قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ــــ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2018-11-08 18:42:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ــــ گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، ھازىر يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەرنىڭ «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم بېرىدىغان جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، گۇما ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىگە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشىكىنى ئېچىپ، «مىڭ كىشىنى ئەنخۇيغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» نى پائال يولغا قويغان.
گۇما ناھىيەسىنىڭ موكويلا يېزا كونا بازار كەنتىدىكى بۇزەينەپ مەمەتتۇرا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ئارقىلىق، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇەيبېي «خۇافۇ» رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە «مىڭ كىشىنى ئەنخۇيغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتى.
بۇزەينەپ مەمەتتۇرا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغاچقا، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى سۆزلەش ئىقىتىدارىنى ناھايىتى تېزلا جارى قىلدۇرۇپ، قىسقىغىنە 10 ئايدا توقۇمىچىلىق سىنىپىنىڭ بەنجاڭى بولدى. «ھازىر ئاتا- ئانامغا ھەر ئايدا پۇل ئەۋەتكەندىن باشقا، مائاش كارتامدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلۇم بار بولدى» دېدى، بۇزەينەپ مەمەتتۇرا خۇشال ھالدا.
بۇزەينەپ مەمەتتۇرانىڭ تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارمۇ غەيرەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇزەينەپ مەمەتتۇرا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز ئالتە مو يەرگە ياڭاق، چىلان ئۆستۈردۇق ھەم كۆممىقوناق تېرىدۇق، يىللىق ساپ كىرىمىمىز ئاز دېگەندە 5 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ؛ ئىككى ئېشەك، ئون قوي باقتۇق، بۇنىڭدىنمۇ بىر يىلدا 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز؛ ئاتام يەنە يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تاماق ئاپىرىپ بېرىپ، ھەر كۈنى 40 يۈەن پۇل تاپىدۇ. مېنىڭ ھەر يىللىق 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىمنى قوشقاندا، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئائىلىمىز بۇ يىل نامراتلىقتىن جەزمەن قۇتۇلىدۇ».
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى ھازىرغىچە 3 مىڭ 111 نامرات كىشىنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى، خۇەيبېي شەھىرى قاتارلىق 9 شەھەردىكى 15 كارخانىغا يۆتكەپ ئشىقا ئورۇنلاشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن، يەنە ئەنخۇي- گۇما سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى باغچا رايونىغا كىرىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
بۇلتۇر 11- ئايدا، گۇما ناھىيەسى گۇما بازىرىنىڭ توخۇلا قاش كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇللا مەمتىمىن سىناپ بېقىش ئويى بىلەن گۇما ناھىيەسىدىكى «خەيلو» قېلىپلاشقان ماتېرىيال ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىگەن ئىدى. «مەن ھازىر ئوراپ قاچىلاش سېخىنىڭ خىزمەتچىسى، ھەر ئايدا 3 مىڭ 500 يۈەن مائاش ئالىمەن، ئايالىم ۋە بالامغا ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن، مەن ھازىرقى خىزمىتىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن» دېدى، ئابدۇللا مەمەت پەخىرلەنگەن ھالدا. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ياردىمىدە «خەيلو» قېلىپلاشقان ماتېرىيال ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى 2 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى يەنە 15 مىليون يۈەن كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ «ياردەم ئۆسۈملۈك كېپىللىك قەرز پۇل» تۈرى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ خەۋپ- خەتەر مەبلىغى فوندى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، 23 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 6 مىڭ نامرات كىشىنى يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ 36 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «نامراتلارنى يۆلەش قويى»، «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، باشلامچى كارخانا، ھەمراھ زاۋۇت ۋە يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلىشىش كەسىپ تەرەققىيات مېخانىزىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتتى. خېفېي شەھىرىدە گۇما ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىر تۈركۈم تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، گۇما ناھىيەسىگە ماكانلاشتۇردى، 7 مىڭدىن ئارتۇق ياشنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى