قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يەردىن يېپيېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش

2018-11-08 17:24:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− شىنجاڭ خوتەن، قەشقەردىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى رۇڭ چىخەن ساۋ جىخېڭ

 
 ئەسەبىزم ۋە تېررورىزم خەلقئارالىق مەسىلە، شۇنداقلا دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلە، نۇرغۇن دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش يولىنى پائال ئىزدىمەكتە. 

 شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئىلگىرى تېررورىزمنىڭ خەۋپىگە كۆپرەك ئۇچرىغان، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، توسقۇنلۇقىغا ئېغىر ئۇچرىغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم قانۇنغا خىلاپ يېنىك جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكا ئۆگىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يوقاتتى.  چەت ئەلدىكى قىسمەن تاراتقۇلار تەرىپىدىن «تۈرمە»، «جازا لاگېرى» دەپ بۇرمىلانغان بۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرى زادى قانداق يەر؟ ئۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ يېقىندا، مۇخبىرلار خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرىگە كېلىپ، نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ۋە ئوقۇتقۇچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت تەسىراتى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى. 

 «بۇ يەردە مەن تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمنى تاپتىم» 

 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان- تېررورچى كۈچلەر شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقان ئىناق تۇرمۇش تەرتىپى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئەڭ ئاساسىي ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى خالىغانچە دەپسەندە قىلىندى. 

 «ئەسەبىزم ئىدىيەسى تۇرمۇشۇمنى ۋەيران قىلدى». قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقان باھارگۈل ئەركىن قايغۇسىنى تەستە يوشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بەختسىز «ئۆيلىنىش»ىنى سۆزلىدى. 

 باھارگۈل ئېيتقان ئۆيلىنىش قانۇنسىز ئىدى. 15 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مەكتەپتىن چېكىندى ھەم ئۆزىدىن 40 ياش چوڭ «ياۋا ئاخۇن»(غەيرىي دىنىي خادىم)غا تەگدى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئارقىلىق «نىكاھ» ئوقۇتۇپلا، مەجبۇرىي نىقابلىق كىيىم كىيىپ بۇ ئەرنىڭ يەتتىنچى خوتۇنى بولدى.

  تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش بىر مەيدان قورقۇنچلۇق چۈش بولدى. «ئۇ مېنى دائىم ئۇراتتى، ئاغرىپ قالسام دوختۇرخانىغا بارغۇزمايتتى، دوختۇرخانىنى <مۇسۇلمانچە ئەمەس> دەپ قارايتتى». باھارگۈلنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرىكى ئېرىنىڭ نەزەرىدە ئاياللار ئەرلەرگە تەۋە بۇيۇم ئىدى.  بارا- بارا باھارگۈل ئېرىگە ئەگىشىپ قانۇنسىز ۋەز ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ھەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىشقا باشلىدى. «گۈزەل ياشلىقىم مانا مۇشۇنداق نابۇت بولدى، مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى». 

 ئەڭ ئاخىرى، بۇ ئازابلىق ئەسلىمىگە تولغان ئۆيلىنىش ئېرىنىڭ ئۈچ قېتىم «تالاق» دېيىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، باھارگۈل تاشلىۋېتىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، «ياۋا ئاخۇن» قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى، ئەھۋالى يېنىكرەك بولغان باھارگۈل تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كەلدى.  بۇ يەردە ئۇ «ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئەمەلىيەتتە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئارقىلىق پۇقرالارنى زەھەرلەپ، ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئاياللارنى ئالدايدۇ. بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز، چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ» دېگەننى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. قانۇن- نىزاملارنى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ تەدرىجىي نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى قايتا تاپتى.

  «2010- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئىنتايىن تېز تارقالدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپى قالاق، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىدىيە، قارىشى قالاق، ئىنتايىن ئاسانلا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ» دېدى خوتەن شەھەرلىك تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكەبىر ئابدۇقېيۇم. 

 شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش باشتىن- ئاخىر ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. «تەلىم- تەربىيە خىزمىتى بىر تۈركۈم ياشلارنى ھەقىقىي تۈردە قۇتقۇزۇۋالدى» دېدى ئابدۇكەبىر، ئۇلار ئىلگىرى قانۇنلۇق بىلەن قانۇنسىزلىقنى پەقەتلا ئايرىيالمايتتى، ھازىر خاتالىقىنى تونۇيالايدىغان بولدى، خاتىرجەم ھالدا ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا ۋاقتىدا تەربىيە ئېلىپ بارمىغاندا ۋە يېتەكلىمىگەندە، جىنايەت گىردابىغا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. 

 «مەن ئاخىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمغا يەتتىم» 

 خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى گازۇن كەنتىدىكى بىر كىيىم- كېچەك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، بۇرازىيە مەمەتتوختى باشقا ئايال ئىشچىلارنىڭ كىيىم تىكىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى، تۇرقىدىن ئازادىلىك ۋە ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى. 

 ئۇنىڭ تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يېزىدىكى زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەشنى تاللىغىنىغا خېلى كۈنلەر بولغانىدى، تۇنجى قېتىم تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كىرگەندىكى كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە. «ئازادە مەيدان، يورۇق سىنىپ، رەتلىك ياتاق، مېنىڭچە مەن ئوقۇيالمىغان ئالىي مەكتەپ مۇشۇنداق بولسا كېرەك». 

 بۇرازىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنىدى، لېكىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دادىسى قىز بالىنىڭ ئوقۇغىنىنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارايتتى. مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بارا- بارا دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نىقابلىق كىيىم كىيىپلا قالماي، يەنە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى. 

 «مەن دادام بىلەن تىركىشىپ باققانىدىم، لېكىن كار قىلمىدى، تاكى تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىلا، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ مەكتەپكە قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم». تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، بۇرازىيە باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن بىللە دەرس ئاڭلاپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندى، دەرستىن سىرت يەنە مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، ھەمدە تىككۈچىلىك ماھارىتىنى سىستېمىلىق ئىگىلىدى. «تەلىم- تەربىيە مەركىزى بىزگە ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ بەردى، دەرسنى بەك تەپسىلىي سۆزلەيدۇ، يەنە داۋالاش ئۆيى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت سوراش ئۆيى بار» دېدى ئۇ. 

 ھازىرقى خىزمەت ھالىتى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، بۇرازىيەنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئېرىم ماشىنا رېمونتچىلىقى قىلغاندا كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى، يەنە مېنى ئىشلىگىلى قويمايتتى. ھازىر ئىككىلىمىز تەربىيەلەش مەركىزىدە ماھارەت ئۆگەندۇق، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىشىمىز ھەل بولدى، ھۆكۈمەت سالغان ئوبوروت ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز، ئائىلىمىزنىڭ يۈكى يوق». ھەر كۈنى سەھەردە، ئۇ قىزىنى ۋېلىسىپىتلىك يەسلىگە ئاپىرىدۇ، كەچتە قىزىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىپ تاماق ئېتىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال- خۇرام ئۆتمەكتە. 

 قەشقەر شېنجېن سانائەت رايونىنىڭ ئىچىدە، قەشقەر شەھەرلىك تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى 1- تۈركۈمدە پۈتكۈزگەن تەربىيەلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇقەددەس ئەركىن ئاللىقاچان سېختىكى مەلىكىلىك ئىشچىغا ئايلانغانىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەش مەركىزى مېنىڭ يەنە بىر ئائىلەمگە ئوخشايدۇ، دائىم بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈم كېلىدۇ، ئۇ يەردىكى سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ۋە ساۋاقداشلىرىمنى بەك سېغىندىم، كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمغا ئوخشايدۇ». 

 «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى»

  10- ئاينىڭ بېشىدا، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسى ئالغا كەنتىدىكى ئابدۇنەبى ئابدۇرېشىت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ، تېزلا ئەسلىدىكى خەۋەرلىشىش شىركىتىگە قايتىپ خىزمەتكە چۈشتى. 

 خوتۇنى ئەسلەپ، ئىلگىرى ئابدۇنەبىنىڭ ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن نىقابلىق كىيىم كىيىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوتۇنىغا: سىز خىزمەت قىلىڭ، پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىڭ، شۇنىڭدىلا ئۆيدە ۋە جەمئىيەتتە ئورنىڭىز بولىدۇ، دېدى. 

 ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ نەزەرىدىكى ھېلىقى بوشاڭ ئابدۇنەبى كۆرۈنمەيتتى. «ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ياخشىلىنىپتۇ، سەھەر تۇرۇپ تازىلىق قىلىدۇ، تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىغان، تېخىمۇ ۋاپادار بولۇپ كېتىپتۇ» ئوغلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەۋاتقاندا دادىسىنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.  

قەشقەر شەھەرلىك تەلىم- تەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مىجىت مەخمۇت مۇنداق دېدى: «تەلىم- تەربىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا پۇتۇڭخۇا، قانۇن، بىر تۈرلۈك ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلىتىش ئارقىلىق مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئىش ئورنىغا، بېيىش ئىشىكىگە ئىگە قىلىش». 

 قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، چوڭ تىپتىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، يېزا- كەنتلەردە ھەمراھ زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. 

 كېرىيە ناھىيەلىك تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، يېمەكلىك زاۋۇتى، باسما زاۋۇت، ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسى، ئاياغ تىكىش زاۋۇتى قاتارلىق سەككىز كارخانا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ، 500 دىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتكۈزگەن تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. 

 «ھازىر شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇش، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولۇش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى، ئۇدا 21 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات ئازايدى، زامانىۋى پەن- تېخنىكا بىلىملىرىگە، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى. 

 كەچ كۈز مەزگىلىدە، خوتەن شەھەر رايونىدىكى كەچلىك بازارلار يەنىلا قىزىپ كەتكەنىدى. گۇاڭشىدىن كەلگەن جياۋ ئەپەندى دوستى بىلەن يەرلىك مەززىلىك تائاملارنى تېتىۋاتاتتى. بۇ ئۇنىڭ 2- قېتىم ئائىلە ئاپتوموبىلىدا شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشى ئىدى، «بۇ جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ، ساياھەتكە كېلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ، ھەر قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگىنىمدە كىشىلەرنى تولىمۇ قىزغىن ھېس قىلىمەن». 

 گەرچە ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قەشقەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يەنىلا ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا كۆپ بولدى. ھەر كۈنى سەھەردە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدى شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈشنى ساقلاۋاتقان ساياھەتچىلەرگە لىق تولىدۇ. 

 قەشقەر ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى ئالدىنقى توققۇز ئايدا، قەشقەر 4 مىليون 150 مىڭ ئادەم (قېتىم ) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 ۋە %45.6 ئاشقان، بۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىش يۈزلىنىشى يەنە داۋاملاشماقتا. 

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى