قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2018-11-07 18:16:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى

11- ئاينىڭ 5- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)

جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تارماق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەم رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قوللاش ھەم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ ۋېي، بەي جيې، ليۇ خۇڭشيا).
 تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى ئەسلىسەك، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش خەلقئارا ئىقتىساد- سودىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ؛ مەۋقەنى بۈگۈنگە قاراتساق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى رېئال تەلەپ؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى دەۋر تەلىپى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ.

  11- ئاينىڭ باشلىرىدىكى شاڭخەيدە ساپ ھاۋا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، كۈز تۈسى قويۇق ئىدى. شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئاساسىي مەيدانىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار جەم بولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا، سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچېز، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، لىتۋا زۇڭتۇڭى گېرباسكېيت، كىرودىيە زۇڭلىسى پۇليەنكوۋىچ، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى باختادز، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، مالتا زۇڭلىسى مۇسكات، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ، ئەنگلىيە يورك كېنەزى شاھزادە ئاندېرېۋ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد، دۇنيا بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جىن يۇڭ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازېۋېدو قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە، خەلقئارا سودا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت. بۇ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەركىن سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىزچىل مەيدانىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بۇرىۋەتكىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش. دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ چوڭ جاسارەت بىلەن، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ــــ ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوچۇق سىياسەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك؛ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد- سودا قائىدە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ــــ ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ــــ ھەرقايسى دۆلەتلەر سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلماسلىقى، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارشىلاشماسلىقى، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك؛ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان- تەرىگە تايىنىپ دۆلەت ۋە مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شانلىق داستانىنى يېزىپ چىقتى. جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنياغىمۇ بەخت ئاتا قىلدى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇكى، تاقىلىپ قالمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، باشتىن- ئاخىر يەرشارىنى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ بازىرى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئاكتىپ تۆھپە قوشقۇچىسى بولىدۇ. ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  بىرىنچى، ئىمپورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. جۇڭگو ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، ئىمپورت بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ؛ تاموژنا بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمپورت ھالقىسىدىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى ئازايتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بازارنى چىن سەمىمىيەت بىلەن ئېچىۋېتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەۋىيەلىك، ئۈنۈملۈك، بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ.

  ئىككىنچى، بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىدۇ. جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ ئىخچاملىدى، مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنى ئازايتتى، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىۋاتىدۇ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ياسىمىچىلىقتىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ، تېلېگراف، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ.

  ئۈچىنچى، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىدۇ. جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئائىت قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، چەت ئەلگە چېتىلىدىغان ئاشكارا، ئېنىق بولغان قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئىجازەتتىن ئىلگىرىكى پۇقرالىق تەمىناتىغا پاسسىپ تىزىملىك قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويىدۇ؛ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان تۈرلۈك كارخانىلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ؛ چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلىش بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە جازالايدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى كىرگۈزىدۇ.

  تۆتىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ، خەينەننىڭ قەدەم- باسقۇچلار بويىچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش سىياسەت ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ.

  بەشىنچى، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى زۆرۈر ئىسلاھ قىلىشنى قوللاش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشقا، جۇڭگو- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭگو- ياپونىيە- كورېيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو 2018- يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئەستايىدىل يولغا قويىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، سىلىق بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى شارائىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇزاققىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئومۇمىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاشتا كۆپلىگەن پايدىلىق شارائىتقا ئىگە. ئىلگىرىلەش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى تەدبىر قوللىنىپ پائال ھەل قىلىۋاتىمىز. ئىشىنىمىزكى، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلايدىغانلا بولساق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلا بولساق، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلا بولساق، ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ زور شىجائەت بىلەن ھەل قىلىدىغانلا بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا چوقۇم تېزدىن بۇرۇلۇپ كىرەلەيدۇ، جۇڭگو خەلقى ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلەلەيدۇ، جۇڭگو چوقۇم تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شاڭخەي قاتارلىق رايونلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تارماق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى؛ شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىشنى ھەم رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى؛ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قوللاشنى ھەم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭلا يالغۇز كىشىلىك ناخشىسى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي خورى. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، قىسمەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەدھىيەلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، دۇنيا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەمىمىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەنە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ مېھمان كۈتۈش زالىدا چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد- سودا مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  خۇ چۈنخۇا باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۇلىدۇ. كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايون رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 1500 دىن كۆپرەك كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

11- ئاينىڭ 5- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
  سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى