسىدە ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن يامغۇردىكى كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئاسماندا بۇلۇتلار قالايمىقان ئۇزۇپ يۈرەتتى. ئىككى قىرغاقتىكى تاغلار بۇلۇتلار ۋە تۇمان ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ، يالغۇز ئارال پات- پات كۆل يۈزىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. يامغۇر توختىماي كۆل سۈيىگە ئۇرۇلۇپ، سۇ تامچىلىرى چاچرايتتى، كۆل يۈزى كۆز يەتكۈسىز ئىدى. يامغۇر توختىماي كېمىگە، بۆلمە دېرىزىسىگە ئۇرۇلۇپ، كىمىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەتتى.
ئېكولوگىيەلىك مىللىي يېڭى شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا، يامغۇر توختىدى.
ئېكولوگىيەلىك مىللىي يېڭى شەھەردە ئۇسلۇبى ئۆزگىچە قاتار- قاتار كىچىك بىنالار، چوڭ سودا سارايلار كىشىگە مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ سودا يېڭى رايونىغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بۇ داخۇا ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بىلەن شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن، جەمىي 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپتۇ، ھەممىسى پۈتسە، 60 مىڭ ئادەم سىغىدىكەن، نۆۋەتتە 20 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەمۇرلارغا قارىتىلغان كوللىكتىپ سېتىۋېلىنىدىغان ئۆي، جامائەت ئىجارە ئۆيى ۋە بارلىق ئاھالىلەرگە يۈزلەنگەن تاۋار ئۆيلەر بار ئىكەن.
كۆپچىلىك ئېكولوگىيەلىك مىللىي يېڭى شەھەر پىلانلاش قۇم مودېلى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ يېڭى شەھەر پۈتكەن چاغدىكى ھەيۋەتلىك ئىستىقبالىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. نامرات ئائىلىلەر بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىرى تولۇق بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە ھەر بىر كىشىگە ياردەم پۇلى بېرىلىپتۇ. ئەمما، تۇپراقتىن ئايرىلىش تەس، دېھقانلار يەر ۋە يۇرت- ماكانىدىن مەڭگۈ مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ، بولۇپمۇ پېشقەدەم دېھقانلار شەھەر- بازار تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆنەلمەيدۇ. نۇرغۇن ياشلار كۆچۈپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. گۇاڭدوڭ قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان رايونلارغا قوشنا جايلار بۇ يەردىكى نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى جەلپ قىلىپتۇ. قانداق قىلغاندا بۇ يېڭى شەھەرنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان مەسىلە.
بىراق مېنىڭچە، بۇ ئەندىشىلەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مىللىي يېڭى شەھەر يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى ۋە قىياپىتىنى نامايان قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى چىبەينۇڭدىكى كەنت ئاھالىلىرى، گۇاڭدوڭ قاتارلىق جايلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان داخۇالىق دىھقان ئىشلەمچىلەر، تۈنۈگۈنكى ئۇلار ئەمەس. ئۇلار ئىلگىرى ئەسكى ئۆي-ئىمارەت، كونا ئۆيدە، زاۋۇتنىڭ ئاددى كارۋىتىدا ياتقاچقا باشقا تاللىشى يوق ئىدى. لېكىن، ھازىر ئۇلار تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. مەيلى قانچىلىك جاپا تارتسۇن، قانچىلىك ھېرىپ كەتسۇن، ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئۇلارنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان يېڭى ئائىلىسى بار. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاۋ يۈەنمىڭ شېئىرىدىكى «داخۇا» دېگەن سۆز تەبىئەتنى كۆرسىتىدۇ. داخۇالىقلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى گويا ئاللىقاچان تەبىئى مايىللىقنى شەكىللەندۈرگەندەك كۆرۈنەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى