قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىدە سۇسلىشىش بولماي، ساياھەتچىلەر داۋاملىق كۆپەيدى

2018-11-08 18:00:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كەچ كۈز پەسلى بولسىمۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىدە سۇسلىشىش بولماي، ساياھەتچىلەر داۋاملىق كۆپەيدى.
ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن،10- ئاينىڭ1- كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە شەھەرنى ئېچىش مۇراسىمى ئەسلىدىكى ئەتىگەندىكى بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغا كۆپەيتىلدى. شەھەرنى ئېچىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە مەشرەپكە چۈشۈپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ سېھرى كۈچىنى ھىس قىلدى. بۇ-- ساياھەتچىلەرنىڭ قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىدىكى بىر چوڭ خۇشاللىققا ئايلاندى. شەھەرنى ئېچىش مۇراسىمىدىن كېيىن ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى ئارىلاپ، ئاستا رېتىملىق قەدىمىي شەھەر تۇرمۇشىدىن ھوزۇر ئالدى. مەنزىرە رايونىدا، تۈرلۈك دۇكانلارنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت پۇرىقى ۋە نازۇ- نىمەتلەر ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتتى. ساياھەتچى جاڭ لى مۇنداق دېدى: بۇ يەردىن كەتكۈم كەلمەي قالدى. بۇ يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرساممىكىن دەيمەن. بۇ يەردە نۇرغۇن نازۇ- نىممەت، گۈزەل مەنزىرىلەر بار بولغاچقا، بەك راھەت ئىكەن.
ھەر يىلى10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن11- ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىت-- پوسكام ناھىيەسىدىكى «ئالتۇن توغراق» دۆلەت «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. «توغراق، سۇ، بوستانلىق، چۆللۈك» تىن ئىبارەت تۆت خىل مەنزىرە بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆزگىچە تەبىئىي قىياپەت دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە، «ئالتۇن توغراق» مەنزىرە رايونىدا كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى 138 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى. شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى شېن گوخۇڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بۇ قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ بەكمۇ خۇش بولدۇم. نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتتىم، نۇرغۇن نازۇ- نىمەتلەرگە ئېغىز تەگدىم، پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ يى مۇنداق دېدى: بىز تارىخى مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، يىپەك يولى مەنزىرىسى ماكانى، تاغلار ئاتىسى شۇنىڭدەك يەنە ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى، مېۋە- چېۋە ماكانى، نازۇ- نىمەتلەر ماكانى، قاشتېشى ماكانى، ئۆمۈر چولپانلىرى ماكانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نام كارتىسىدىن باشقا يەنە 6 نادىر ساياھەت لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى جياڭجياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى 400 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنىدى.بۇ يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى 750 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. قەشقەر شەھىرى ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى مېھمانسارايلاردا «ياتاق ئېلىش تەس، ساياھەت يېتەكچىسى تېپىش تەس بولۇش» ئەھۋالى كۆرۈلدى.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى