قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى

2018-11-07 16:35:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دېققەتنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ  ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىن ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن 72 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
قۇمۇل شەھىرىدىكى «ئۆتەڭ كىرورەن» ئاشخانىسىدا، مۇلازىمەتچى ئەرافات ئەخەت مېھمانلارغا تاماق تىزىملاۋاتاتتى. ئۇنىڭ دوستانە تەبەسسۇمى، دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلىشى، ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمىتى خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئەرافات ئەخەت مۇنداق دىدى: ھازىر ئايدا 3 مىڭ يۇەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىۋاتىمەن، يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بىز بۇ يەردە دۆلەت ئورتاق تىلى، تېخنىكا- ماھارىتى قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. بۇ يەردە ئاكا- ھەدىلىرىمىز بىلەن بىللە خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتىمىز.
قۇمۇل «ئۆتەڭ كىرورەن» ئاشخانىسىدا، ئەرافات ئەخەتكە ئوخشاش خىزمەتچىلەردىن يەنە 29 ئەيلەن بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىن كەلگەن. ئاشخانا ئۇلارنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىگەندىن باشقا، يەنە پېشقەدەم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۇلار بىلەن قوشماق تۇغقان بولۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى. ئاشخانا دىرېكتورى جاڭ شىگاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتىمىز، قېرىندىشىمىزدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىلھام بېرىۋاتىمىز. ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ئىدىيەسىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدۇق. ئۇلار ھازىر خۇشال- خۇرام، خاتىرجەم ئىشلەۋاتىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىپ تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، بۇ يىل يەنە ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر- بازار، كارخانا، سانائەت باغچا رايونلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يېزا، كەنتلەردە «ھەمراھ زاۋۇت»، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزا گازۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قۇرغان «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» بۇ يىل 8- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، بۇ سېخ 150 كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر. ئىشچى زۇلپىيە ئىدىرىس مۇنداق دېدى: مەن بىر كۈندە چاپاننىڭ 500 تال يېڭىنى تىكىمەن، ئايدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1 مىڭ 500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، كۆپ ئىشلىسەم كۆپ ئالىمەن.بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى 100 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقىچە كېڭەيتىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈەن ۋە يەرلىك ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى پەرھات تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمگەك توختامى ئىمزالاش، ئىش ھەققى كىرىمى، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھالايمىز ھەمدە ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۆتكەلگەن خادىملارنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ھازىرقى ئىش ئورنىدا مۇقىم تۇرالايدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى