قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ ‹سىردىشى› بولۇشتىن ياخشى بېيىتىش ياردەمچىسىگە ئايلىنىش

2018-11-08 18:44:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزا جىگدەتوقاي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخەت رېھىم «بەنزىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ جەڭگىۋارلىق رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، ئاممىنى يېتەكلەپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان» كەنت كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئامما بىلەن تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.
 ئەخەت رېھىم 2011- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، چوقۇم كۈچلۈك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ، ياخشى يېتەكلەپ مېڭىشنى قارار قىلدى.
ئەخەت بەنزە ئەزالىرى بىلەن بىللە ياچېيكا خىزمىتى ۋە كەنت ئىشلىرى خىزمىتىدە ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى دائىملىق خىزمەت تەرتىۋىگە كىرگۈزدى؛ قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىكنى كەڭ قورساق بولۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئاممىنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۆگىنىشنى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، بەنزە ئەزالىرىنى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش، ئىلغار نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، يېزا ئورگانلىرىدىكى كەسپىي تايانچلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەتكۈزۈپ، ئۇسۇل ئۆگەتتى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقىدىن سىياسەت، نەزەرىيە بىلىملىرىنى، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بەنزە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈردى.
 ئۇ، «مەنبەدىن» تۇتۇپ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرىنى باشلاپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئارقىلىق، ئىقتىدارلىق، ئوي- پىكىرى بار، كەنت ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىي سەپتىن قايتقان ۋە كەسپ ئالماشتۇرغانلار قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەنت دەرىجىلىك زاپاس ياش كادىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، كەنتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر زاپاس كۈچ توپلىدى.
«ئۇزۇندىن بۇيان، كەنت خىزمىتىدە نېمىنى ئورۇنلاشتۇرسا شۇنى قىلىپ كېلىۋاتقانىدۇق، ئەمما ئەخەت كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە خىزمەتلەرنى مەسلىھەتلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، خىزمەتتە تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى» دېدى، كەنت ئاياللار مۇدىرى گۈلنىسا رېھىم.
«بۇ ئورۇنغا چىققان ئىكەنمەن، مەن چۇقۇم ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلىشىم كېرەك». مانا بۇ ـــ ئەخەت دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆز. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ مۇشۇ يەردە  ئۆسۈپ چوڭ بولغان، كەنتنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ، كەنتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەككە، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قالاق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساقلاپ تۇرۇش، تاينىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۇلۇق چۈشىنىدۇ. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» نى يېتەكلەپ، ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى كۈچەيتىش، چارۋا - مالنى كۆپەيتىش، باغۋەنچىلىكنى گۈللەندۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى.
«تەرەققىيات يۆنىلىشى بېكىتىلدى، بىراق دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟. ئەخەت بۇ مەسىلىنى قايتا- قايتا مۇلاھىزە قىلدى. «نەزەر دائىرىنىڭ قانداق بولۇشى مەنزىلنى، پىكىر يولىنىڭ قانداق بولۇشى چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ». ئەخەت كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بەنزە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى باشلاپ سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتتى.
 كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، يېزىلاردا ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى قەرەللىك ئاچتى ھەمدە دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ لېكسىيە سۆزلەش، كەچلىك كۇرستا ئۆگىنىش، كەنت رادىيو ئۇزىلى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش سەھىپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق بېيىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. ئۇ، ئاكتىپلىق بىلەن كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئالدى بىلەن پىگمېنتلىق لازا  قاتارلىقلارنى تېرىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تىپ ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئاممىنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.
 «بۇلتۇر كەنت كادىرلىرى پىگمېنتلىق لازا تېرىپ كۆپ پۇل تاپتى، بۇ يىل مەنمۇ ئىككى مو يەرگە تېرىدىم، كەنتتىكىلەر يەنە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ يىل ئىككى مو يەردىن خېلى كۆپ پۇل تاپتىم» دېدى، كەنت ئاھالىسى مىجىت ھېيىت.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەل رايىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، ئەخەت قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزە ئەزالىرىنى باشلاپ ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ سىياسەتلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىق سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە، تولۇق ئىشلىدى.
 ئەخەت بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، 121 ئۈزۈم جازىسى ياسالدى، بىر بېلىق كۆلچىكى رېمونت قىلىندى، ھەر يىلى 50 نەپەر ياش تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، 213 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىندى، ئۈچ كىلومېتىر ئاسفالىت يول ياسالدى. ھازىر جىگدە توقاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسى يېڭىلىنىپ، كۈنلىرى  ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە، ئۇلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلىۋىلىنىپ، يانچۇقىدىكى پۇلىمۇ كۆپىيىشكە باشلىماقتا.
 ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن باشلاپ، ئەخەت كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىرى كۈنى پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، كەنتتىكى قېرى، ئاجىز، كېسەل قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش قاتارلىق پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەم ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
 «مائارىپ ــــ يېزا بالىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى». ئەخەت كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بەردى. ئەخەت باشلامچىلىق بىلەن بالىلارغا ئوقۇش قوراللىرىنى ئىئانە قىلدى ھەمدە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، 20 نەپەر نامرات ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش قوراللىرى ۋە 100 پارچە ھەر خىل كىتاب، 200 پارچە تەشۋىقات رەسىمى، قىزىل گالستۇك قاتارلىق بۇيۇملارنى تەقدىم قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. كەنت ئاھالىسى روزى: «ھازىر كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقەتەن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيىمىزگە بېرىپ بىزدەك مۇشۇنداق ھەرىكىتى قولايسىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، ھېيت بايراملاردىمۇ دائىم ھال سورايدۇ، ئەخەت شۇجى ھەقىقەتەن يارايدۇ» دېدى رازى بولغان ھالدا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى