قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى پاسۇڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق رۇقىيەم مەمەت ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى «باشلامچى» بولۇپ قالدى

2018-11-08 15:51:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى پاسۇڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق رۇقىيەم مەمەت ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە. ئۇ ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىپ، باشقىلارغا تايىنىۋالماي شۇ جايدا ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتى قۇرۇپ، ئۆزى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى «باشلامچى» بولۇپ قالدى.
«مېھرى» ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى رۇقىيەم مەمەتنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتى ھازىر سائەتلىك مۇلازىمەت، ئائىلە تازىلىقى، بالا باققۇچى، تۇرۇبا يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويغان. ئادەم كۈچى قىس بولغاچقا، شىركەتتە دائىم رۇقىيەم مەمەت ئۆزى يالغۇز دىجورنىلىق قىلىدۇ.
رۇقىيەم مەمەت بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2008- يىلى توي قىلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يېرى ئاز بولغاچقا، كۈنلىرى غورىگىل ئۆتەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئۈرۈمچىگە ئاكىسىنى يوقلىغىلى كىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاكامنىڭ ئۆيىدە ئائىلە تازلىقچىسىنىڭ يوتقان كىرلىكىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆيىنى تازىلاپ بېرىپ 50 يۈەن تاپقانلىقىنى كۆردۈم. ئاكامدىن بۇ ئائىلە تازلىقچىسىنى ئۆي مۇلازىمىتى شىركىتىدىن تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ، مەندە تۇيۇقسىزلا ئۆز ئالدىمغا ئۆي مۇلازىمىتى شىركىتى ئېچىش ئويى پەيدا بولدى.
دەسلەپتە رۇقىيەم مەمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ قارارىغا قوشۇلمىدى. ئۇلار بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقىدىن، ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىك ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. ئەمما، رۇقىيەم مەمەت ئامال قىلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى قايىل قىلدى. 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۇنىڭ «مېھرى» ئائىلە مۇلازىمەت شىركىتى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ شىركىتىدە پەقەت ئالتە خىزمەتچىلا بولغاچقا، ئۇ كۆپچىلىكنى باشلاپ، خېرىدار ئىزدەپ، سودا يولىنى ئېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى. رۇقىيەم مەمەت مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت ئۆلچەملىك بولمىسا، خېرىدارلار پۇل بەرمەيدۇ. شۇڭا، مەن تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، كىتابلارنى كۆرۈپ، ئۆز ئالدىمغا ئۆگىنىپ، ئاندىن شىركىتىمدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدىم. تىرىشچانلىقىم نەتىجىسىدە بىزنى ئىزدەيدىغان خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى. 
مۇلازىمەتنىڭ ئەلالىشىشىگە ئەگىشىپ، شىركەتتە بىر تۈركۈم كونا خېرىدارلار كۆپىيىشكە باشلىدى. خېرىدار مەۋلان غۇلام مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ تازىلىق جەھەتتىكى مۇلازىمىتى بەك ياخشى، ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئىنتايىن رازى.
رۇقىيەم مەمەتنىڭ يولدىشى راخمان رېشىت مۇنداق دېدى: ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك، ھازىر ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتىدۇ. مەنمۇ شىركەتتە ئۇنىڭغا رېمونت قىلىش جەھەتتىكى ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىۋاتىمەن. ھازىر ئايدا 2 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمەن.
ئەلا مۇلازىمەت ۋە ياخشى نام شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر ئايلىق ىش ھەققىمۇ 2 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. شىركەت خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، نامرات ئائىلە ئاياللىرىنى ئالدى بىلەن قوبۇل قىلدى. شىركەتتىكى 27 ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە ئاياللىرى يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. رۇقىيەم مەمەت مۇنداق دېدى: تىرىشقاندىلا بارلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە مەن ئەتراپىمدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە يادەم قولۇمنى سۇنۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.
تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى