قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

12 يىل غاز بېقىپ، 25 مىليون يۈەن پايدا ياراتقان تارباغاتايلىق دېھقان»

2018-11-07 17:15:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان جاۋ چۈەنجۇاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى «شىنجاڭ ئۇچار غېزى» باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئۇ دەسلىۋىدىكى 380 غاز باقىدىغان ئاددى باقمىچىدىن نۆۋەتتىكى كۆلەملەشكەن، كوپىراتىپلاشقان غاز باققۇچىغا ئايلاندى. يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىلىغا 250 مىڭ غازنى سېتىپ چىقىرىپ، يىللىق كىرىمىنى 25 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.
بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جاۋ چۈەنجۇاڭنىڭ ئۇچار غاز مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭىيىپلا قالماي، يەنە «شىنجاڭ ئۇچار غېزى» نى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق 12 شەھەر، ئۆلكىگىچە كېڭىيىپ، قۇرۇتۇلغان غاز گۆشى، يېڭى غاز گۆشى، غاز تۇخۇمى قاتارلىق ئۇچار غاز مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ۋە ئىنترنىت تورىدا سېتىلىدىغان بولدى.
جاۋ چۈەنجۇاڭ غاز باقمىچىلىقىغا كىرىشىشتىن بۇرۇن، قىلىۋاتقان خىزمەتنىڭ باقمىچىلىق بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى. ئىلگىرى ئۇ شېغىل ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سودىسىمۇ يامان ئەمەس، يىلىغا مىليون يۈەنلەپ كىرىم قىلاتتى. 2006- يىلى، بىر قېتىملىق تاسادىپى پۇرسەتتە جاۋچۈەنجۇاڭ بىر ئۆي قۇشلىرى تەتقىقاتچىسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن تەبىئىي بايلىقنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى، ئەمما باقمىچىلىقنىڭ بىر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۈرى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا قىزىقىپ قالدى. ئۇ تەتقىقاتچىدىن نېمە باقسا، قانداق نەسلنى تاللىسا سودا پۇرسىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا «شىنجاڭ ئۇچار غېزى» باقمىچىلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.
«شىنجاڭ ئۇچار غاز» لىرى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە غاز تۈرى بولۇپ، ئادەتتىكى چوڭ ئاق غاز بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ پەرقى بۇ غازنىڭ بېشىدا تاجىسى يوق. بۇنداق غازنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى ئۇنىڭ گۆشىنىڭ چىڭ، تېرە ئاستىدىكى ياغ مىقدارىنىڭ ئاز، گۆش تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئادەتتىكى غاز سورتلىرىغا قارىغاندا كۆپ ياخشىلىقىنى بەلگىلىگەن. جاۋ چۈەنجۇاڭ شىنجاڭ ئۇچار غېزىىنىىڭ بۇ خىل ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، غاز باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا نىيەت قىلدى.
2006- يىلى 8- ئايدا، جاۋ چۈەنجۇاڭ ئىككى شېرىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ ئۇچار غېزى چۈجىلىرنى سېتىۋالدى. بېقىشقا كىرىشكەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇ بۇ خىلدىكى غازنىڭ توخۇم مەھسۇلاتى تۆۋەن بولغاچقا يەرلىكتە بۇنداق غازنى باقىدىغانلارنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى بايقىدى. ئۇلار بۇ نەسلنىڭ ئەلالىرىنى تاللاش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ئۇچار غازدىن ئاران دېگەندە 380 نى سېتىۋالالىدى. بۇنداق قىيىنچىلىق ئالدىدا جاۋ چۈەنجۇاڭ شىرىكىلىرى بىلەن ئازراقمۇ بوشىشىپ قالمىدى، ئەكسىچە ئۇزۇن يىللىق سودا تەجرىبىسىگە ئىگە جاۋ چۈەنجۇاڭ تېخىمۇ زور سودا پۇرسىتىنى تونۇپ يېتىپ، غاز بېقىشقا بولغان ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشتى.
گەرچە ئۇچار غاز باقمچىلىقىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما جاۋ چۈەنجۇاڭ بېقىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. 2007- يىلى  9- ئايدا، بىر يىللىق جاپالىق بېقىش ئارقىلىق، ئۇلار دەسلىۋىدە سېتىۋالغان 380 شىنجاڭ ئۇچار غاز چۈجىلىرى كۆپىيىپ 1 مىڭ 300 گە يەتتى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تۈجۈپىلەپ بېقىشى بىلەن، بۇ غاز چۈجىلىرى ساغلام، تىمەن چوڭ بولدى. بىراق، غازلارنى قولدىن چىقىرىدىغان پەيىتتە، ئويلىمىغاندا غازلار كاتەكتىن چىقىرىلغان تۇنجى كۈنىلا، مىڭ دانە غازدىن ئاران 200 ئى قايتىپ كەلدى، گەرچە ھەممەيلەن پاتپاراق بولۇپ، يايلاشقا قويىۋەتكەن ئوتلاققا بېرىپ غازلارنى ئىزلىگەن بولسىمۇ، بىراق غازلارنىڭ سايىسىنىمۇ  تاپالمىدى.
ئىلگىرى غاز باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ ئۇچار غازلىرى ئاق غاز بىلەن كۈلرەڭ غازدىن شالغۇتلاشتۇرۇلغاچقا، بەلگىلىك ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تۆت- بەش كىلومېتىر ئارىلىقتا ئايلىنىپ پەرۋاز قىلالايدىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا دان چېچىپ بەرمىگەندە، غازلارنى ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا قايتىپ كېلىشكە كۆندۈرمىگەندە، قولدىن چىقىرىش مەزگىلىدە جەنۇبقا كۆچكەن ياۋا غاز توپىغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولۇپ، قەيەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، جاۋ چۈەنجۇاڭ ھەر كۈنى كەچقۇرۇن غاز توپىغا كۆممىقوناق دېگەندەك دانلارنى چېچىپ بېرىپ، ئۇلاردا ئۇۋسىغا قايتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە غازلارنىڭ پەيلىرىنى ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ئازدۇر- كۆپتۇر قىرقىپ، غازلىرىنى ئېگىز ئۇچالمايدىغان، يىراققا ئۇچۇپ كەتمەيدىغان قىلدى.
2008- يىلى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، جاۋ چۈەنجۇاڭ غاز باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇۋىدى، 50 ئائىلىلىك دېھقان ئەزا بولۇپ قوشۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە غاز بېقىشقا كىرىشتى.
2011- يىلى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، جاۋ چۈەنجۇاڭ قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائامى-- قۇرۇتۇلغان غاز گۆشىگە ئېغىز تىگىپ، بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى.
غاز گۆشىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توغراپ تەييارلانغان سامساق بىلەن تۇز سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۇزلۇق سۇغا چىلانغان غاز گۆشى ئاپتاپقا يەتتە كۈن ئېسىپ قۇرۇتۇلغاچقا، ناھايىتى يېيىشلىك تەملىك گۆشكە ئۆزگىرەتتى. بۇ ئىش تىرىك ئۆي قۇشلىرى بازىرىدا تىجارىتىنى دېگەندەك يۈرۈشتۈرەلمىگەن جاۋ چۈەنجۇاڭنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغاندەكلا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نىشانىنى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىگە بۇرىدى. ئۇ قۇرۇتۇلغان غاز گۆشىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇمچە ئوراپ قاچىلاش بىلەن بىرگە يەنە قۇرۇتۇلغان غاز گۆشى بېسىلغان پولۇ چىقاردى. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇنداق مەززىلىك تائام بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، قۇرۇتۇلغان غازنىڭ بىر دانىسىلا 368 يۈەندىن سېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ شۇ يىلقى سېتىش سوممىسى 2 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنداق قىلىپ جاۋ چۈەنجۇاڭ ئاخىرى غاز باقمىچىلىقنىڭ پايدىسىنى كۆردى.
بۈگۈنكى كۈندە، «شىنجاڭ ئۇچار غېزى» باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دېھقانلار بارغانسىرى كۆپەيدى. 650 ئائىلىلىك ئۇچار غاز باقمىچىلىق ئائىلىسى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا تارالدى. بۇ تىجارەت ئەندىزىسى غاز باقمىچىلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ئۇچار غاز نەسلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.بۇلتۇر، جاۋچۈەنجۇاڭنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 250 مىڭ غاز سېتىپ، 25 مىليون يۈەنلىك پايدا ياراتتى. بۇ يىلمۇ ئوخشاش ساندىكى غازنى سېتىپ چىقىرىش مۆلچەرلەندى. نۆۋەتتە، %80 تى سېتىلىپ بولۇندى. غاز باقمىچىلىق كەسپىنىڭ بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جاۋ چۈەنجۇاڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىنىڭ توغرىلىقىدىن سۆيۈندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى