قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا داۋالاش بايلىقى ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ساغلاملىقنى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزدى

2018-11-08 15:40:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، داۋالاش بايلىقى ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ساغلاملىقنى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزدى.
 يېقىندا شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى مەمەتئېلى ئوبۇل جىگەر ئاسراش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش دورىلىرىنى ئېلىپ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇخېلىل بەكرىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئابدۇخېلىل بەكرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى. ئابدۇخېلىل بەكرىنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىگەر قېتىشىش كېسىلى بار ئىدى. بۇلتۇر مەمەتئېلى ئوبۇل ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولغاندىن كېيىن ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاشتا ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا دورا ئاپىرىپ بەردى ھەمدە ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى. ئابدۇخېلىل بەكرى مۇنداق دېدى: مەن ھازىر تازىلىققا دېققەت قىلىشنى، كېسەل كۆرسەتكەندە، دورا يېگەندە قانداق ئىشلارغا دېققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىۋالدىم. سالامەتلىكىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىممۇ ئاشتى، مەمەتئېلى ئاكامنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا ۋە ياردىمىگە رەھمەت.  
مەمەتئېلى ئوبۇل ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي بىلىمىم ئارقىلىق بۇ تۇققىنىمنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ساغلاملىقنى تۇققىنىمنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.   
 شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر 2016- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرىدىكى بەش كەنتتىكى 1 مىڭ 500 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشماقلىشىپ تۇققان بولۇش جەريانىدا ساغلاملىقنى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزۈپلا قالماي، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىغا «داڭلىق دوختۇر ئىشخانىسى» ۋىۋىسكىسىنى ئېسىپ، تۇققان يوقلاش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى خالىس تەكشۈردى. ئىككى يىلدىن بۇيان كېسىلىنى خالىس تەكشۈرگەن كېسەل 4 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى دۇڭ شۈنەن مۇنداق دېدى: كېسەللىرىمىز ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا تېببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ ئەلا داۋالاش بايلىقى، ئەلا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇرخانىمىزدىكى دوختۇرلارنىڭ ئاساسىي داۋالاش ئىقتىدارىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.     
 شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لو چاۋخۇي مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، داۋالاش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە كەنتكە يېڭى مۇنچا ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى سېلىپ بېرىپ، تۇغقانلىرىمىزغا ساغلام، پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە بىز قوشماقلىشىپ تۇققان بولغان كادىرلارنىڭ ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكى، داۋالاش كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئېتىز باشلىرى، ناھىيە- يېزىلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى