قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىنسانىيەت توغرا يولىدا داغدام ئىلگىرىلەش

2018-11-08 17:35:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىدىن خاتىرە
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

 
 ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغان تارىخ دولقۇنلىرىدا، ھامان بىر خىل كۈچ بۇلۇت- تۇمانلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، داغدام ئىلگىرىلەيدۇ. 

 «جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بازارنى چىن سەمىمىيەت بىلەن ئېچىۋېتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەۋىيەلىك، ئۈنۈملۈك، بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ.» 

 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايون رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500 دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان نەق مەيداندا ئاڭلىدى. 

 سەھنە ئاستىدا، چېخنىڭ 74 ياشلىق زۇڭتۇڭى زېمان ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغانىدى. بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، ئۇ بېيجىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانىدى. دەل ئاشۇ قېتىمقى مۇنبەر مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلىق خەۋىرىنى جاكارلىغانىدى. بۇ قېتىم، زۇڭتۇڭ زېمان كېلىشكىنى بويىچە 70 كە يېقىن چېخ كارخانىچىسىنى باشلاپ جۇڭگوغا كەلدى. 

 «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن تارتىپ ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈشكىچە، بۇ، جۇڭگو دۇنيانى تەمىنلىگەن يەنە بىر خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلات بولدى.  يۈكسەك ۋەزىيەت قارىشى، بۈيۈك تەدبىرى، كۈچلۈك ھېسسىيات. رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان جۇڭگوغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياغا قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى. 

 1. شەرقتىن كەلگەن شامال 

 «ناخشامنى ئۆيىڭىزگە ئالغاچ كېتىڭ، تەبەسسۇمىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...» 

 11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى قىرغىقىغا جايلاشقان شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئەزىز مېھمانلار ئاپتوموبىلى بىر- بىرلەپ بىنا ئاستىغا كېلىپ توختىدى. كىرودىيە زۇڭلىسى پۇليەنكوۋىچ، لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا... جۇڭگوغا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقىلى كەلگەن ئون نەچچە نەپەر چەت ئەل رەھبىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يېتىپ كەلدى. زال ئىچىدە، ئۆسمۈر بالىلار سەبىي ناخشىسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 

 سائەت 18 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن مەركىزىنىڭ 7- قەۋىتىدىكى مەرۋايىت زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى. 

 «بۇ ئادەتتىكى كۆرگەزمە ئەمەس، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم، زور تەدبىرى، جۇڭگونىڭ دۇنياغا بازىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى.» قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ گەپنى ئوچۇق قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى.  زىياپەت زالىدا لەرزان مۇزىكا ياڭراۋاتاتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. يىغىن مەركىزىنىڭ سىرتىدا، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى ئاستا- ئاستا شەرققە قاراپ ئېقىۋاتاتتى، كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاقنايتتى. 

 بوران- چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىدىن قورقماي، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان تەتۈر ئېقىمدىن قورقماي، دۇنيادا تۇنجى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ئاجايىپ نەزەرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. 

 ئۆزى پىلانلاش، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزى لايىھەلەش، ئۆزى تۈرتكە بولۇش، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، تاشقى دۇنياغا جۇڭگونىڭ بازىرىنى دۇنياغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشتەك تولۇپ- تاشقان سەمىمىيىتىنى كۆرسەتتى. 

 بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپلىگەن مۇھىم سورۇنلاردا دۇنياغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى ئەزىز دوستلارنى كاتتا مەرىكىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى − 

 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، بېيجىڭ، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە: جۇڭگو 2018- يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزىدۇ، دەپ جاكارلىدى. 

 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى، ۋىيېتنام شيەنگاڭ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ، بىز جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  2018- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، خەينەن، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ ئادەتتىكى كۆرگەزمە بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ بازىرىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي جاكايىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز. ھەرقايسى ئەلدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. 

 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، چىڭداۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپنىڭ بۇ يىل 11- ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. 

 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، بېيجىڭ، جۇڭگو- ئەرەب ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىل 11- ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە ھەم سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 

 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا جوھاننىسبۇرگ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، بازارنى دۇنياغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشنى قەتئىي قوللاشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  9- ئاينىڭ 3- كۈنى، بېيجىڭ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقا تاۋارلىرىنى، بولۇپمۇ ئافرىقىنىڭ غەيرىي بايلىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ.  ... 

 مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ «جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئومۇمىي لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشتىن تارتىپ، «جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تەستىقلاشقىچە، يەنە كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا تەكىتلەشكىچە، رەئىس شى جىنپىڭ «تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش» توغرىسىدا ئېنىق يوليورۇق بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىنچىكە پىلانلاپ تەييارلىق كۆرۈشىگە تۈرتكە بولدى. 

 «جۇڭگونىڭ تاشقى ئىقتىسادنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، سودا قورۇقچىلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى نامايان قىلىدىغان بەلگە خاراكتېرلىك سۇپا»، «جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى»، «كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 35 پۇتبول مەيدانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ»... خەلقئارا تاراتقۇلار ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئەنە شۇنداق يۈكسەك ئېتىبار بېرىشتى. 

 جۇڭگونىڭ تەكلىپى بىلەن ھەممەيلەن قەدەم تەشرىپ قىلدى. 

 172 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بەش چوڭ قىتئەدىن كەلگەن 3600 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىدىن 200 نەچچىسى كەلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى 400 مىڭ كىشىدىن ئاشتى... 

 «بىز جۇڭگونىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيەلەيمىز، بۇ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى» دېدى ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ. 

 «رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كارخانىلىرى 40 نەچچە رايوندىن كەلگەن، رۇسىيەنىڭ بارلىق رايونلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېدى رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ.  

«گەرچە مەن يىراققا سەپەر قىلىشنى ياقتۇرمىساممۇ، بىراق مەن چوقۇم جۇڭگوغا كېلىمەن» دېدى زۇڭتۇڭ زېمان. 

 قەدىناس دوستلارمۇ بار، يېڭى دوستلارمۇ بار. 

 دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا، سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچېز، بۇ يىل ئەمدىلا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئۆمەك باشلاپ كەلدى. 

 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مېدىنا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى «كەڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىڭىز ۋە قەتئىي سىياسىي ئىرادىڭىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كەسكىن قارارىنى چىقاردىڭىز»، «سىز بىر قارارىڭىز بىلەن 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بىلەن دوستلاشتىڭىز، جۇڭگو خەلقى سىز ۋە سىزنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ» دەپ ماختىدى. 

 سۆزنى ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، زۇڭتۇڭ مېدىنا چۈشىنىپ كۈلۈمسىرىدى. زۇڭتۇڭ مېدىنانىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، باشقا دۆلەتلەرگە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان قولىنى سۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بۇ نۇقتا كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ. 

 پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئاساسلىق مېھمان دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىمران خان پاكىستاننىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغاندىن باشقا، يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، نامراتلارنى يۆلەش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. «پاكىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە، ئەگەر قايسى دۆلەت بىزنى ئەڭ ئىشەنچلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، دېيىلسە، ئۇ جەزمەن جۇڭگو». 

 «جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ». رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. 

 «40 يىل بۇرۇن، جۇڭگو دۇنياغا تۇتاشقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كۆۋرۈكىنى سېلىشقا باشلىغان». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد كۆۋرۈكنى مىسال قىلىپ شۇنداق باھا بەردى − جۇڭگو گۈللىنىش كۆۋرۈكى، كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك سالماقتا. 

 2.دېڭىزدەك كەڭرى كۆڭۈل 

 «جۇڭگو ئىقتىسادى بىر پارچە بىپايان دېڭىز، بىر كۆلچەك ئەمەس». 

 «بوران- چاپقۇنلۇق يامغۇر كۆلچەكنى تەۋرىتەلەيدۇ، بىراق دېڭىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ».  

«سانسىزلىغان بوران- چاپقۇنلۇق يامغۇرنى باشتىن كەچۈرگەن دېڭىز يەنىلا ئۇ يەردە! 5000 نەچچە يىللىق جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو يەنىلا بۇ يەردە! كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو مەڭگۈ بۇ يەردە!» 

 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. 

 ئوبرازلىق «دېڭىز نەزەرىيەسى» جۇڭگو ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دېڭىزدەك كەڭرى كۆڭۈل- كۆكسىنى نامايان قىلدى. نەق مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. 

 باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ئىككى مەيدان پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى: بىرىنچى مەيداندا، مېھمان كۈتۈش زالىدا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش ھەم ئۇلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇش؛ يەنە بىر مەيداندا، ھەمبەھرىلىنىش زالىدا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش. 

 «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ». رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو داۋاملىق چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. 

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش سۆزلىرى كارخانىچىلارنى خاتىرجەم قىلدى. 

 كارخانا دۆلەتلەر ئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئاساسىي سۇبيېكتى. ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ياپونىيە، كورېيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ئەڭ كۆپ، كۆلىمىمۇ ئەڭ زور بولدى. يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرگەن ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، نۇرغۇن كەسىپتىكى باشلامچى كارخانىلار نەزەرىنى جۇڭگوغا قارىتىپ، جۇڭگوغا قەدەم تاشلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. 

 كۆرگەزمە باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىيەتكە دەلىل- ئىسپات بولالايدۇ: 

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا- تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو قوبۇل قىلغان چەت ئەلنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە %6 ئاشتى، ئومۇمىي سوممىسى 70 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ زور چەت ئەل بىۋاسىتە سېلىنمىسى ئېقىپ كىرگەن دۆلەتكە ئايلاندى؛ 

 دۇنيا بانكىسى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئۆتكەن بىر يىلدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يولغا قويغان ئىسلاھات سانىدا رېكورت ياراتتى، دۇنيا بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇشتا ئالدىنقى مەزگىلدىكى 78- ئورۇندىن 46- ئورۇنغا ئۆرلىدى، جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرى ئىسلاھاتى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولدى. 

 خەلقئارا تاراتقۇلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئامېرىكىنىڭ 180 گە يېقىن كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان بولۇپ، سان جەھەتتە كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇردى، نۇرغۇن كارخانىنىڭ ھەممىسى شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ باشچىلىقىدا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. جۇڭگونىڭ بازىرى ۋە ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىش كۈچى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولدى. 

 ئامېرىكا «ۋال سترېت گېزىتى» بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇزۇن تىزىلغان كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى: گوگول، بوئېئىڭ، كاتبول، فېيسبۇك، ئاممىباب ئاپتوموبىل، ھونىۋېل، تېسرا، كۇئالكوم. «خۇددى بۇرۇن جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيا ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولغاندەك، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئوخشاشلا غايەت زور ئېھتىياج ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ». 

 خەلقئارا كۆزەتكۈچى زاتلار مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كۆپىنچە ساھەلەردە ياكى ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازارغا ئايلاندى، ياكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازارغا ئايلانماقتا، بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر شىركەت جۇڭگو بازىرىغا كىرمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 

 «ئىمپورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» «بازار ئىجازىتىنى ئىزچىل قويۇۋېتىش» «خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىش» «سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش» «كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى دەل جۇڭگو بازىرىنىڭ دۇنيا بازىرى بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئىچكى لوگىكىسىنى ئېچىپ بەردى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ بېغىشلىدى. 

 ئامېرىكا گايتېس فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بىل گايتېس رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىغا «كىشىنى روھلاندۇرىدۇ» دەپ باھا بەردى، «بۈگۈنكى مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىتتا، جۇڭگونىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان روھتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ». 

 رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئىگىلەشتە توغرا بولغان تارىخ قارىشى، ئومۇملۇق قارىشى، رول قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. 

 تارىخنىڭ دۇربۇنى بىلەن قارىغاندا، ئۆتمۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئەسلەپ، تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى يەكۈنلىگىلى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، ئورتاق تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئويلىنىش. 

 ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلدى. 

 ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىمپورت ئارقىلىق جۇڭگونى ئۆزىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىشقا «قىستىدى» ھەم تۈرتكە بولدى. 

 ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، سودىدىكى چوڭ دۆلەتتىن سودىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. 

 ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش. 

 ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەينى ئىككى قېتىم تىلغا ئالدى − 

 11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۆزى خىزمەت قىلغان بۇ شەھەرگە مۇنداق باھا بەردى: «سودا ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدىغان، ھەممە ئەلنىڭ ئادەملىرى يىغىلىدىغان؛ مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، رەڭدارلىققا تولغان».

  باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «شاڭخەينىڭ كەينى تەرىپىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئالدى تەرىپى تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىدۇ، ئۇزاققىچە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كەيپىياتىغا باشلامچى بولىدۇ».  

«ئوچۇق، ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان بولۇش شاڭخەينىڭ ئەڭ روشەن خاراكتېرىگە ئايلاندى. بۇخىل خاراكتېر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىدىكى جانلىق كارتىنا». 

 قارشى ئېلىش زىياپىتىدىكى بىر تەپسىلات لايىھەسىگە چوڭقۇر مەنىلەر يوشۇرۇنغان: ئۇزۇنچاق شەكىلدىكى تاماق ئۈستىلىنىڭ مەركىزىدە، 20 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆك رەڭلىك سۇيۇق كىرىستال ئېكران بولۇپ، ئۆركەشلەۋاتقان دەريا سۈيىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. 

 شاڭخەي ھېكايىسىنى سۆزلەش، دەل جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلىگەنلىكتۇر. 

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، شاڭخەي جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى، يەنە دۇنيانىڭ جۇڭگوغا كىرىش جەريانىنى خاتىرىلىدى. 

 ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، شاڭخەي قاتارلىق رايونلارنىڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تارماق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى جاكارلىدى. 

 «جۇڭگو باشتىن- ئاخىر يەر شارىنى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، جۇڭگو باشتىن- ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، جۇڭگو باشتىن- ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ بازىرى، جۇڭگو باشتىن- ئاخىر دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئاكتىپ تۆھپە قوشقۇچىسى!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرى كەسكىن، قايىل قىلارلىق بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. 

 3. داغدام يولدىكى سەپەر 

 بىر يېرىم كۈن ۋاقىتتا، تۆت مەيدان كۆپ تەرەپ پائالىيىتى، يەتتە مەيدان ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدىكى ۋاقتى ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي، ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى. 

 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتە، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە دۆلەت سودا، مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، كۆرگەزمە سارىيىنى بىرلىكتە ئايلاندى. 

 ۋېنگىرىيە، مىسىر، ئەنگلىيە، چېخ، كېنىيە، سالۋادور، دومىنىكا، لائوس، گىرۇزىيە، ۋىيېتنام، پاكىستان، رۇسىيە... ھەر بىر كۆرگەزمە رايونى دەل ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن بەھرىلىنىدىغان سۇپىسى ئىدى.  چېخ سارىيىدا، زۇڭتۇڭ زېمان چېختا ئىشلەپچىقىرىلغان پىيانىنودا زوق بىلەن بىر مۇزىكا ئورۇنلىدى ھەم رەئىس شى جىنپىڭنى چېخ پىۋىسىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى؛ گىرۇزىيە زۇڭلىسى باختادز بىلەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى؛ لائوس سارىيىدىكى جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولى تۈرى قۇم مودېلى بىلەن پاكىستان سارىيىدىكى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كۆرگەزمە تاختىسى ئايرىم- ئايرىم جۇڭگو- لائوس، جۇڭگو- پاكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى نامايان قىلدى... 

 رەئىس شى جىنپىڭ ئىشتىياق بىلەن كۆردى، ھەم پات- پات سوئال سورىدى، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوغا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىنى بېيىتىپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 «... 300 , 200 , 100 » جۇڭگو سارىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات بۆلىكىدە، رەئىس شى جىنپىڭ لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇنى گۈللىنىش ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ھېس قىلىش بۆلمىسىنىڭ تەقلىدىي ھەيدەش سۇپىسىدا مەشغۇلات قىلىپ، سائىتىگە 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئېلىپ كەلگەن كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى تۇيغۇسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ كەينى- كەينىدىن «بەك تېزئىكەن» دەپ ماختىدى. 

 «بىز ھەممىمىز پويىزدا». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈۋەتتى. 

 قەدىمىنى توختىتىش، ھېس قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ئالماشتۇرۇش، مول مەزمۇنلۇق كۆرگەزمىدىن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىلىشقا قىيالماي قالدى، كۆرگەزمە سارىيىنى ئايلىنىش ۋاقتى ئەسلىدە بېكىتىلگەن پىلاندىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. 

 بىر تەپسىلات كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالدى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو تەرەپ ئالايىتەن ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان 35 دۆلەتنىڭ كارخانىلىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرى كۆرگەزمىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلالىدى: ئېفىيوپىيەنىڭ قەھۋەسى، زامبىيەنىڭ ھەسىلى، گامبىيەنىڭ مىللىي كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى، جەنۇبىي سۇداننىڭ قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى... 

 جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بازىرى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشىنى قوللىدى، ياردەم بەردى. 

 «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋېلىش، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەر ھەممىنى يەۋېتىش ماڭغانسېرى تارىيىدىغان بىر تۇيۇق يول، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا ماڭغانسېرى كېڭىيىدىغان ئىنسانىيەت توغرا يولى». ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.  شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى، بىر پارچە غايەت زور «تۆت يوپۇرماقلىق ئوت»، خۇددى بىر يەر شارى كەنتىگە ئوخشاش كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بىر- بىرىگە زىچ باغلايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشمۇ جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. 

 «جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ! جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ! جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەردانە ئاۋازى كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئۇزاققىچە ياڭرىدى. 

 بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ئەمدىلا قاتناشقانىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كەلدى، ھەمكارلىق ئۈچۈن كەلدى. 

 «بۇ يىللاردا سىز <بىر بەلباغ، بىر يول> ۋە جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتتىڭىز، ئىقتىساد جەھەتتىكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقاردىڭىز، بۇ قېتىمقى ئىمپورت كۆرگەزمىسى يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى زۇڭتۇڭ كېنياتا رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە. 

 سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچېز مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى «بىزنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىشىمىزنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بىزنىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە بىلەن تەمىنلىدى». 

 بۇ تارىختا توختاپ قالغان چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغان بىر كۆرۈنۈش: شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمان دوستلارنى خۇشال كۈتۈۋالدى، كەينىدىكى غايەت زور جۇڭگوچە رەسىم «باھار شامىلى يېشىللىققا پۈركىدى يەنە، چاڭجياڭنىڭ جەنۇب قىرغىقىنى» كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى −

  شەرقتىن شامال كېلىپ، تاغلار رەڭگارەڭ بېزىلىپ، ھەممە يەر ياپيېشىللىققا پۈركەندى. 

 (مۇخبىرلار: جياڭ ۋېي، چېن ئېرخوۋ، لى جۇڭفا، ليۇ خۇا، جاۋ چاۋ)

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى