قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزىقتىكى ھېسسىيات دۇنياسى

2018-11-07 16:33:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شاۋ جيەنگو


ئاپتورىمۇ شائىر بولغاچقا، پۈتۈن كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يېقىملىق شېئىرىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تارىخ ۋە كىشىلىك ھاياتقا، ئۆتمۈش ۋە ھازىر قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بارلىق نەرسىلەرگە بولغان چىن مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم، گۈزەل غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد «ھاياتنىڭ قۇتلۇق نۇرى» يازغۇچى شى يىڭ يېقىندا نەشىر قىلغان نەسىرلەر توپلىمى. بۇ كىتاب: «ھاياتنىڭ قۇتلۇق نۇرى»، «ئالدىنقىلارنىڭ ئىلھامى»، «مەدەنىيەتنىڭ كۆركەملىكى»، «كۆڭۈلدىكىدەك قىزىقىش»، «تەبىئەت دۇنياسى» قاتارلىق بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن. مۇھەررىر مۇندەرىجە بېتى ئالدىدىكى كۆرسەتمە سۆزىدە: «كىشىلىك ھاياتتىكى ھەرقانداق گۈزەل نەرسىنى بىر خىل كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، بۇ بىر خىل خىيالىي ئەمما ئىنتايىن مۇستەھكەم غايە» دەپ يازغان.
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىمۇ بىر شائىر بولغاچقا، مەن پۈتۈن كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىدىكى شېئىرىي پۇراقنى ئاسانلا سەزدىم. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تارىخ ۋە ھاياتقا، ئۆتمۈش ۋە ھازىر قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بارلىق نەرسىلەرگە بولغان چىن مۇھەببىتى، گۈزەل غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادىنى ھېس قىلدىم.
بۇ كىتابنىڭ سەھىپىسىدە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىرادىلىك زاتلاردىن روھىي ئوزۇق ئېلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش مەزمۇنى خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئاپتور كۆيۈنۈشنى ھېس قىلىپ،«سىرداشلار كىتابتىن كېلىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، ئۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ جەۋھىرى ۋە تىل- يېزىقنىڭ جەۋھىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى، ئۇنىڭدا «بىر خىل تەم، بىر خىل مەنا، بىر خىل مەنزىل، بىر خىل ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىچكى خىسلەت» بار دەپ قارايتتى. سۇشىنىڭ «پېڭلەيگې راۋىقى خاتىرىسى» ناملىق نەسىرنىڭ تولۇق تېكىستى ئاران 38 خەت، ئەمما ئەينى چاغدىكى دېڭىز ۋە كېمىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى جانلىق يېزىلغان. ئاپتور ھاياجانلانغان ھالدا: ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەمىشە ئاشۇ كىتابلارنى ياد ئېتىپ، كىتابقا مۇناسىۋەتلىك دەۋرلەرنى ھېس قىلدىم، «قىسقىسى، بېرىپ- كېلىشنىڭ ھەممىسى تەقدىر» دەيتتى. ئۇ يەنە تارىختىكى بەزى كېجۈ بولمىغان «ئەليۇلەلا» لارنى تەرىپلىگەن، مەسىلەن: شۈ شياكې، لى شىجېن، ۋاڭ فۇجى ۋە شۈ شېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى بايان قىلىپ، كېيىنكىلەر بۇنىڭدىن ئويغىنىشى ۋە روھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى كېرەك دەپ قارىغان. ئاپتور جۇڭخۇا دۆلەت جەۋھىرى بولغان ئۇ قىزىقىدىغان جىڭجۈي تىياتىرى سەنئىتىگە قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە بولۇپ، بەزى ماقالىلەردىن ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلالايمىز: «جىڭجۈي تىياتىرى رېئالىزم بىلەن غەيرىي رېئالىزم ئوتتۇرىسىدا»، «جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ‹ئەل ئىچى خاراكتېرى›ۋە‹ئەركىنلىكى›»، «جىڭجۈي تىياتىرى بىلەن نەسىر» قاتارلىقلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن جىڭجۈي تىياتىرىدىن ئىبارەت بۇ سەنئەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا خىل ئەدەبىيات- سەنئەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بايان قىلغان.
تەبىئىي ۋە راۋان، ئىپادىلەش ماھارىتى جانلىق، تىل- يېزىقى ئۆزگىچە بولۇش-- شى يىڭ نەسر ئەسەرلىرىنىڭ «يارقىن نۇقتىسى» دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنى نەچچە ئون يىللىق تۇرمۇشىنىڭ تاۋلىشى ۋە قەلىمىنىڭ چېنىقىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئاشۇ خىل جىمجىتلىق ئىچىدىكى ھەركەت، لېكىن ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقتەك، روھىنى ئۇرغۇتىدىغان نەسرنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى ياراتقان. ئۇ قەدىمكى جەڭ مەيدانىنى تەسۋىرلەپ: «پۈتۈن ئەتراپ ئاجايىپ جىمجىت بولۇپ، خۇددى تارىخ چوڭقۇر ئويغا پاتقاندەك، شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنى خالىمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى» دەپ يازغان. ئەمما، قەدىمى جەڭ مەيدانىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا كەڭ كەتكەن ئېتىزلار بولۇپ، بۇغداينىڭ ئۆسۈشى ياخشى ئىدى، مايسىلار شامالغا ئەگىشىپ ئېڭىشكەندە، يېشىللىق ئىچىدە نۇر چاقناپ تۇراتتى. ئۇ بۇنى تەسۋىرلەپ: «تۇرمۇشتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، ئېتىزغا سۇ قويۇپ، بەس- بەس بىلەن بۇغداي مايسىلىرىنى سۇغاردۇق» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئاپتور «تۇرمۇشنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىلا، قەلىمى ئاستىدىكى مەنزىرە ئىللىق ئېقىمغا ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇ: «ئادەم بىلەن يەر ئوخشاش، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدىن ئېيتقاندا، گۈللىنىش- خارابلىشىش ئۆزگىرىشى نورمال ئەھۋال. يۇقىرىقى بۇ قەدىمىي شەھەرلەر يەنىلا مەۋجۇت، كىم ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ھازىرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئىمكانىيىتى يوق دەپ ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ تىرىشىدىغانلا بولساق، ئالغا ئىلگىرىلىسەك، بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپالايمىز» دەپ قارىغان. بۇ بىر خىل ئاكتىپ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ خىل ئاكتىپ كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى بار تىل- يېزىق پۈتۈن كىتابقا سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن: ئاپتورنىڭ لۇ يوۋ توغرىسىدا: «بىر كېچە بوران- چاپقۇن چىققاندا، ئۇ‹كېچىدە يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، گويا تۆمۈر ئات مۇز دەريانى چۈشىدە كۆرگەندەك بولۇپ، تەسەۋۋۇرمۇ ئۈمىدكە ئايلاندى، غايە ئۇنىڭ ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ يەنە 17 يىل ياشىدى!» دىگەن بىر ئابزاس سۆزى بار.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى