قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 8يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە قۇملۇقتا مىڭ مو  ئېكولوگىيەلىك چىلان باغچىسى بەرپا قىلغان شۈي خەييۇڭ

2018-11-08 17:56:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ «شىنيۈەن» ئالتۇن مېۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈي خەييۇڭ 8 يىلدىن بۇيان «ئورگانىك، ئېكولوگىيەلىك» تىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يولىدا مېڭىپ، قۇملۇقتا مىڭ مو ئايلانما ئېكولوگىيەلىك چىلان باغچىسى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ «شىنيۈەن» ئالتۇن مېۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ چىلانلىق بېغىدا، شۈي خەييۇڭ چىلانلارنىڭ سۈپىتىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈۋاتاتتى. ئۇ يۇقىرى سۈپەتلىك چىلان ئۆستۈرۈشتە چوقۇم «ئورگانىك، ئېكولوگىيەلىك» ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى.
ئىلگىرى دۆلەت كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان شۈي خەييۇڭ 2008- يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، سودا ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىككى يىلدىن كېيىن، پۇل تاپقان شۈي خەييۇڭ يېشىل ئايلانما ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاقلىقىنى بايقاپ، خوتەن دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا رايونىغا كېلىپ شىركەت قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قۇملۇقتا ھېچ نەرسە ئۈنمەيدۇ، ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە قۇملۇق ئەڭ پاكىز. خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ۋە قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى مول بولۇپ، بىز 10 يىلدا يەر تېرىپ، باغ بەرپا قىلدۇق، ئويۇم بويىچە يېشىل ئايلانما يېزا ئىگىلىكى يولىدا ماڭدىم.
قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەش، تېمىتىپ سۇغىرىش، ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىش... شۈي خەييۇڭ دەسلەپتە چىلان كۆچىتى تىكىشكە ئالدىرىماستىن بەلكى، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ، قۇملۇقتا نەچچە ئون مىڭ تۈپ تېرەك تىكىپ ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلدى. شۈي خەييۇڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە كۆچەتلەرنىمۇ تىكەلمىدۇق، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بويىچە سالا ئېتىزلارنى بەرپا قىلدۇق. ئەمما، بىر كېچە چىققان قۇم- بوران بىزگە نۇرغۇن زىيان ئېلىپ كەلدى. ئاخىرىدا بىز يۇرتداشلارنىڭ كۆچەتنى قانداق تىكىدىغانلىقىغا قاراپ، ئۇلاردىن بۇنىڭدىكى ئۇسۇللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگەندۇق. بىز ئالدىدا تېمىتىپ سۇغىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 24 سائەت سۇغۇرۇپ، ئاندىن ئورەك كولاپ كۆچەت تىكىپ بولۇپ يەنە سۇغۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى يىلى كۆچەتلىرىمىزنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %90 كە يەتتى. 
شۈي خەييۇڭ ئايلانما ئېكولوگىيەلىك چىلانلىق باغنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يەنە باقمىچىلىق زاۋۇتى قۇردى ھەمدە ئەتراپتا كۆممىقوناق، قىزىلچا قاتارلىقلارنى تېرىپ، باقمىچىلىق زاۋۇتىنى تەبىئىي يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلىدى شۇنداقلا باقمىچىلىق زاۋۇتىدىن چىققان ئوغۇتنى ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ چىلانلىق باغنى ئوغۇتلاشقا ئىشلەتتى. شۈي خەييۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر تېرىقچىلىقتىن تارتىپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئوغۇت سېتىشقىچە بولغان ئايلانما ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۇردۇق. بۇنىڭدا ئوغۇتنى سىرتتىن سېتىۋالمىساقمۇ بولىدۇ. بىز يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ناچار چىلانلاردىن ئېنزىم ياساپ، يەنە قايتىدىن چىلان ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىپ، ناھايىتى ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك ئايلانما زەنجىر شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بارلىق ھالقىلاردىن تولۇق پايدىلىنىشتەك ياخشى ئايلىنىش ھاسىل قىلدۇق.     
2013- يىلى شۈي خەييۇڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئۇلىغان چىلان دەرىخى مېۋىلىدى. ئۇ چىلان ئۆستۈرۈش جەريانىدا سۈپەتكە قاتتىق كاپالەتلىك قىلغاچقا، چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، بازىرى ئىتتىك بولدى. بوشاشماي تىرىشىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ھازىر شىنجاڭ «شىنيۈەن» ئالتۇن مېۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 70 مىليون يۈەنگە يەتتى، چىلانلىق باغدا ئۆستۈرۈلگەن ئارغىماق چىلان ۋە سۈر چىلان دەرىخى 300 مىڭ تۈپكە، ئارغىماق چىلان «شاھى» 100 مىڭ تۈپكە يەتتى. شۈي خەييۇڭ كەلگۈسىگە قارىتا يەنە يېڭى پىلان تۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ يېنىدا يەنە 2 مىڭ مو يەر بار، مەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تۈرنى يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 100 ئائىلىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى